گۈلدەك كېلىپ،غۇنچىدەك كەتتىڭ
(ئابلىپىز توختىمۇھەممەد ئارىقۇمىغا مەرسىيە)
مۇھەممەد كامال خۇشخۇي
قۇم جەۋھىرى ئارىقۇم ئىدىڭ،
شېئىر ئاتلىق نۇرغا يەم بولغان.
ئارىقۇمدا بىخلىنىپ كۆركەم،
ئۈرۈمچىدە گۈلگە جەم بولغان.
تەۋرىمەيتتى چاپقۇندا بەرگىڭ،
ئەشئار ئۈچۈن ئۆلۈشكە رازى.
ئەنئەنىگە باغلاپ مۇھەببەت،
جاراڭلايتتى قەلەمنىڭ سازى.
ئۈرۈمچىدە چۈش كۆرۈپ ھەر تۈن،
«توغراقتار»دا يۈرەتتىڭ پەقەت.
گۈلدەك كېلىپ غۇنچىدەك كەتتىڭ،
يارەنلەرنى يىغلىتىپ قەۋەت…
جىسمىڭ كەتتى تىلېكىڭ قالدى،
باھار بىلەن قۇرۇشقا سۆھبەت.
شۇنداق قىسمەت پۈتۈپتۇ تەقدىر،
بىزنى بالدۇر چېكىشكە ھەسرەت.
«ئارىقۇم»دىن باشلانسا كۈيلەر،
روزىلەمگە باراتتى يېتىپ.
سۆيۈنەتتۇق قانماستىن ئاڭلاپ،
باشلىرىمىز كۆكلەرگە يېتىپ.
ساڭا تەگكەن«يۆچۈن»كېسەلگە،
يامغۇر بولدى نەپرەت ئوقلىرى.
ئارىقۇمدا قۇم ياغدى ئۈچ كۈن،
چۆكۈپ كەتتى«بەلقۇم»چوقلىرى.
ئەگىپ يۈرەر قەبرەڭنى قۇشلار،
نالە-پەريات ئۇرۇپ ئېسەدەپ.
قۇشلار زارى-بىزنىڭ قايغۇمىز،
پاتماي قالغان دىللاردا دەۋرەپ!
2014-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى(سەيشەنبە)،گۇما-كۆكئوتاغ.
ئىزاھات: قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنغانلىرى شائىرنىڭ شېئىرلىرىنىڭ نامى.
- يازما سانى: 530 پارچە
- باھا سانى: 90 پارچە
- تۈر سانى: 6 پارچە
- خەتكۈش سانى: 24 پارچە
- قۇرۇلغان ۋاقىت:
- تور بېكەت ئېچىلغىلى 16526 كۈن بولدى
- يېڭىلانغان ۋاقتى: 2015-03-25