قانات-قۇيرۇق چىقارسۇن ۋەدە
تەۋە تۈر: نەزمىي ئەسەرلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2015/06/16 | ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,970 قېتىم

شېئىرلار

مۇھەممەد كامال خۇشخۇي

پەرھات بىلەن بىر قاتارغا تىزىلاي

قارچۇقۇڭدىن قارچۇقۇمغا ئۈزگەن نۇر،
ئارامسىزلىق بۆشىكىگە بۆلىدى.
ھايات يۈرسەم ئىشەنمىگىن جان بىر ھور،
سۆيگۈڭ ئۈچۈن سۆيگۈم بەدەل تۆلىدى.
بولدى ئۈمىد ماڭا تىرەك يۆلىدى.

سۈخەنچىلەر چاقتى ئاتاڭ بارىغا،
جىنايەتكار بولدۇم سېنى ياقتۇرۇپ.
ئاسماق بولدى ئىشقىڭ ھىجران دارىغا،
غايىبانە يالۋۇرساممۇ ئاھ ئۇرۇپ.
تۈنلەر بىدار ئۆتتۈم ياشىم ئاقتۇرۇپ.

ئالسۇن قىيناپ ئىشقىڭ مەيلى جېنىمنى،
مەجنۇن بىلەن بىر قاتارغا تىزىلاي.
يوقاتمايمەن خىسلىتىمنى-نامىمنى،
ئاشىقلارنىڭ ئارخىبىغا يېزىلاي.
پەرھات بىلەن بىر قاتارغا تىزىلاي.

ئىلتىجا

قىيا باقساڭ ئىرىپ كەتتى ۋۇجۇدۇم،
ئۇدۇل باقساڭ نەدىن تاپاي ئۆزۈمنى.
ئۆتۈپ كەتسەڭ ناتونۇشتەك ئالدىمدىن،
ئۈزەلمەيمەن مەن سېنىڭدىن كۆزۈمنى.

ئۈزەلمەيمەن مەن سېنىڭدىن كۆزۈمنى،
سېھىرلىنىپ قالدىممۇ-يە؟ بىلمەيمەن.
كۈندە بىررەت كۆرەلمىسەم گەر سېنى،
تەشۋىش بىلەن يۈرۈپ زېنھار كۈلمەيمەن.

تەشۋىش بىلەن يۈرۈپ زېنھار كۈلمەيمەن،
ئەتراپىمغا كۈلكە-چاقچاق تولسىمۇ.
پىنھان يۈرۈپ مېنى ۋەيران ئەيلىمە،
ئال كۆڭلۈمنى قىيا بېقىپ بولسىمۇ.

قانات-قۇيرۇق چىقارسۇن ۋەدە

<<كەل سۆيۈپ قوي،سۆيۈپ قوي مېنى>>،①
قىنىۋالسۇن چاڭقاق لەۋلىرىم.
كۈتە-كۈتە زارىقىپ سېنى،
ماغدۇرىدىن قالدى تەنلىرىم.

ماغدۇرىدىن قالدى تەنلىرىم،
ۋىسالىڭغا يېتەلمەستىن يار.
يېشىم كىچىك لېكىن بەللىرىم،
<<دال>>سىياقى،ئۆزۈم گۇيا تار.

كەل،گۈزەلىم ئوينايلى بىر پەس،
قانات،قۇيرۇق چىقارسۇن ۋەدە.
بىخۇت بولساق رەقىب قىلار قەس،
سەنمۇ سەرسان،مەنمۇ بۇ يەردە…
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
① بۇ مىسرا سېرگېى يېسىنىننىڭ

يىگىت سۈرەر دوقمۇشتا خىيال

يىگىت سۈرەر دوقمۇشتا خىيال،
تەشۋىش بىلەن سوقۇپ يۈرىكى.
كەلسە ئىدى كۈتكىنى شۇ تاپ،
ھەل بولاتتى ئارزۇ-تىلىكى.

يىگىت سۈرەر دوقمۇشتا خىيال،
سائىتىگە قاراپ رەتمۇ-رەت.
ئۆتۈپ تۇرار<<پەرى>>سىياقلار،
كۆرۈنمەيدۇ نىگارى پەقەت.

يىگىت سۈرەر دوقمۇشتا خىيال،
چۈشۈپ تاقەت ئۆيىگە زاۋال.
نۇرغا پۈركەپ ۋەدىنى گۈلقىز،
كەلدى چاقناپ،يىگىت بەك خۇشال.

ئىشىنەمسەن

-قاراڭ ئاۋۇ ئالما تېنىنى،
تېشىپ قۇشقاچ ياساپتۇ ئۇۋا.
بىراق ئالما كەتمەستىن قۇرۇپ-
دېدىڭ،-كۆكلەپ تۇرۇپتۇ توۋا.

بىلسەڭ جانان مەنمۇ بىر ئالما،
(ئىشقىڭ دىلغا ياسىغان ئۇۋا).
ئىشىنەمسەن؟(سورىساڭ پاكىت)،
مىسكىن ھالىم بۇنىڭغا گۇۋاھ.

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)