ھەلەپ يىسە ساقىيىدۇ
ياقۇپ بەگ ئوردىنىىڭ ئېچكەركى ئۆيىگە بىر كالىنى سولاتقۇزۇپ، مۈڭگۈزىگە باغلانغان يىپنىڭ بىر ئۇچىنى ئۆزى ئولتۇرغان يەرگىچە چىقىرىپتۇ دە، سوپى ئاخۇنۇمنى چاقىرتىپ كىلىپ: پېقىرنىڭ مىجەزى يوق، تۇمۇرۇمنى تۇتۇپ بېقىڭ . دەپ يىپنى تۇتقۇزۇپتۇ. سوپى ئاخۇنۇم يىپنى تۇتۇپ كۆرگەندىن كىيىن : تەقسىر بۇ كىسەلگە كىپەكنى كوپرەك سېلىپ، سامان بىلەن ھەلەپ ئىتىپ بەرسە ئىنشائاللا ساقىيىپ كىتىدۇ دەپتۇ .
بىر يىلى ھېيتتا موللا باقى ئوردىغا ماڭىدىغان كوچا ئېغىزىدا يامۇلدىكى مەخسۇت باينىڭ مانجۇچە كىيىنگەن غالدا يوغان كۇرسىدا كېرىلىپ ئولتۇرۇپ بەگلەرگە قول شىلتىپ سۆزلەۋاتقىنىنى، خالايىقنىڭ ئەتراپقا ئولىشىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۇپتۇ. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بەگلىرىم،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جامائەتىم ، _ دەپ سالام بېرىپتۇ ئۇ ئاتتىن چۈشۈپ . جامائەت جاۋاب سالام بېرىپتۇ لېكىن مەخسۇت باي ئورنىدىن قوزغالماي، ئۇنى مەنسىتمىگەن ھالدا : ۋەئەلەيكۇم ، تاغلىق ، ئاتىسى قوچقار، ئانىسى ساغلىق ، _ دەپ سۆز تاشلاپتۇ. خوش بەگلىك ، بېشى پۈچەكلىك ، ئاتىسى مانجۇ ، ئانىسى يەرلىك ،_ دەپ جاۋاب قايتۇرۇپتۇ موللا باقى .
كوچا مەسچىتىنىڭ ئىمامى : مۇشۇ كەمدە ئىتنىڭ بېشىغا ئۇرسا، قازى ئاچچىقلايدىغان بولۇپ كەتتى ، د_ دەپتۇ . ناقىس ئۇنىڭغا جاۋابەن : ئەمىسە سىلىنىڭ باشلىرىغا ئۇرمىساق بولغۇدەك دەپتۇ.
نايىخان ياش ۋاقتىدا شىمرا خېنىم بىلەن ، ئۇنىڭ قىمار ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ ئاچچىقىدا بىر نەچچە شاپىلاق سېلىۋەتكەن ئىكەن. شىمرا خېنىم يامانلاپ ئۆيىگە بارغاندا، ئانىسى نايىخاننىڭ ئۈستىدىن قازىغا ئەرىز قىلىپ : قىزىم ئايدەك ئىدى . نايىخان دىگەن قەلەندەر ئۇرىۋېرىپ چۈچۈلىدەك قىلىپ قويدى. ئەرزىمنى ئوبدان سوراپ بەرسىلە دەپتۇ . قازى نايىخاننى چاقىرىپ ئەكىلىپ : سىنىڭ ئايالىڭ ئەسلى ئايدەكمىدى؟ _ دەپ سوراپتۇ . نايىخان :
ئايمىدۇ ، ئايلامىدۇ
ئايغا بۇلۇت دالدامىدۇ
ئاي بولسا ئاپئاق بۇلۇردى
قارا ئايلارمۇ بارمىدۇ
دىگەندە قازى كۈلۈپ كىتىپ نايىخانغا ئايالىنى قۇشۇپ قۇيۇپتۇ.
باينىڭ ئۆيىدىكى ئولتۇرۇشتا موللا غازى بىر_ئىككى پەدە ساز چاپتۇ ، كەينىدىن ئۇسۇل ئويناپتۇ. موللا غازى دەپتۇ ئۆي ئىگىسى باي __ سەن ئۇسۇلنى ھەقىقەتەن ياخشى ئوينايدىكەنسەن ، ھەركەتلىرىڭمۇ سىلىق ئىكەن . مەن ساڭا قايىل بولدۇم. مۇبادا خوتۇن كىشى بۇلۇپ قالغان بولساڭ ، خېنىمنىڭ ئۈستىگە ئېلېپ قۇياتتىم. _ رەھمەت باي ئاكا __ دەپتۇ موللا غازى ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ ، _ خېنىمنىڭ ئۇستىگە ئەپ قويمىسىلىمۇ كۆرسىتىپ قويسىلا ئۆزۈم چىقالايمەن.
روزى قارىم قوشنىسى بىلەن بىرلىكتە يىلقىغا قوشقان ئاتلىرى تاغدىن يانغان كۈنى قوتاندىن ئېلىۋېلىش ئۈچۈن بارسا ، قوشنىسىنىڭ تېيى يوق ئىكەن . تاينىڭ دىرىكىنى قىلسا ، يىللىقچى : تېيىڭىز ئۈلۈپ قالدى ، _ دەپتۇ. روزى قارىم دادا ، _ دەپتۇ قوشنىسىنىڭ ئوغلى يىلقىغا ئېلىپ ماڭىدىغان چاغدا ، ئاتام تاينىڭ بېشىدىن بىر ناننى ئۆرۈپ بەرگەن ئىدى. تاينىڭ شورپىسىغا چىلاپ يىسۇن دەپ بەرگەندۇ ، _ دەپتۇ روزى قارىم
مەنبە ؛ ئۇيغۇر كۇلكە چاخچاقلىرى توپلىمى
- يازما سانى: 540 پارچە
- باھا سانى: 59 پارچە
- تۈر سانى: 6 پارچە
- خەتكۈش سانى: 24 پارچە
- قۇرۇلغان ۋاقىت:
- تور بېكەت ئېچىلغىلى 16673 كۈن بولدى
- يېڭىلانغان ۋاقتى: 2015-06-22
بەك ياخشى مەزمۇنلار بىلەن تولغان مۇنبەركەنغۇ بۇ؟