بۆرىنىڭ توققۇز خىل خىسلىتى
1.پۇرسەت كۈتۈش. بۆرە ئۆزى ئاجىز ۋاقىتتا قانداقتۇر ئاتالمىش غورۇر ئۈچۈن ئۆزىدىن كۈچلۈكلەرگە ھۇجۇم قىلمايدۇ.
2.ئۆملۈك.بۆرەئۆزىدىن كۈچلۈك دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇشقا مەجبۇر بولغاندا چوقۇم كوللىكتىپ ھۇجۇمغائۆتىدۇ.
3.ئۆزىنى بىلىش. بۆرىنىڭ ھايۋاناتلار پادىشاھى بولۇش خيالى بار، ئەلۋتتە. لېكىن بۆرەئۆزىنىڭ بەرى بىر شىر ئەمەس ، بۆرە ئىكەنلىكىنى ئېسىدە چىڭ ساقلايدۇ.
4.ۋەزىيەتكەقاراپ ئىش كۆرۈش. بۆرە قانداق قىلىپ ئەڭ كىچىك بەدەل بىلەن چوڭ پايدىغا ئېرىشىشنى بىلىدۇ.
5.تەڭ ئىلگىرلەپ تەڭ چېكىنىش. بۆرە گەرچە تەنھا يۈرۈشنى ياخشى كۆرسىمۇ، لېكىن بىرلەشمەھۇجۇمغا ئەڭ ئىتتىپاق، بۆرە يارىلانغان سەپدىشىنى تاشلاپ جەڭ مەيدانىدىن چىكىنمەيدۇ.
6.ئۆزىنى ھەم ئۆزگىنى چۈشىنىش. بۆرەھەرقانداق رەقىبىنى ھۆرمەت قىلىدۇ. ھەر قېتىملىق ھۇجۇمدىن بۇرۇن رەقىبىنى ياخشى چۈشىنىشكە تىرىشىدۇ، رەقىبىنى سەل چاغلىمايدۇ.شۇڭا،بۆرە ئۆز ھەرىكىتىدە ئاساسەن غەلبە قىلىدۇ.
7.كۆيۈمچانلىق.ئەركەك بۆرە چىشى بۆرە ھامىلدار بولغان ۋاقىتتىن تارتىپ بۆرە كۈچىكى تۇغۇلۇپ تاكى مۇستەقىل ھەرىكەت قىلغۇچە ئانا – بالىنى قوغدايدۇ.
8.مۇستەقىل ياشاش. بۆرە ، بالىسى مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىش يېشىغا يەتكەن ھامان بالىسىدىن ئايرىلىپ كېتىدۇ. چۈنكى، بۆرىنىڭ پەلسەپەسى “ بۆرە بول، بولمىسا قوي بول“دېگەندىن ئىبارەتتۇر.
9.ئەركىنلىكنى سۆيۈش. بۆرە ئەركىن، تەنھا يۈرۈپ ئاچلىقتىن ئۆلۈشكە رازىكى، بىر پارچە تەييارلوقما ئۈچۈن باشقىلارغا قۇيرۇق شىپاڭلايمايدۇ.
- يازما سانى: 530 پارچە
- باھا سانى: 90 پارچە
- تۈر سانى: 6 پارچە
- خەتكۈش سانى: 24 پارچە
- قۇرۇلغان ۋاقىت:
- تور بېكەت ئېچىلغىلى 16526 كۈن بولدى
- يېڭىلانغان ۋاقتى: 2015-03-25