«ئاشىق يۈرىكى»دىللار تىلىكى
تەۋە تۈر: نەسرى ئەسەرلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2015/01/16 | ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,824 قېتىم

مۇھەممەد كامال خۇشخۇي

«ئاشىق يۈرىكى»دىللار تىلىكى

(شائىر ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈركنىڭ«ئاشىق يۈرىكى»ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى ئوقۇشتىن ھاسىلات)

تونۇلغان ئەدەبىي تەنقىدچى مۇھەممەت زۇنۇن«شېئىرىي ئوبراز ھەققىدە» توختىلىپ؛«ھازىر يېزىلىۋاتقان خېلى كۆپ ساندىكى شېئىرلاردا جانلىق شېئىرىي ئوبراز، شېئىرىي مەنزىرە ۋە جانلىق،رۇشەن كارتىنا كەم. بەزى شېئىرلار شېئىرىيەتكە خاس خۇسۇسىيەتتىن مەھرۇم بولۇپ، قۇرۇق داۋلىلار بىلەن تولغان.بۇ ئەھۋال شېئىرنىڭ جەڭگىۋارلىقىغا،تەربىيىۋى رولىنىڭ كەڭ جارى قىلىنىشىغا نوقسان يەتكۈزمەكتە. شېئىرىيەتتىكى بۇ ئەھۋال يالغۇز ياش ھەۋەسكارلارنىڭ شېئىرلىرىدىلا كۆرۈلۈپ قالماي،مەلۇم دەرىجىدە پىشقان شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تېپىۋاتىدۇ».①دەپ ئوتتۇرغا قويغىنىدەك، شېئىر ئىجادىيىتىدە شېئىرىي موھىت،شېئىرىي ئوبراز، شېئىرى كارتىنا يارىتىش مەسىلىسى كۈچلۈك تەكىتلەنگەن بولسىمۇ،بىراق بىر قىسىم شائىرلار بۇ «سادا»غا قۇلاق ياقمايلا قالماستىن يەنىلا ئۆزى تۇتقان قەلەمنىڭ يورغىسىغا رايىشلارچە ئەگىشىپ «شائىرلىق ماھارىتى»نىڭ تۈرتكىسىدە، ئوقۇسا ھېچقانداق ئېۋەن تاپقىلى بولمايدىغان،شېئىرنىڭ ئومۇمىي «شەرت»لىرى تولۇق ئورۇنلانغان، لېكىن خېلى ئۇزۇن بىر پارچە شېئىرنى ئوقۇپ تۈگەتسىمۇ ئۇنىڭدىن بىرەر لېرىك ئوبرازنىڭ سايىسىنى كۆرمەك ئۇ ياقتا تۇرسۇن، سىۋەتنى سۇغا چۆكۈرۈپ كۆتۈرسە ئۇنىڭدا نەملىكتىن باشقا ھېچنەرسە قالمىغاندەك، ئوقۇرمەننىڭ قەلبىگە نە ئېستېتىك زوق،نە گۈزەل تۇيغۇ ئاتا قىلالمايدىغان«شېئىر»لارنى ئۈزۈلدۈرمەي يېزىۋەردى.ئەھۋال ئەنە شۇنداق بولغاچقا كېيىنكى كۈنلەردە ئوقۇرمەنلەردە بۇنداق شېئىرلاردىن زىرىكىش، بىزار بولۇش،شېئىر ئوقۇۋىتىپ«شېئىرسىراش»ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىپ، شېئىر ئۈچۈن كۆيگەن نى-نى ئوتلۇق يۈرەكلەر ئاستا- ئاستا ھارارىتىنى يوقاتتى.

ئەمما،يېڭى ئەسىر كىرگەندىن كېيىن، شېئىرى ئىجادىيەتتە شېئىرىي ئىلھامى جۇش ئۇرۇپ تۇرغان بىر تۈركۈم ياش شائىر ۋە شائىرەلەرنىڭ بىخ سۈرۈپ چىقىشى بىلەن شېئىرىيەتتىكى تۇرغۇن ھالەت ناھايىتى تېز پۇرسەتتە جانلىنىپ، شېئىر خۇمار ئوقۇرمەنلەرنىڭ چاڭقاق دىللىرىنى يېڭىدىن- يېڭى تۇيغۇلار بىلەن ئاۋۇندۇرۇپ، شېئىرغا بولغان تەلپۈنۈشىنى يەنە بىر قېتىم كۈچەيتتى. تەلەپتە، پۈتۈن بىر شېئىردا مۇكەممەل لېرىك ئوبراز يارىتىش مەسىلىسى تەكىتلەنگەن بولسا، بىر قىسىم ياش شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدا بىر كۇبلىت، ھەتتا ھەربىر مىسرادا ئوبراز يارىتىلىپ شېئىر ئاشىنالىرىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە كەلتۈردى.

بۇ ھەقتە تاغ ھەم باغدىن گەپ يورغىلاتقاندىن كۆرە ئەمەلى پاكىت ئارقىلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش ئوقۇرمەنلەرنى قايىل قىلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئاساسى ئەلبەتتە.تۆۋەندە مەن شېئىرلاردا شېئىرىي موھىت ۋە شېئىرىي ئوبراز يارىتىش مەسىلىسىنى ياش شائىر ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈركنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن يىقىندا نەشىر قىلىنغان«ئاشىق يۈرىكى»ناملىق شېئىرلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن بىر نەچچە پارچە شېئىرلىرىنى مۇلاھىزە ئوبيېكتى قىلىش ئارقىلىق بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىمنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.

ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈركنىڭ«ئاشىق يۈرىكى»ناملىق توپلىمى ئۇنىڭ،قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان«كىرپىكتى قار»(بىرلەشمە) ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن كېيىنكى يەنە بىر سەمەرىلىك ئەمگەك مېۋىسى بولۇپ،بۇ توپلامغا شائىرنىڭ 1996-يىلدىن 2012-يىلغىچە ئارىلىقتا يېزىلغان مىڭ پارچىدىن ئارتۇق شېئىرلىرىدىن تاللاپ 291 پارچە شېئىر كىرگۈزۈلگەن.ياش شائىر ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرك شېئىرىيەت ئىجادىيىتىدە ئۆزىگە خاس يول تۇتىۋاتقان شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن يىقىنقى يىللاردا يازغان ھەر بىر پارچە شېئىرىدا شېئىرىي موھىت ۋە شېئىرىي ئوبراز يارىتىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپلا قالماستىن، بەلكى ھەر بىر كۇبلىت،ھەربىر مىسرا شېئىردا ئىشلىتىلگەن گۈزەل تىل ۋاستىسى ئارقىلىق كۆڭۈل ئىكرانىمىزدا كونكىرىت ئوبرازلارنى نامايان قىلىپ قەلبىمىزنى ئاجايىپ چوڭقۇر ھېس- تۇيغۇلارغا چۆمدۈرۈپ كەلدى.

 

شۇ كۈنى،

كۆزلىرىڭدىن بالقىدى ھەسرەت.

يۈرىكىمدەك كۆيدى گۈرۈلدەپ،

يۈرىكىڭلا مەن ئۈچۈن پەقەت.

 

شۇ كۈنى،

زىنىقىڭدا كۈلگەن چىچەكلەر،

كاچكۇللارغا شۇڭغۇدى ئاستا.

چانىقڭدىن چۈشتى دومىلاپ،

تەنھا قۇياش زۇلمەت باغرىغا.

«شۇ كۈنى»دىن.

شائىر 1997-يىلى يازغان«شۇ كۈنى»ناملىق بۇ شېئىرنىڭ ھەر بىر مىسراسىدا ئوبرازلىق تىل ۋاستىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ،شېئىردا يارىتىلغان لىرىكا ئوبرازنىڭ«زىنىقىدا كۈلگەن چېچەكلەرنىڭ كاچكۇلغا شۇڭغىشى بىلەن تەنھا قۇياشنىڭ زۇلمەت باغرىغا دومىلاپ چۈشكەنلىكى»دەك ھەقىقەتنى ئوقۇرمەنلەر كۆز ئالدىدا جانلىق نامايەن قىلىپ، شېئىرنىڭ لىرۇس بوشلۇقىدا ئەركىن پەرۋاز قىلىشنى قەلىب كۆللەرگە دەرەخ غۇللىرىدىن يىنىك چۈشكەن غازاڭدەك سىڭدۈرىۋەتكەن.

شائىر ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈركنىڭ 1990-يىللاردا يازغان شېئىرلىرىدا يارىتىلغان گۈزەل شېئىرى ئوبرازلار قويۇق شېئىرى موھىت ئىچىدە يارىتىلغان بولسىمۇ،ئەمما نىسبىتەن تۇرغۇنلۇق ئىچىدە ھەرىكەت قىلاتتى.شائىر ئىجادىيەت پائالىيىتىدە بۇ نوقتىنى چۈشىنىپ يەتكەن 2000-يىللاردىن باشلاپ ئۆزىگە بولغان تەلەپنى تىخمۇ قاتتىق قويۇپ، شېئىرى ئىجادىيەتتە ئۆزلۈكسىز ئىلگىرلەشنى ئۆزىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى دەپ بىلدى.نەتىجىدە ئۇنىڭ بىز تۆۋەندە مۇھاكىمە ئوبىكتى قىلغان«ئاشىق يۈرىكى»، «ئۇيغۇر تىلى»،«خىيال جىلۋىسى»…قاتارلىق خېلى كۆپ شېئىرلىرىدا يارىتىلغان شېئىرى ئوبرازلار يېڭى،ئىجادى بولۇش،كۆپ قاتلاملىققا ئىگە بولۇشتىن سىرىت،يارىتىلغان شېئىرى مەنزىرە قېنىقلىققا، نەپىسلىككە،لىرىك ئوبرازلار شېئىرى مۇھىت ئىچىدە ھەرىكەتچانلىققا ئىگە قىلىندى. شېئىرلاردىكى بۇ خىل ئالاھىدىلىك ئوقۇرمەنلەرگە راھەت،ئازادە كەيپىيات بىغىشلاپ،ئۆزگىچە ئىستېتك زوق بەخىش ئەتتى.

 

گۈلدۇر گويا ئاشىق يۈرىكى،

پۇراقلاردىن ھەممە مەست بولغان.

چۆلدۇر گويا ئاشىق يۈرىكى،

يىرىقلىرى قان بىلەن تولغان.

 

تۈندۇر گويا ئاشىق يۈرىكى،

سىر دەرياسى تاشقىنلاپ ئاققان.

كۈندۇر گويا ئاشىق يۈرىكى،

چىركىن روھقا بىر تال چوغ ياغقان.

 

قىيا تاشتۇر ئاشىق يۈرىكى،

يا ئوقلىرى تامام قادالغان.

تامچە ياشتۇر ئاشىق يۈرىكى،

رىۋايەتكە ئايلىنىپ قالغان.

-«ئاشىق يۈرىكى»دىن

«ئاشىق يۈرىكى»نى كۆرۈش ئۈچۈن شائىردا جەزمەن بۈركۈتنىڭ كۆزىدەك ئۆتكۈر كۆز بولۇش بىلەنلا كۇپايىلەنمەستىن،بەلكى ئۇنىڭ تەپەككۇر قۇشلىرى ھاۋانىڭ بوران- چاپقۇنلۇق،قار- يامغۇرلۇق پەيتلىرىدىمۇ قايسى مەنزىلنى نىشانلاپ ئۇچۇشنى ھەقىقى تۈردە تونۇپ يەتكەن بولىشى لازىم. مۇبادا ئۇنداق بولمايدىكەن،ئۇ «يۈرەكنىڭ گۈل ياكى چۆل»لىكىنى كۆرگىلى بولمايدۇ-دە، ئۇ يۈرەكتىن «گۈل» پۇراش بىلەن «قان»پۇراشنىڭ پەرقىنى تېپىپ چىققىلى بولمايدۇ.بۇ توپلامغا تېما قىلىپ ئېلىنغان، بار-يوقى ئۈچ كۇبلىتتىن تەركىپ تاپقان بۇ بىر پارچە شېئىرنىڭ ئوقۇرمەنلەر دىلىغا شۇنچىلىك يېقىشىدىكى مۇھىم سەۋەپ،بۇ شېئىرنىڭ ھەر بىر مىسراسىدا ئىنتايىن گۈزەل تىل ۋاستىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ شېئىرىي موھىت ۋە شېئىرىي ئوبراز يارىتىلغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.بۇ شېئىرنىڭ يۇقۇرىدىكى مىسرالىرىغا دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرىدىغان بولساق، ئاشىق يۈرىكىنىڭ گاھىدا گۈل،گاھىدا چۆل ۋە گاھىدا كۈن ياكى تۈن  يەڭلىغ،قەھرى تاشقان چاغلاردا بولسا ئۇ يۈرەك «قىيا تاش» ياكى شەبنەم كەبى بىر تامچە ياش بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتىمىز-دە،بۇ مىسرالاردىن ئاشىق يۈرىكىنىڭ قايسى ۋاقىتلاردا «گۈل»، قانداق ۋاقىتلاردا «گۈل ياكى قىيا تاشلىق چۆل» بولىدىغانلىقىنى تەپەككۇر كۆزىمىز بىلەن  كۆرۈشكە، تەسەۋۋۇر قىلىشقا تۇتۇنىمىز.مەن تۇنجى بولۇپ ئوقۇپ چىققان «ئاشىق يۈرىكى» ناملىق  بۇ شېئىرنى يىنىش- يىنىشلاپ ئوقۇپ كەتتىم.ئەمما دەۋالايكى مېنىڭ بۇ شېئىرنى قايتا-قايتا ئوقۇشۇم قانداقتۇ شېئىرنى چۈشەنمەسلىكتىن ياكى يارىتىلغان شېئىرى موھىتنى ئاڭقىرالماسلىقتىن بولماستىن،بەلكى شېئىردا يارىتىلغان شېئىرى موھىت،شېئىرى مەنزىرە ئىچىدە كېڭىيىپ بارغان شېئىرى چوڭقۇرلۇقنىڭ ھوزۇرىدىن سۆيۈنگەنلىكىمدىن بولىۋاتاتتى.

خىيالىمدا

چىن تۆمۈرنىڭ ئارغىمىقىدەك

كىشنەپ – كىشنەپ چاپچىغۇم كېلەر،

قۇش كۆزىدەك سەھرا يولىدا.

 

خىيالىمدا

چىم بۇلاقنىڭ شەھلا كۆزىدىن

سۈزۈۋالغۇم كېلەر قۇياشنى.

تاشلىغۇم بار يۈرىكىمدىكى

كۆيۈپ ئۆچكەن قاپقارا تاشنى.

 

خىيالىمدا

قۇمۇش نەينىڭ تۆشۈكلىرىدىن

ئۆتكۈم كېلەر تۆگە يېتىلەپ.

تېشىۋەتكۈم كېلەر غىلاپنى

ئۆز – ئۆزۈمنى بوراندا بىلەپ.

-«خىيال جىلۋىسى»دىن.

«شائىرنىڭ خىياللىرى ۋە رېئاللىقنىڭ ئاچچىقلىقى تۈپەيلى كېلىپ چىققان دەرد-ئەلەملەر ھاسىلاتى بىزنى بۇ جەمئىيەتنىڭ ھازىرقى ھالىتى ۋە كېيىنكى تەرەققىياتى توغرىسىدا ئويلىنىشقا ئۈندەيدۇ ، شائىرنىڭ نېمىسى بار؟-خىيالى، تۈرلۈك تۈمەن نەرسىلەر ھەققىدىكى تەپەككۇرى بار. باشقىلارنىڭ يوقمىدۇ ؟ ئەلۋەتتە باشقىلاردىمۇ بولىدۇ،ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۆزىگە يارىشا دەرد ئەلىمى ۋە خىياللىرى بولىدۇ. ئەمما شائىر ئاشۇ خىياللارنى يىغىپ ئېلىپ ، كىشىلەرنىڭ دەۋر ۋە تەرەققىيات ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ۋە ئازابلىرىنى شېئىر ئارقىلىق ئىپادە قىلىدۇ.»②

دۇنيادا غەمسىز ئادەم بولمىغىنىدەك،خىيالسىز ئادەممۇ بولمايدۇ.ئەمما ھەممە ئادەملەرنىڭ سۈرگەن خىيالى قاراڭغۇ كېچىنى نۇرلاندۇرالىشى ناتايىن. بۇ شېئىردا شائىرنىڭ سۈرگەن خىياللىرى قانداقتۇ قۇرۇقتىن- قۇرۇق خام خىيال بولماستىن ئاشۇ خىيال ئىچىدە شېئىرىي موھىت يارىتىپ، ئوقۇرمەننى ئىختىيارسىز ھالدا ئاشۇ موھىت ئىچىگە باشلاپ كىرەلىگەن ھەم خىيال تۇلپارىغا مىندۈرۈپ ئۆز قەلب دۇنياسىنىلا ئەمەس، بەلكى رىياللىقتىكى بىر پۈتۈن دۇنيانى كەزدۈرۈپ،ھاياتلىق قانداق داۋام قىلىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلىدە بولۇشنىڭ زۈرۈرلىكىنى تونۇتالىغان.شائىر بۇ شېئىرنىڭ:

چىم بۇلاقنىڭ شەھلا كۆزىدىن

سۈزۈۋالغۇم كېلەر قۇياشنى.

تاشلىغۇم بار يۈرىكىمدىكى

كۆيۈپ ئۆچكەن قاپقارا تاشنى.

دېگەن مىسرالىرىدا ئادەمنىڭ ئىچكى ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئىنتايىن ماھىرلىق بىلەن ئېچىپ بەرگەن. شائىر گاھىدا: چىمبۇلاقنىڭ سوپ-سۈزۈك فونتانلىرىدىن قۇياشنى سۈزۈپ چىقسا، يۈرەكتىكى كۆيۈپ-كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان قاپقارا تاشنى چېقىپ چۇل-چۇل قىلغۇسى كېلىدۇ. ئەمما چىمبۇلاقتىن قۇياش سۈزۈپ چىقىش ھەرقانداق ئادەمگە نىسىپ بولمىغىنىدەك،يۈرەكتىكى قاپقارا تاشنى چېقىپ تاشلاشمۇ ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىۋەرمەيدۇ-ئەلبەتتە.شائىرنىڭ خىيالى جەزمەن ئۆزىنىڭلا خىيالى ئەمەس.ئۇ بىزگە ئەنە شۇنداق«خىيال جىلۋىسى»ئارقىلىق ئادەمىيلىك ئىتىقادىمىزنى رۇسلاپ، چىركىن دىلىمىزنى ساپلاشنىڭ نۇرلۇق مەنزىللىرىنى كۆڭۈل ئىكرانىمىزغا تاشلاۋاتىدۇ.بىراق،شائىرنىڭ «خىيال جىلۋىسى»دىن بىز قانداق مەنا تېپىشىمىز ئۆزىمىزگە باغلىق بولسا كېرەك.چۈنكى ئۇ بۇرچىنى ئادا قىلىپ بولدى.

سىم-سىم يامغۇر ياغقان سەھەردە،

ئۇچۇپ كەتتىم خىلۋەت كەنتىمگە.

شەھەردىكى چۈشلىرىمنى ھەم،

سۆزلەپ بەردىم ئۇندا ھەممىگە.

……………

سۆزلەپ بەردىم غەمكىن دېھقانغا،

رىستۇراندىن چاچرىغان ياشنى.

سۆزلىدىم ھەم بىر كۈلكە ئۈچۈن،

بوتۇلكىغا چۆككەن قۇياشنى…

-« چۈشلەر ئالبۇمى» دىن.

ھەممىمىز چۈش كۆرۈمىز.بەزىمىز كېچە ئۇيقۇلۇق يېتىپ چۈش كۆرسەك،بەزىمىز كۈندۈزى ئويغاق يۈرۈپ چۈش كۆرۈمىز. بەزىمىز خەيرلىك چۈشلەرنى كۆرۈپ كۆڭلىمىز چاغ ھالدا يۈرسەك يەنە بەزىمىز قورقۇنۇشلۇق چۈشلەرنى كۆرۈپ غەم- ئەندىشىلەر قاينىمىغا كىرىپ قالىمىز. شائىرلار ئۈچۈن ئاشۇ چۈشلەرنى ئىجادىيىتىدە قانداق ئەكىس ئەتتۈرۈش،يەنى ئوبرازلىق تىل،ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ ئوقۇرمەنلەر قەلبىنى لەرزىگە كەلتۈرۈشمۇ ياكى تۈپ-تۈزلا بايانى جۈملىلەر دۆۋىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇپ ئوقۇرمەنلەرنى زىرىكتۈرۈپ قويۇشمۇ دېگەن ئىككى يولنىڭ بىرىنى تاللاشقا توغرا كېلىدۇ. شائىر بۇ شېئىردا ئەلبەتتە ئالدىنقى يولنى تاللاپ،شېئىرنىڭ باشلىنىشىدىلا قەلبىمىزنى لەرزىگە كەلتۈرۈپ، تەپەككۇرىمىزنى شېئىر قاتلاملىرىغا مەھلىيا قىلالىغانلىقى بىلەن بىزنى سۆيۈندۈرىدۇ. ناۋادا شائىر بۇ شېئىردا شەھەردىكى چۈشلىرىنى سۆزلەپ بەرمەي،رىياللىقىنى سۆزلەپ بەرگەن بولسا، تەئەججۈپلۇق ئويلىرىنى سۆزلىمەي، مەنىسىز خۇشاللىقلىرىنى سۆزلىگەن بولسا چوقۇمكى،بۇ شېئىر «تۇغۇلۇپلا ئۆلۈپ كەتكەن بوۋاق»تەك بۆشۈكىدە مەغلۇپ بولغان بولاتتى. ئەمما شائىرنىڭ بۇ شېئىرىنىڭ ئۆلگىلىك شېئىرلار قاتارىدىن ئورۇن ئالالىشى جەزمەنكى «بوتۇلكىغا چۆككەن قۇياشنى» ناھايىتى ئاددى تىل بىلەن قاتلىمىدەك قات-قات مەنا تىرەنلىكىگە ئىگە قىلغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.يەنە چوڭقۇرلايدىغان بولساق«غەمكىن دېھقانغا سۆزلەپ بەرگەن رىستۇراندىن چاچرىغان ياش» قانداقتۇ غېرىپ كۆزلەردىن سىرغىغان چارىسىزلىق يېشى بولماستىن، زامانىمىز رېستۇرانلىرىدا شىددەت بىلەن ئىسراپ بولىۋاتقان ھاياتلىق جەۋھەرلىرىنىڭ ئىسسىق ياشلىرى ئىدى.شېئىرى پىكىرنى «چۈشلەر ئالبۇمى»غا مۇنداق تۈجۈپىلەپ تىزىش ئىستىداتلىق قەلەم ساھىبىنىڭ قولىدىنلا رۇياپقا چىقىدۇ-خالاس.

خامان

سەن قۇشلارغا ئېچىل داستىخان.

ئېسىڭدىمۇ بىرچاغ باغرىڭدا

مەي باغلىغان چۈشلىرىم قالغان.

 

خامان

سۈت ساقاللىق بوۋام ئايدىڭدا،

كۆمۈپ قويغان قەلبىڭگە گۈلخان.

ئېسىڭدىمۇ بىرچاغ باغرىڭدا

ئەجەم مېنىڭ سىلاپ بېشىمنى،

ئەجەم مېنىڭ سۈرتۈپ يېشىمنى،

ئەجەم مېنىڭ چېچىپ قېنىمنى،

ئەجەم مېنىڭ ئويناپ جېنىمنى،

نازاكەتلىك تاڭغا تاپشۇرغان.

-«خامان ناخشىسى»دىن.

«شائىر شېئىردا مەلۇم تۇرمۇش ۋەقەلىكى ۋە تۇرمۇشتىن ئالغان چوڭقۇر تەسىراتىغا ئاساسەن، تۈرلۈك سۈپەتلەشلەر،ئوخشىتىشلار،سىمۋوللۇق ئىبارىلەر،تەسەۋۋۇر ۋە گۈزەل تىل ۋاستىلىرى ئارقىلىق كىتاپخان كۆرەلەيدىغان،ئاڭلىيالايدىغان،ھېس قىلالايدىغان،تەسەۋۋۇر قىلالايدىغان سەنئەت مەنزىرىسىنى ياكى شېئىرىي ئوبرازنى يارىتىدۇ».③شائىر «خامان ناخشىسى» ناملىق بۇ شېئىرىدا يۇقاردا ئېيتىلغاندەك،سەھرا تۇرمۇشىدا زامانلاردىن بىرى داۋام قىلىپ كەلگەن «خامان ناخشىسى»دىن ئالغان بالىلىقتىكى چوڭقۇر تەسىراتىنى ئاجايىپ گۈزەل ئېستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ ياردىمىدە «سۈت ساقاللىق» بوۋايلارنىڭ سەبىي قەلبىگە كۆمۈپ قويغان «گۈلخان»لىرى ئارقىلىق بىزنى گۈزەل سەھرالاردا سەيلە قىلدۇرۇپ، جاپاكەش ئاتىلارنىڭ يازنىڭ پىژغىرىم ئىسسىقلىرىدا خامان تېپىۋىتىپ توۋلىغان«خامان ناخشىسى»نى كۆڭۈلدە ھېس قىلىشتىن،قۇلاق بىلەن ئېنىق ئاڭلاش دەرىجىسىگىچە يەتكۈزگەن.

سەن

ئانام تولغاق يېگەن كېچىدە

قان – قېنىمغا كۆمگەن ئەڭگۈشتەر.

دالاسىدا قاقاس روھىمنىڭ

مەڭگۈ پارلاق نۇرانە سەھەر.

 

سەن

قار لەپىلدەپ تۆكۈلگەن قىشتا،

دادام سوقۇپ بەرگەن زۇلپىقار.

جان قۇشۇمغا بېرىپ ئاسماننى،

مۇقام تۇغۇپ يۈرگەن ئالتۇن تار.

-«ئۇيغۇر تىلى»دىن.

شائىر ئانا تىلنى«پارلاق نۇرانە سەھەر»لەردە بىزگە تونۇشتۇرىۋاتقان،«قار لەپىلدەپ تۆكۈلگەن قىشتا» زۇلپىقارغا ئايلىنىپ،جان قۇشى پەرۋازىدىكى ئاسمانلىرىدا مۇقام تۇغقان ئالتۇن تارلىرى بىلەن ئورۇنلانغان ياڭراق كۈيىدە قەلب ئىشىكىمىزنى تەمكىنلىك بىلەن چېكىدۇ.-دە،«ئۇيغۇر تىلى»نىڭ شان-شۆھرىتىنى  ناھايىتى رۇشەن شېئىرىي ئوبراز ۋە ئىنىق شېئىرىي مەنزىرە،شېئىرىي كەيپىيات ئىچىدە نامايىش قىلىدۇ.

پورەك-پورەك خىياللىرىمنىڭ،

ئۇيۇپ قالدى بەرگىدە شەبنەم.

قورۇق چۈشتى يوللارغا گۈل-گۈل،

تىزىپ ساڭا بىردەستە كۆكلەم.

 

جىگدىزاردا ناخشا توۋلىسام،

تولدى باغرىم خازانلارغا لىق.

يۇلتۇز ئۈركۈپ كەتكەن كېچىلەر،

چۈشلىرىمدە كۆيدى چىمىلدىق.

-«ئۇنتۇلغان قەلئە»دىن.

«شېئىردا شائىر دېمەكچى بولغان مەقسىدىنى ئەلۋەتتە رىيال تۇرمۇشتىكى كىشىلەر ۋە ۋەقەلەرنىڭ سىرىتقى ۋە ئىچكى تۈپ خۇسۇسىيەتلىرىنى تاللاپ،ئۇنى چوڭقۇر ھاياجان ئىچىدە ھېسسىياتلىق ئىپادىلەپ، كىتاپخاننىڭ زوقلىنىش ۋە تەسىرلىنىش ھېسسىياتىنى قوزغىشى يەنى شېئىردىكى جانلىق كارتىنا،پىرسۇناژ، ۋەقە،ھېسسىيات كىتاپخان قەلبىدە تىرىك نەرسىگە ئايلىنىشى لازىم».④شائىرنىڭ بۇ شېئىرىنىڭ قەلبىمىزنى لەرزىگە كەلتۈرۈپ،ھاياجانغا سالالىشىمۇ باشقا شېئىرلىرىغا ئوخشاش جانلىق شېئىرىي كارتىنا، شېئىرىي موھىت يارىتىلغان« پورەك-پورەك خىياللىرىمنىڭ، ئۇيۇپ قالدى بەرگىدە شەبنەم.» ۋە« قورۇق چۈشتى يوللارغا گۈل-گۈل ، تىزىپ ساڭا بىردەستە كۆكلەم » دېگەندەك مىسرالىرىنىڭ مۇۋاپپەقىيىتىدىن بولغان دەپ ئېيتىشقا ھەقلىقمىز.

ئەجەم بەلكىم مېھىرلىك بىر ئوق،

تۇغۇلغاندا كۆكسۈمگە تەگكەن.

ئەجەم بەلكىم پايانسىز ئۇپۇق،

يۈرەكلەرنى يۈرەككە چەگكەن.

 

ئەجەم بەلكىم مەڭگۈ ئۆچمەس ئوت،

تامچە ياشنى مىڭ يىل قايناتقان.

ئەجەم بەلكىم ئۇچقۇر كۆك بۇلۇت،

زارىقىشتا تاشنى قاناتقان.

-«ئەجەم»دىن.

بۇ شېئىرنى ئوقۇغان قىسمەن ئوقۇرمەنلەر«ئەجەم»ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ بىرى تۇرسا، قانداق بولۇپ شائىر كۆكسىگە تەگكەن«ئوق»بولىدۇ؟ئۇ ئەسلىدە جاننى يايرىتىدىغان مۇڭلۇق ناخشا ئىدىغۇ؟ دېيىشى مۇمكىن.ئەمما شائىر بۇ شېئىردا شۇنداق بىر تەسىرلىك رىۋايەتنى،يەنى«ئەجەم» مۇزىكىسىنىڭ ئىجات قىلىنىش ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئىشارە قىلىۋاتىدۇ،دېسەك ئاشۇرۋەتكەن بولمايمىز- ئەلبەتتە. مېنىڭچە، ناۋادا شائىر«ئەجەم»نى كۆكسىگە تەگكەن ئوق قىلىپ يازماي، تەپەككۇر ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتىكى قاتماللىق ئىچىدە تۈزۈپ «قەلبىمنى يايراتقان كۈي»دەپ يازغان بولسا، شېئىرنىڭ ئوقۇرمەنلەرنى ھاياجانغا سالالىشىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايلا قالماستىن، شېئىردىكى لېرك ئوبراز ھازىرقىدەك رۇشەن گەۋدىلەنمەيتتى. چۈنكى،«لېرىك شېئىرلاردا ئوبراز يارىتىشقا مەلۇم رامكا بەلگىلەپ بېرىشكە بولمايدۇ. تۇرمۇش ھەرخىل بولغانلىغى، شائىرلارنىڭ ئۇسلۇبى ئوخشاش بولمىغانلىغى ئۈچۈن،لېرىك شېئىرلاردا ئوبراز يارىتىش ئۇسۇلىمۇ خىلمۇ-خىل بولىدۇ.»⑤

ئىمىتىپ قوي روھىمنى توغراق،

ئوغۇز سۈتكە قاناي بىر نۆۋەت.

كۆمگەن بىلەن مېنى باياۋان،

مەن سۆيگۈدىن كۆكلىگەن سەنئەت.

 

ئىمىتىپ قوي روھىمنى توغراق،

ئوغۇز سۈتكە قاناي بىر نۆۋەت.

شاخلىرىمدا كېيىك سايىداپ،

پۈتۈنلىنىپ قالسۇن تەبىئەت.

-«ئېمىتىپ قوي روھىمنى توغراق»دىن

«روھىنى توغراققا ئېمىتىش»،«شاخلىرىدا كېيىك سايىدىتىش»ھەممە شائىرنىڭ قولىدىن كېلىۋەرمەيدۇ. چۈنكى«روھىنى توغراققا ئېمىتىپ»لا قالماي،«سۆيگۈدىن سەنئەت بولۇپ كۆكلىيەلىگەن» دىلا، ئۇنداق تەپەككۇردىن ھاسىل بولغان پىكىر ئوبرازلىق شېئىر بولۇپ چىقىدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن شېئىرىي موھىت ۋە شېئىرىي ئوبرازدىن سۆز ئېچىش ئىنتايىن قىيىنغا توختايدۇ. شۇڭا «شېئىردا جەزمەن ئوبراز بولۇشى كېرەك.چۈنكى شېئىر رىيال تۇرمۇشنى ئەڭ مەركەزلىك ۋە ئەڭ نوقتىلىق ئىپادىلەيدىغانلىقى،جۈملىدىن شائىرنىڭ ئوبيېكتىپ رىياللىقتىن ئالغان ئەڭ چوڭقۇر تەسىراتى ۋە تەسەۋۋۇرى ئاساسىغا قۇرۇلغانلىغى ئۈچۈن،شېئىرىيەتنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭدا ئوبرازنىڭ بولۇشىنى تېخىمۇ تەلەپ قىلىدۇ.»⑥

خىلۋەتتىكى بىر تۈپ دەرەخ مەن،

يىلتىز تارتقان تۇپراققا چوڭقۇر.

ۋىجدان، غۇرۇر، ئىمان، ساداقەت،

تۇرار مېنى كۆكلىتىپ مەغرۇر.

 

تۈندە ئايغا، كۈندۈز قۇياشقا،

دىگەنلىرىم ئەمەس ئەپسانە.

ئاڭلار پەقەت ئىيتقان ناخشامنى،

سالاپەتلىك بىر توپ دىۋانە.

-«خىلۋەتتىكى دەرەخ»دىن.

دەل-دەرەخ ھەققىدە شېئىر يازمىغان شائىرلار ئاز ئۇچرۇشى مۇمكىن.ئەمما ئاشۇ دەرەخنى كۆكلەتكەن «ۋىجدان،غۇرۇر، ئىمان، ساداقەت» دەپ تەسەۋۋۇر قىلغان شائىرلار قانچىلىك ئىكەنلىكى بىزگە نامەلۇم. بىزگە ھازىر نەق مەلۇم بولغىنى يەنىلا شائىر ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرك بولۇپ،ئۇ بۇ شېئىردىمۇ يېڭىچە ئىپادىلەش ئۇسۇلى،يېڭىچە پىكىر قىلىش تالانتى بىلەن كۆز ئالدىمىزدا كۆركەم بىر ئوبرازنى، يەنى جانسىز شەيئىي بولغان دەرەخنى ئادەملەشتۈرۈپ قەلبىمىزنى چىن مەنىسى بىلەن سۆيۈندۈردى.

مەن شائىر ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈركنىڭ«ئاشىق يۈرىكى»ناملىق شېئىرلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلىرىنىڭ ھەر بىر پارچىسىنى ئوقۇرمەنلەرگە«چايناپ يىگۈزىمەن» دەپ ئۇ شېئىرلارنىڭ دىللارغا ھوزۇر، كۆڭۈللەرگە شادلىق ئاتا قىلغۇچى شېرىن تەمىنى ئۆز ئېغىزىمدا ئېلىپ قېلىشنىڭ قىلچە ئەھمىيتى يوق دەپ قارايمەن.چۈنكى«شېئىرچۈشىنىدىغان ئەمەس، ھېس قىلىدىغان سەنئەت شەكلى» بولغاچقا، شېئىرلارنىڭ«كەينىدىكى ھېكايە»نى ئۆز تەسەۋۋۇرۇمچە چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە ئاتا قىلىدىغان تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان لەززىتىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويۇشنىڭ تېخىمۇ ئەھمىيەتسىز بىر ئەمگەك بولىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، شائىرنىڭ شېئىرلىرىدا يارىتىلغان شېئىرىي موھىت ۋە شېئىرىي ئوبراز ھەققىدە مۇشۇنچىلىك توختىلىش كۇپايىلىنەر دەپ قارىدىم. چۈنكى، ئەقىللىق ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ بۇ جەھەتتە مېنىڭدىن چوڭقۇرراق قايناق ھاياجانغا چۆمۈلگەنلىكىگە ئىشەنچىم كامىل.

ئاخىرىدا،مەن بۇ ماقالەمنى تالانتلىق ياش شائىر غوجامۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈركنىڭ«ئاشىق يۈرىكى»ناملىق شېئىرلار توپلىمى توغرىسىدا ئېيىتقان مۇنۇ سۆزلىرى بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشنى لايىق تاپتىم:

«‹ئاشىق يۈرىكى›ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دوستۇم ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈركنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. شۈبھىسىزكى، 24 يىللىق شېئىر ئىجادىيىتى ئەمگىگىنىڭ شېرىن مېۋىسى بولغان بۇ جەۋھەر توپلام ئوقۇرمەنلەرنىڭ شېئىرسىرىغان يۈرىكىنى قاندۇرىدۇ. شۇنداقلا بۈگۈنكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى تۇرغۇن ھالەتكە مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتىدۇ.

تور مۇنبەرلىرىدىكى نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەر بەگتۈركنىڭ يىقىنقى بىر نەچچە يىلدا يازغان ئاز بىر قىسىم شېئىرلىرىنى كۆردى، يەنە كېلىپ ئۇ شېئىرلارنىڭ كۆپىنچىسى ئارۇز ۋەزنىدە يېزىلغان شېئىرلار بولۇپ، مۇتلەق كۆپچىلىك ئوقۇرمەنلەر ئۇنىڭ ئىلگىرى يېزىلغان بارماق ۋەزىنلىك شېئىرلىرى بىلەن كۆپ تونۇشلۇق ئەمەس. ئىشەنچىلىك ھالدا شۇنداق ئىيتىشقا بولىدۇكى، شائىرنىڭ چىن ئادىمىيلىك ئىزتىراپلىرى، ئانا سەھرا، ئانا تەبىئەت ۋە ئانا ۋەتەنگە بولغان ئاشىقانە مۇھەببىتى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتلۇق شېئىرلىرى ھەمدە بۇلاق سۈيىدەك ئويناق لېرىكىلىرى كىتابخانلارغا شېئىرىيەتنىڭ ھازىرقى تېخنىكا ئىنقىلابىدا نەزەرسىز قىلىۋاتقان يەنە بىر تەرىپىنى، يەنى- شېئىرنىڭ يۈرەك بىلەن تۇتاشقان، چىن ۋە سەمىمىي تۇيغۇلار بىلەن ئۇلاشقان تەبىئىي رېتىمىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

مەن شۇنى بىلىمەن، يىقىنقى يىللاردا يېڭىدىن شېئىرىيەت ئىجادىيىتىگە كىرىشكەن ھەۋەسكارلارنىڭ ئىچىدە بەگتۈركنى بىۋاستە ۋە غايىبانە ئۇستاز تۇتقانلار ئاز ئەمەس. بۇ توپلامنىڭ نەشىر قىلىنىشى- بەگتۈركنىڭلا ئەمەس، ئۇنى ئۇستاز تۇتقان ئاشۇ ھەۋەسكارلارنىڭمۇ شەرىپى، شۇنداقلا ئۇيغۇر نەشىر ئەپكارچىلىقىىنىڭ 2014- يىل ئاخىرلىشىش ئالدىدىكى بىر قىتىملىق ئاقىلانىلىقى ۋە سەمەرىلىك ئەمگىكى.

ئاخىرىدا دوستۇمنى بۇ شېئىرلار توپلىمى بىلەن قۇتلۇقلايمەن ۋە يېڭىدىن نەشىرگە تەييارلىغان ۋەزنى ئارۇز توپلىمىنىڭ تىزرەك يورۇقلۇققا چىقىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.»⑦

2014-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى،گۇما-كۆكئوتاغ.

 

سېتاتا مەنبەلىرى:

①③④⑤⑥ مۇھەممەت زۇنۇننىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى1984-يىلى 11-ئايدا نەشىر قىلغان«ئىزدىنىش» ناملىق ماقالىلار توپلىمى.

⑦ غوجامۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ «گۇما دىيارى مۇنبىرى»دە ئېلان قىلىنغان«ئاشىق يۈرىكى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنىڭ نەشىر قىلىنغانلىقى ھەققىدە بېرىلگەن خەۋەرگە يېزىلغان ئىنكاسى.

②ياشنار كامالنىڭ2008-يىلى 5-ئايدا«سۇمرۇغ ئەدەبىيات مۇنبىرى»دە ئېلان قىلىنغان«قەيسەر تۇرسۇن شېئىرلىرى ۋە قەلبنىڭ كۆزى» ناملىق ماقالىسى

 

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)