بەش كېسەلنىڭ ئاددى داۋاسى
زۇكامنىڭ داۋاسى
زۇكامنىڭ قىش ۋە ئەتىياز پەسىلىدە كۆرۈلىشى ئەڭ كۆپ بولۇپ، كاشكاپ دۇرىلارنىڭ تەسىرى ئەڭ تېز.رېتىسىپ: زۇپا، پىرسىياۋشان، بىخ سۇس، چىڭسەي ئۇرۇقى،بىخ بەدىيان،كۈدە ئۇرۇقى ھەر بىرى 8 گىرامدىن، ئەنجۈر قىقى 24 گىرام. دورىلارنى بىر چىنە سۇدا قاينىتىپ يىرىمى قالغاندا سۈزۈۋىلىپ ئىچسە، ئىسسىق سۇغۇقتىن بولغان زۇكام ۋە يۆتەلگە داۋا بۇلىدۇ.
سەمىرىشنىڭ داۋاسى
سەمىرىش ئۈچۈن نۇقۇتنى ئاقلاپ، يىڭى سۈتكە چىلاپ،نۇقۇت سۇتنى سۈمۈرۈپ بولغاندا، نۇقۇتنى قۇرۇتۇپ قۇيۇلىدۇ. ئاندىن ئاقلانغان ئارپا،گۈرۈچ ، بۇغدايلاردىن بىر ھەسسە، قۇرۇتۇلغان نۇقۇتتىن 10 ھەسسە ئېلىپ، يىتەرلىك مىقداردىكى سۈت ۋە قەن بىلەن قاينىتىپ ئۈستىگە بىر ئاز قۇرۇق ناننى يۇمشاق سۇقۇپ،ئارلاشتۇرۇپ ھالۋا تەييارلىنىدۇ، بەدەننى سەمىرتىشتە تىزلا ئۈنۈم بىرىدۇ.
ئورۇقلاشنىڭ داۋاسى
ئورۇقلاش ئۈچۈن: يۇيۇلغان لوكنى سوقۇپ، 4 گىرامدىن ئېلىپ، سىركە بىلەن ئىستېمال قىلسا بەدەننى تىزلا ئورۇقلىتىدۇ. پەرھىز: ئۇسساتقاندا سۇنى كۆپ ئىستىمال قىلماسلىق كىرەك.
سۆگەلنىڭ داۋاسى
سۆگەلنى داۋالاش: سىياھدان، ئاق تۇزلارنى باراۋەر مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۆتكۈر ئۈزۈم سىركىسى بىلەن ئارلاشتۇرۇپ، ئۇماچتەك ھالغا كەلتۈرۈپ سۆگەلگە چاپسا چۈشۈپ كېتىدۇ.
ئاق كېسەلنىڭ داۋاسى
ئاق كېسەل (بەرەس) نى داۋالاشتا ئاۋۋال مۇنزىچ ۋە مۇسھىل بېرىپ بولغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى نۇسخىدىكى دورىنى تەييارلاپ يىسە ئۈنۈمى ياخشى. تەركىبى: ئەتىرلال (كالى زىرە) 222گىرام، ئاقىرقەرھا،ئاق تۇربۇت( ئۇتتۇردىكى ياغىچى ئىلىنغان)، زەنجىۋىل ھەر بىرى 44 گىرامدىن ھەسەل دورىنىڭ ئۈچ ھەسسە ۋەزىنىدە ئېلىپ تەييارلاپ يىسە بولىدۇ.
- يازما سانى: 530 پارچە
- باھا سانى: 90 پارچە
- تۈر سانى: 6 پارچە
- خەتكۈش سانى: 24 پارچە
- قۇرۇلغان ۋاقىت:
- تور بېكەت ئېچىلغىلى 16526 كۈن بولدى
- يېڭىلانغان ۋاقتى: 2015-03-25
مەن ئورۇقلاشتا رېكورد ياراتتىممىكىن… ئىككى ھەپتىدە قارىسام ئۈچ كېلو ئورۇقلاپ كېتىپتىمەن.. ئاندىن سىزكە دېگەن ئاچچىقسۇ شۇ …
لوك ، سىركە دىگەن نىمۇ ؟