دىلنى سۆيۈندۈرگەن«ئەدىب ۋە پەزىلەت»
تەۋە تۈر: نەسرى ئەسەرلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2013/11/11 | ئىنكاس: 2 پارچە | كۆرۈلۈشى: 5,581 قېتىم

دىلنى سۆيۈندۈرگەن«ئەدىب ۋە پەزىلەت»

(شائىر ئابدۇرۇسۇل ئۆمەرنىڭ«ئەدىب ۋە پەزىلەت»ناملىق ماقالىلار توپلىمى ھەققىدە)

مۇھەممەد كامال خۇشخۇي

 

«شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى»نەشىر قىلغان پېشقەدەم شائىر، ئىقتىدارلىق مۇھەررىر ئابدۇرۇسۇل ئۆمەرنىڭ «ئەدىب ۋە پەزىلەت»ناملىق ماقالىلار توپلىمىنى قىزغىن ئىشتىياق بىلەن ئوقۇپ چىقتىم.

توپلامغا ئالتە پارچە نەزىرۋى ماقالە،17 پارچە ئەدەبىي تەقرىز ۋە كىتاپخانلىق تەسىراتى بولۇپ جەمئىي 23 پارچە ماقالە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ،مەيلى نەزىرىۋى ماقالىلار بولسۇن ياكى ئەدەبىي تەقرىزلەر بولسۇن چوڭقۇر ئىلمىيلىككە،كۈچلۈك دەلىللىككە، رۇشەن خاسلىققا ئىگە قىلىنغاندىن باشقا،ماقالىلارنىڭ مەزمۇنىنى بىيىتىش، دەلىللىكىنى كۈچەيتىش مۇددىئاسى بىلەن كىرىشتۈرۈلگەن ھېكمەتلىك سۆزلەرمۇ ناھايىتى كۆڭۈل قويۇپ تاللانغان ۋە دەل جايىغا قويۇلغان.

مەن كىتاپنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ئەڭ ئالدى بىلەن توپلامغا تېما قىلىپ ئېلىنغان «ئەدىب ۋە پەزىلەت»ناملىق ماقالىنى ئوقۇپ چىقتىم. بۇ ماقالە ئاتاقلىق تېبابەت ئۇستازى لوقمان ھېكىمنىڭ «تامدىن يىقىلىپ چۈشكەن ئادەمنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ،ئەلنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتكەن ئادەمنى ساقايتماق تەس…» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ماقالىدا ئەخلاق-پەزىلەتلىك كىشىلەر بىلەن مەنمەنچى،شۆھرەت پەرەس،ھەممىدە ئۆزىنى كۆككە كۆتۈرۈشنى ئادەت قىلىپ كەلگەن كىشىلەر ئۆز ئارا سېلىشتۇرۇلۇش ئارقىلىق ھەر قانداق ئادەم بولۇپمۇ، خەلقنىڭ بىردىن-بىر مەنىۋى تۈۋرۈكلىرى بولغان شائىر،يازغۇچى، ئوبزۇرچىلارنىڭ «يۈكسەك ئىلمىي روھقا، پىداكارلىققا،ھەققانىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇشى،شەخسىي مەنپەئەت، خۇسۇسىي غەرەزلەرنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى»نى تەكىتلەپ ئەدىبلەرنى ئۆزۈمچىللىك ئىدىيسىدىن تېزرەك قۇتۇلۇپ،شۆھرەت پەرەسلىككە،قۇرۇق ماختاش،ماختىنىشلارغا بېرىلمەي،قىممەتلىك ھاياتىنى جان-دىل بىلەن خەلقنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىشقا بېغىشلاپ، خەلقنىڭ قەلبىدە ئوتتا كۆيمەس،سۇدا ئاقماس، بوران-چاپقۇندا يىقىلماس ئېسىل ئابىدە تىكلەشكە چاقىرغان.ماقالىدا ئالغا سۈرۈلگەن ئىدىيە دىلىمىزنى سۈيۈندۈرۈپلا قالماستىن،ماقالىنىڭ قۇرۇلمىسىمۇ پۇختا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.مەسىلەن،ئاپتور بۇ ماقالىنىڭ خاتىمىسىنى مۇۋاپىقىيەتلىك چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ«… كىشى پەزىلىتى بىلەن قولىنى ئۇزاتسا ئېگىز تاغنى باش ئەگدۈرۈپ، يەرگە ئېڭىشتۈرىدۇ» دېگەن ھېكمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ،«ئەدىبلەر-خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى يېتەكچىلىرى. ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئېيتقاندەك پەزىلىتى بىلەن ئېگىز تاغنى باش ئەگدۈرەلەيدىغان روھ بولۇشى لازىم» لىقىنى كەسكىن ئوتتۇرغا قويغان.

ئاپتور«‹روزى سايىت شېئىرلىرى›نى ئوقۇغاندىن كېيىن»ناملىق ماقالىسىدا، ئەل سۆيگەن خەلق شائىرى روزى سايىتنىڭ«مىللەتلەر نەشرىياتى»نەشىر قىلغان «روزى سايىت شېئىرلىرىدىن»ناملىق توپلامنىڭ بىرىنچى قىسمىدىكى غەزەللەر ھەققىدە توختۇلۇپ:«بۇ توپلامدىكى غەزەللەرنىڭ مەزمۇنى كەڭ،چوڭقۇر،شەكلى خىلمۇخىل،تىلى ساپ ۋە يېقىملىق،ھېسسىياتى تەبىئى ۋە چىن،قايسى تېمىنى ئىزدىسە قانائەتلىنەر لىك جاۋابقا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى»نى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئارقىلىق روزى سايىت ئىجادىيىتىنىڭ بىر پۈتۈن سەمەرىسىگە يۇقۇرى باھا بەرسە،«پېشقەدەم ئەدىبلىرىمىزنى قەدىرلەيلى»ناملىق ماقالىسىدە،ھەر بىر ئەقىل ئىگىسىنىڭ كەمتەر بولۇشنىڭ زۆرۈر لىكى،«كەمتەرلىك-ھەقىقەتەنمۇ ئىنساننى غاپىللىقتىن،بىخودلۇقتىن، مەغرۇرلۇق تىن، ساقلايدىغان،كىشىنى خەلقنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە مۇيەسسەر قىلىدىغان ئېسىل پەزىلەت»ئىكەنلىكىنى ئەقلىي تەپەككۇرىمىزغا ھاۋالە قىلىش ئارقىلىق بىر قىسىم قېنى قىززىق،تەنتەك ياشلىرىمىزنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئازراق نەتىجىگە ئىرىشىپلا پېشقەدەملەرنى كۆزىگە ئىلماي،ھە دەپ ئۆزىنى كۆككە كۆتۈرۈپ،ئاتا يوللۇق پىشقەدەملەر نىڭ ئاۋام ئېتىراپ قىلغان ئىجادىيەت مېۋىلىرىنى يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇنغانلىغىدەك ئالدۇراڭغۇلىقىغا تەنبىھ بەرگەن.ئۇ بۇ ھەقتە قىسقىچە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«ياش ئەدىبلىرىمىز ئىچىدىكى ئىنتايىن ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەر، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا بەلگىلىك ئورنى ۋە تەسىرى بار ، خەلقىمىز قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان،بىر مۇنچە پېشقەدەم ئەدىبلەرنى‹شائىر ئەمەس›،‹يازغۇچى ئەمەس›دەپ ئۇلارنى ئىنكار قىلىۋاتىدۇ. مېنىڭچە،خەلق سۆيگەن يازغۇچى- شائىرلارنى، خەلق سۆيگەن ئەسەرلەرنى ھاقارەتلەش خەلقنى نەزىرىگە ئىلمىغانلىق، ئەدەبىياتنى ئىنكار قىلغانلىق،ئەلبەتتە».

بۇ توپلامغا كىرگۈزۈلگەن ماقالىلاردىن يەنە تالانىتلىق ياش يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ تارىخى رومانى‹‹جاللات خېنىم»ھەققىدە،ياش شائىر ئادىل تۇنىياز نىڭ «پەيغەمبەر دىيارىدىكى كېچىلەر»ناملىق ماقالىلار توپلىمىنىڭ مۇۋاپىقىيىتى توغرىسىدا يېزىلغان«ياش شائىرنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۇرى»ناملىق ماقالىسى، ئىقتىدار لىق ياش يازغۇچى مەتسېلىم مەتقاسىمنىڭ خوتەندە ياشاپ ئۆتكەن تېبابەت ئۇستازلىرى تۇردى ھاجىم ۋە ئابلىمىد يۈسۈپ ھاجىم ھەققىدىكى ئىككى پارچە توپلامنىڭ ئالىملار نىڭ ھايات سەرگۈزەشتلىرىنى يۇرۇتۇپ بېرىشتە ياراتقان يۇقۇرى پەللىسىنى مۇئەييەنلەش تۈرگەن ماقالىلىرىمۇ قەلبىمنى زىلزىلىگە سېلىپ كىتاپ ئاپتورىغا بولغان ھۆرمىتىمنى تېخىمۇ يۈكسەكلىككە كۆتۈردى.

ئۇندىن باشقا 23پارچە ماقالىدىن تۈزۈلگەن 170 بەتكە يىقىن بۇ توپلامدىكى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى پىشىۋالىرى ۋە چەتئەلنىڭ دۇنياغا داڭلىق ئەدىبلىرىنىڭ شۇنداقلا ئاپتورنىڭ ئۆز ئەقىل ئىدىراكى بىلەن ھاياتتىن يەكۈنلەپ چىققان ھېكمەتلىك سۆزلىرى 100 پارچىدىن ئاشىدىغان بولۇپ،بۇ ھېكمەتلەر ھەر بىر پارچە ماقالىنىڭ ئىدىۋى مەزمۇنىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە كىتاپخانلارنى قايىل قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشتا ناھايىيتى تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.مەسىلەن،ئالتە بەتلىك مەزمۇندىن تەركىپ تاپقان «كىتاب ئوقۇش ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە»ناملىق ماقالىسىدىلا،روسىيە يازغۇچىسى ئالېكىساندىر گېرىتسېن،تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياشاپ ئىجات ئەتكەن شائىر دۇفۇ، ماكىسىم گوركىي،بېلىنىسكىي،ئىلىمىزنىڭ مەشھۇر نەسىر يازغۇچىسى چىنمۇ، سۇن جۇڭشەن ئەپەندى قاتارلىق ئونبىردىن ئارتۇق ئەدىبنىڭ ئەقلىيە سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، كىتاپ ئوقۇشنىڭ زۆرۈرلىكى ۋە كىتاپ ئوقۇغاندا پىلانلىق،مەقسەتلىك ئوقۇش، نوقتىلىق،مۇنەۋۋەر كىتاپلارنى تاللاپ ئوقۇش ئارقىلىق جاھان ئېتىراپ قىلغۇدەك يېڭى ئىجادىيەت،يېڭى كەشپىياتلارنى يورۇقلۇققا چىقىرىشنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

«ئەدىب ۋە پەزىلەت»ناملىق بۇ كىتاپ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان ئىدىۋى مەزمۇن ۋە ئەقىل ئۈندۈرمىلىرىدىن باشقا، توپلامنىڭ مۇقاۋىسىمۇ ئالاھىدە كۆركەم، كىتاپخانلارنى جەلىپ قىلارلىق ھالدا ئىشلەنگەن بولۇپ،كىتاپخاننى ناھايىتى ئاسانلا ئۆزىگە مەپتۇن قىلغانلىقى ئۈچۈن ناھىيىمىز كىتاپخانىسىغا سېلىنغان 10 پارچە كىتاپ ئىككى كۈنگە قالمايلا سېتىلىپ بولغان.بۇنىڭدىن مەن دانالىرىمىزنىڭ «ھەرقانداق نەرسىنىڭ شەكلى مەزمۇننى بەلگىلەيدۇ،مەزمۇنسىز شەكىل،شەكىلسىز مەزمۇندىن ئېغىز ئېچىش تولىمۇ قېيىن»دېگەن ئاقىلانە يەكۈنىنىڭ تەكتىگە يەتكەندەك بولدۇم.

كىتاپ شەكلىنىڭ ئادەمنى ئەڭ سۆيۈندۈرىدىغان يېرى شۇكى،مۇقاۋىغا چىقىرىلغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان مەشھۇر يازغۇچى شائىرلىرىمىزدىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر،تىيىپجان ئىلىيىف،مۇھەممەد رەھىم،مەمتىمىن ھوشۇر،خالىدە ئىسرائىل،ئەختەم ئۆمەر،ۋەتەنپەرۋەر ئوت يۈرەك شائىرلاردىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر،لوتپۇللا مۇتەللىپنىڭ سۈرەتلىرى ۋە يىپەك يولىنىڭ بىردىن بىر سىمۋۇلى بولغان ئەتلەس، شۇنداقلا كىتاپنىڭ ئىچ بەتلىرىگە ئىشلەنگەن نەقىش، تەگلىكلەرنىڭ كۆركەملىكىمۇ كىتاپنى بىر كۆرگەن ئادەمگە ئۇنى ئوقۇماي تۇرۇپلا ئالاھىدە ھوزۇر ئاتا قىلىدۇ.

مەن سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا ئالدى بىلەن كىتاپ ئاپتورى بولغان پېشقەدەم شائىرىمىز ئابدۇرۇسۇل ئۆمەرنىڭ تېنىگە ساقلىق،بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە نەتىجە،ئۇتۇق، كىتاپنىڭ مۇقاۋا بەتلىرىنى لايىھىلىگەن گۈزەل سەنئەت خادىملىرى ۋە كىتاپنىڭ مەسئۇل مۇھەررىر،مۇھەررىرلىرىگە چىن كۆڭلۈمدىن ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە «شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى»،جۈملىدىن بارلىق نەشىرياتلار دىن كىتاپ نەشىر قىلىشتا ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئېتىبار بېرىپلا قالماستىن، «ئەدىب ۋە پەزىلەت»ناملىق كىتاپقا ئوخشاش كىتاپ شەكلى ۋە كىتاپقا ئىشلىتىلگەن قەغەزلەرگىمۇ ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشىنى سەمىيمىلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمەن.

2010-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى(جۈمە)، گۇما-كۆكئوتاغ.

 

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)