«شىنجاڭ تارىخى» كىتابلىرى ۋە ھەر خىل «تەزكىرىلەر» نىڭ خەۋەر بېرىشىچە، 10-ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمىدىن 11-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يىللىرىغىچە بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى خوتەن خەلقى بىلەن ئىسلام دىنىدىكى قەشقەرنى مەركەز قىلغان قارا خانىيلار ھاكىمىيىتى ئوتتۇرىسىدا تەخمىنەن 30 يىلغا يېقىن دىنىي، سىياسىي ئۇرۇشلار داۋام قىلغان ئىدى. بۇ ئۇرۇشتا تاكتىكا نوقتىسىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرى نامى بىلەن ئىران، ئىراق، سۈرىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق جايلاردىن كەلتۈرۈلگەن 15 تىن ئارتۇق پىدائىي «ئىمام» ۋە قارا خانىيلارنىڭ كۆپلىگەن لەشكەرلىرى خوتەننىڭ قۇم-باياۋانلىرىدا «شېھىت» بولغان، بۇ شېھىتلەرنىڭ قەبرىسى ھازىرقى خوتەن ۋىلايىتى يەتتە ناھىيىسىنىڭ ھەممىسىدە بار ھەمدە تاۋاپ قىلىنماقتا. مەسلەن، «ئىمام جەئپەر سادىق، ئىمام جەئپەر تەييار، ئىمام ھەمدى ئاخىر زامان، ئىمام ئەتپەھ، ئىمام ئاسىم، ئىمام مۇسا كازىم، ئىمام ئەسكەر، ئىمام مۇھەممەد نەقى، ئىمام مۇھەممەد تەقى قاتارلىقلار. ئەمەلىيەتتە يۇقىرىدا ئىسىمى ئاتالغان تارىخىي شەخىسلەر شىنجاڭغا كەلمىگەن، ھازىرغىچە سەئۇدىي ئەرەبىستان، ئىران، پاكىستان، ئىراق قاتارلىق مەملىكەتلەردە ئۇلارنىڭ شەھبەرەلىك تەرتىپتە بايان قىلىنغان ئېنىق تارىخىي تەزكىرىسى ۋە قەبرىلىرى بار، لېكىن خوتەن خەلقى شۇ قېتىم ئېلىپ بېرىلغان جىددىي دىنىي-سىياسىي ئۇرۇشتا قارا خانىيلار قوشۇنلىرىدىنمۇ ناھايتى نۇرغۇن كىشى قۇربان بولغان،شائىر زەلىلىي بۇ شېھىتلەر قەبرىسىنى قۇم دېڭىزىدىكى پارلاق يۇلتۇزلار دەپ تەرىپلەيدۇ، بۇلاردىن باشقا 1863-يىلى پىيالمىدىكى جەڭدە ھالاك بولغان خوتەن پادىشاھى ھاجى پاشا (ھەبىبۇللا ئەلەم) ئوغلى ئابدۇراخمان سۇدۇرخان، 1867-يىللىرى ياقۇپبەگ قوشۇنلىرى تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنغان «تۆت تۈمەن» خوتەن خەلقىمۇ شۇ شېھىتلار جۈملىسىگە كىرىدۇ. شۇڭا «شەھىدانە خوتەن» دەپ ئاتالدى دېگۈچىلەر بار.
مەنبە: «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا دائىم ئۇچرايدىغان ئاتالغۇلارغا ئىزاھات» (2-قىسىم) ناملىق كىتابدىن ئېلىندى.
- يازما سانى: 530 پارچە
- باھا سانى: 90 پارچە
- تۈر سانى: 6 پارچە
- خەتكۈش سانى: 24 پارچە
- قۇرۇلغان ۋاقىت:
- تور بېكەت ئېچىلغىلى 16526 كۈن بولدى
- يېڭىلانغان ۋاقتى: 2015-03-25