ئۇزىتىش خاتىرىسى
تەۋە تۈر: نەزمىي ئەسەرلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2015/01/02 | ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,349 قېتىم

ئۇزىتىش

(2009-يىل بىلەن خوشلىشىش خاتىرىسى)

مۇھەممەد كامال خۇشخۇي

ئۇزاپ كەتتى ئون ئىككى مېھمان،

ھەر بىرىدە ئوتتۇزدىن دەپتەر.

دەپتىرىنى تۇتمىدى پىنھان،

يېيىپ قويدى دىللارغا قەدەر.

 

ھەر دەپتەردە يىگىرمە تۆت قۇر،

ھەر بىر قۇردا ئاتمىشتىن تىنىق.

تىنىق دېگەن ئارانلا بىر ھور،

«ئۇھ»دېگۈچە سۇنىشى ئېنىق.

 

قاراپ قالدىم دەپتەرنى ئېچىپ،

گاھى بەتتە ئېچىلغان گۈللەر.

كۆپلىرىدە خىيالىم قېچىپ،

ئىسسىق ياشتا يۈرەكنى ھۆللەر.

 

بىر كۆزۈم ياش،بىرىدە شادلىق،

مېھمانلارنى تۇرسام ئۇزىتىپ.

ئىشىك چەكتى بىرى خوي تاتلىق،

تۇرماقتىمەن ئۇنى كۈزىتىپ.

 

تەشۋىش چۈشتى دىلىمغا مۇزدەك،

يېڭىسىنىڭ خۇيىدىن غەم يەپ.

سىياقىغۇ تۇرىدۇ ئۇزدەك،

قالدى ئەمدى ئىنسابىدا گەپ…

2009-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى(پەيشەنبە)،گۇما-كۆكئوتاغ.

 

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)