ئەدەبىي ئىجادىيەتتە يېتەكلەش ئېلىپ بارىدۇ
تەۋە تۈر: باشقىلار | يوللانغان ۋاقتى: 2015/01/16 | ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,552 قېتىم

«گۇما دىيارى مۇنبىرى»ئەدەبىي ئىجادىيەتتە يېتەكلەش ئېلىپ بارىدۇ

 

«گۇما دىيارى مۇنبىرى»ئەدەبىي ئىجادىيەت يېزىقچىلىقىغا ھەۋەس قىلغۇچى بىر قىسىم ھەۋەسكارلارنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە ئاساسەن 3 ئايلىق تور ئارقىلىق يېتەكلەش ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدى.

1-يېتەكلەش شەرتلىرى

1) ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قىزغىن ئىشتىياق باغلىغان، ئەمما ئىجادىيەتتە مۇئەييەن نەتىجىگە ئىرىشەلمىگەن ھەۋەسكارلار بولۇشى لازىم.
2) ھەر ھەپتىدە كەم دېگەندە ئىككى پارچە ئەسەر يېزىپ يوللىيالايدىغان بولۇشى كېرەك.
3) يېتەكلەش پەقەت ئەدەبىي ئەسەر ئىجادىيىتى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.(يەنى: شېئىر، ھېكايە، نەسىر،فىليەتۇن، رومان قاتارلىق تۈرلەر بويىچە.)
4) تورغا چىقىش شارائىتى ھازىرلانغان بولۇشى لازىم.
5) «گۇما دىيارى مۇنبىرى»گە ئەزا بولغان بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

2-يېتەكلەش ئۇسۇلى

1) كۇرسانىتلار يېزىپ يوللىغان ئەدەبىي ئەسەرلەر ئەدەبىي ئىجادىيەتتە مۇئەييەن نەتىجىگە ئىرىشكەن، ئوقۇرمەنلەر ئېتىراپ قىلغان،مول ئىجادىيەت تەجرىبىسى بار يازغۇچى-شائىرلارغا تەقسىم قىلىنىپ ئۇلارنىڭ ئەسەرلەرنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىپ ئۆزگەرتىشى،تۈزۈتىشى، پىكىر-تەكلىپ بېرىشى ئارقىلىق يېتەكلىنىدۇ ۋە پىششىقلىنىدۇ.
2) تۈزۈتىلىپ،ئۆزگەرتىلىپ پۈتۈپ چىققان ئەسەرلەر«گۇما دىيارى مۇنبىرى»دە ئېلان قىلىنغاندىن باشقا مۇناسىۋەتلىك يازما مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىشىغا ياردەم بېرىلىدۇ.
3) ئاۋازلىق ئەسەر ھالەتتە ئىشلىنىپ گۇما دىيارى مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنىدۇ ۋە ئۈن-سىن نەشىرىياتلىرىدا نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلىدۇ.
4) يېتەكلەش داۋامىدا نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان كۇرسانتلار «گۇما دىيارى مۇنبىرى»دە رەسىم ۋە تەرجىمھالى بىلەن قوشۇپ تونۇشتۇرۇلىدۇ ۋە ھەر دەرىجىلىك يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ ئەزالىقىغا تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
5) مۇنبىرىمىز پىلانلاۋاتقان«گۇما دىيارى مۇنبىرى»دە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەردىن توپلام تۈزۈش خىزمىتى باشلانغاندا كۇرسانتلارنىڭ نادىر ئەسەرلىرىنى ئالدىن تاللاپ توپلامغا كىرگۈزىدۇ.
6) كۇرسانتلار يېتەكچىلەرنى«گۇما دىيارى مۇنبىرى»نىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىلىرى تەركىۋىدىن ئىختىيارى تاللىسىمۇ بولىدۇ.

3-تىزىملىتىش ئۇسۇلى

1) مۇنبىرىمىز ئۇيۇشتۇرغان بىرىنچى قېتىملىق تور ئارقىلىق يېتەكلەش كۇرسىغا تىزىملاتماقچى بولغانلار «گۇما دىيارى مۇنبىرى»گە يېڭى ئەزا سۈپىتىدە تىزىملىتىپ كۇرسقا قاتنىشىش توغرىسىدا ئىلتىماس يوللايدۇ.2)ئەزالىق نامى تەسدىقلانغاندىن كېيىن قىسقىچە تەرجىمھالى،سالاھىيەت كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى(ئالدى،كەينى يۈزى)نى يوللاپ بېرىدۇ.
3) كۇرسقا قاتنىشىش ھەققى ئۈچۈن«گۇما دىيارى مۇنبىرى»نىڭ جۇغلانما نومۇرىدىن 100 دانە تىللا تاپشۇرىدۇ.
يۇقارقى مەشغۇلىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن رەسمىي كۇرسانت ھېسابىدا يېتەكلىنىدىغان ئەسەرلىرىنى تاپشۇرسا بولىدۇ.
گۇما دىيارى مۇنبىرىدە تىللا تېپىش ئۇسۇلىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:
http://www.gumadiyari.com/bbs/fo … p;tid=7664#lastpost
4) رومان، پوۋىسىت قاتارلىق ھەجمى بىر قەدەر چوڭ ئەسەرلەرنى قاتناشتۇرماقچى بولغانلار بىردەك 300 تىللا تاپشۇرۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
5) كۇرسنىڭ باشلىنىش ۋاقتى: كۇرسانتلار تىزىملىتىپ ئەسەر تاپشۇرغان كۈندىن باشلاپ 3 ئاي بولىدۇ. تەربىيلەشكە ئارقىمۇ-ئارقا قاتنىشىشقا بولىدۇ.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئىجادىيىتىدە پىشىپ،تاۋلىنىپ،يېتىلىپ،ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئىجادىيەت ئىشقىدا يۈرىكى گۈرۈلدەپ كۆيۈۋاتقان تورداشلارنىڭ مۇنداق ياخشى پۇرسەتنى قەدىرلەپ،ۋاقتىدا تىزىملىتىپ قاتنىشىشنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
گۇما دىيارى مۇنبىرىگە كېرىش ئادرېسلىرى تۆۋەندىكىچە:
http://www.gumadiyari.com
http://www.gumadiyari.cn
http://www.gumadiyari.net

ھۆرمەت بىلەن
گۇما دىيارى مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى
2015-يىلى،يانۋار

ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى: (يانفون) 18999651245 (مۇڭداشقۇ) 1137411877 ئېلخەت: 1137411877@qq.com

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)