ئابدۇلئەزىز مۇبارەكشاھ شېئىرلىرى
تەۋە تۈر: نەزمىي ئەسەرلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2014/06/20 | ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 940 قېتىم

ئابدۇلئەزىز مۇبارەكشاھ شېئىرلىرى

يالغۇزۇم

قېشىڭدەك قارايدى قارا تۈن،
يۇلتۇزدەك ئۇچتۇڭمۇ يۇلتۇزۇم.
نېمانچە ئەيلەندى بۇ گەردۇن،
مەن ھامان يالغۇزمەن،يالغۇزۇم.

گەۋھەرىم گەۋھەرگە چاپتىڭمۇ،
بىر دۇنيا بولاردىم مەن ئۆزۈم.
تەڭسىزىم تېڭىڭنى تاپتىڭمۇ،
مەن ھامان يالغۇزمەن،يالغۇزۇم.

سۆيمىدىم باشقا بىر سەنەمنى،
يا قەلبىم كور بولغان يا كۆزۈم.
مەن يالغۇز ئوغلىمەن ئانامنىڭ،
مەن ھامان يالغۇزمەن،يالغۇزۇم.

سەن ئەركە ئوغلۇڭنى ئەركىلەت،
تىزىمنى قۇچاقلاي مەن ئۆزۈم.
كۆكسۈمدە يىغلايدۇ بىر نالە،
مەن ھامان يالغۇزمەن،يالغۇزۇم.

خاتىرە

كۆپ قوللار بېشىمنى سىلىدى،
قانچە قول بەختىمنى تىلىدى،
سەۋەبىن بىر خۇدا بىلىدۇ،
ئانامنىڭ قوللىرى باشقىچە.

كۆپ ئىنسان مەن ئۈچۈن مېھرىبان،
قانچىسى خۇشپىئىل،خۇشزۇبان.
ئىچىمنى تىرنايدۇ بىر ئارمان،
ئانامنىڭ تىللىرى باشقىچە.

يولىدىن ئاداشقان كارۋانمەن،
قاياققا يول ئالدىم؟ھەيرانمەن،
ئانامغا يېتەلمەي سەرسانمەن،
ئانامنىڭ يوللىرى باشقىچە.

زار بولدۇم ئانامنىڭ مېھرىگە،
بارىدا يەتمىدىم قەدرىگە،
گۈل تىكەي دەيمەنۇ قەبرىگە،
ئانامنىڭ گۈللىرى باشقىچە.

روھلىرى نۇر چاچار يولۇمغا،
قۇرئانداز تۇتقۇزار قولۇمغا،
«ئوغلۇم بۇ خۇدانىڭ قىسمىتى
يوق،لەنەت ئوقۇما ئۆلۈمگە»!
ئانامنىڭ دىلى ھەم باشقىچە.
1994-يىل
مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ئۇيغۇرچىلاشتۇردى

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)