ئانامنىڭ گۈللىرى
*************************
ئابدۇلئەزىز مۇبارەك(ئۆزبېكىستان)
مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ئۇيغۇرچىلاشتۇردى
يالغۇزۇم
قېشىڭدەك قارايدى قارا تۈن،
يۇلتۇزدەك ئۇچتۇڭمۇ يۇلتۇزۇم.
نېمانچە ئەيلەندى بۇ گەردۇن،
مەن ھامان يالغۇزمەن،يالغۇزۇم.
گەۋھەرىم گەۋھەرگە چاپتىڭمۇ،
بىر دۇنيا بولاردىم مەن ئۆزۈم.
تەڭسىزىم تېڭىڭنى تاپتىڭمۇ،
مەن ھامان يالغۇزمەن،يالغۇزۇم.
سۆيمىدىم باشقا بىر سەنەمنى،
يا قەلبىم كور بولغان يا كۆزۈم.
مەن يالغۇز ئوغلىمەن ئانامنىڭ،
مەن ھامان يالغۇزمەن،يالغۇزۇم.
سەن ئەركە ئوغلۇڭنى ئەركىلەت،
تىزىمنى قۇچاقلاي مەن ئۆزۈم.
كۆكسۈمدە يىغلايدۇ بىر نالە،
مەن ھامان يالغۇزمەن،يالغۇزۇم.
خاتىرە
كۆپ قوللار بېشىمنى سىلىدى،
قانچە قول بەختىمنى تىلىدى،
سەۋەبىن بىر خۇدا بىلىدۇ،
ئانامنىڭ قوللىرى باشقىچە.
كۆپ ئىنسان مەن ئۈچۈن مېھرىبان،
قانچىسى خۇشپىئىل،خۇشزۇبان.
ئىچىمنى تىرنايدۇ بىر ئارمان،
ئانامنىڭ تىللىرى باشقىچە.
يولىدىن ئاداشقان كارۋانمەن،
قاياققا يول ئالدىم؟ھەيرانمەن،
ئانامغا يېتەلمەي سەرسانمەن،
ئانامنىڭ يوللىرى باشقىچە.
زار بولدۇم ئانامنىڭ مېھرىگە،
بارىدا يەتمىدىم قەدرىگە،
گۈل تىكەي دەيمەنۇ قەبرىگە،
ئانامنىڭ گۈللىرى باشقىچە.
روھلىرى نۇر چاچار يولۇمغا،
قۇرئانداز تۇتقۇزار قولۇمغا،
«ئوغلۇم بۇ خۇدانىڭ قىسمىتى
يوق،لەنەت ئوقۇما ئۆلۈمگە»!
ئانامنىڭ دىلى ھەم باشقىچە.
1994-يىل
كۆڭلۈم
كىم كۆڭلۈم خېرىدارى…
-ئىقبال مىرزا
كۆڭلۈمنى قوينۇمدىن ئىزلىگەن گۇمراھ،
قويۇنى سەنسىز ھەم سەدپارە،سىياھ…
بەلكى تاشتىكى گۈل،قاردىكى گىياھ-
كۆڭلۈم…
ئۇنى سامالاردىن ئاختۇرار ھىلال،
ئىزلەپ زېمىننى تىترىتەر شامال،
گاھى قول سوزماقچى بولۇر ئېھتىمال،
سىڭلىم…
ئېيىت، ماڭا دەۋ دەۋە قىلمىسۇن ئەجەل،
جان كېرەكمۇ ئالسۇن،تۇرماستىن دانگال…
ئۇنى تاپالمايدۇ ئانامدىن ئاۋال
ھېچكىم!
1994-يىل
ئەگەرسەن سۆيمىسەڭ…
كېتىمەن
بۇ يەردىن باش ئېلىپ،
مەجنۇننى سىغدۇرغان سەھراغا.
كېتىمەن
كۆزۈمگە ياش ئېلىپ،
يۇلتۇزلار ۋەتىنى-ساماغا.
بولمىسا
ھەر ساڭا باغلىنىپ،
چۆكۈمەن تۈۋى يوق ئۇممانغا
ياكى كۆك كەپتەرگە ئايلىنىپ،
ئۇچىمەن كوھىقاپ تامانغا.
دوست تۇتۇپ تاڭدىكى شەبنەمنى،
سىڭىپلا كېتىمەن تۇپراققا.
كېتىمەن
يىغلىتىپ ئانامنى
«بارسا ھەم كەلمەس»دىن يىراققا.
كېتىمەن
بەرىبىر كېتىمەن،
شۇ مېنىڭ ئاخىرقى قارارىم.
سۆيمىسەڭ سۈركىلىپ نېتىمەن!
ئەلۋىدا!!!
سۆيۈملۈك دىلدارىم.
1994-يىل
ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:مۇھەممەد كامال خۇشخۇي
- يازما سانى: 530 پارچە
- باھا سانى: 90 پارچە
- تۈر سانى: 6 پارچە
- خەتكۈش سانى: 24 پارچە
- قۇرۇلغان ۋاقىت:
- تور بېكەت ئېچىلغىلى 16526 كۈن بولدى
- يېڭىلانغان ۋاقتى: 2015-03-25