ياش تۆكتى يۇرۇڭقاش،تەۋرەپ كوئېنلۈن
تەۋە تۈر: نەزمىي ئەسەرلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2014/02/22 | ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,311 قېتىم

ياش تۆكتى يۇرۇڭقاش،تەۋرەپ كوئېنلۈن

(ئاتاقلىق شائىر تىيىپجان ئىلىيۇپ ۋاپاتىنىڭ 25 يىللىقىغا ئاتايمەن)

مۇھەممەد كامال خۇشخۇي

 

ئۆتتىڭىز ئالەمدىن شائىر تىيىپجان،

بەرگىدىن ۋاقىتسىز غازاڭ چۈشكەندەك.

زۇلمەتكە چۆمۈلدى پىغاندا يۈرەك،

كۆكتىكى بىر نۇرلۇق يۇلتۇز ئۆچكەندەك.

 

بىز قالدۇق ھەسرەتتە يېتىم قوزىدەك،

كۆز ئەمەس يۈرەكتىن سىرغىتىپ قان-ياش.

تەۋرىدى تەڭرى ۋە كوئېنلۈن تېغى،

مۇسىبەت شارابى ئىچتى يۇرۇڭقاش.

 

ئاتمىشقا ئۇلاشقان بىلەن يېشىڭىز،

ئۇقچىيتتى ھېسسىيات بۇلاقتەك تىنماي.

كەۋسەردىن تەم ئالغان ئاشۇ بۇلاقتىن،

ئىچەتتۇق شەربەتلەر يېنىشلاپ قانماي.

 

ئاھ،ئىسىت خەلقىمنىڭ كۈيچى بۇلبۇلى،

بىز ئەندى كىم بىلەن ئوقۇيمىز ناخشا.

بەرگەندە يۈرەككە<<باھار ئىلھامى>>①

كىم بىلەن توقۇيمىز<<تۈگىمەس ناخشا>>②

 

شوخ بۇلبۇل كۆز يۇمۇپ كۈيسىز قالدى باغ،

چۆمدى ئاھ،سۈكۈتكە بىر پۈتۈن دۇنيا.

ئەلۋىدا! ۋەتەننىڭ كۈيچى شائىرى،

ھاياتسىز،دىللاردا ياشايسىز گۇيا!

1989-يىلى فىۋرال، گۇما.

②① شائىرنىڭ شېئىرى توپلاملىرى

 

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)