ئىككى شېئىر
مۇھەممەد كامال خۇشخۇي
قاغا رىۋايىتى
بېغىمدىكى ياڭاق بېشىدىن،
كېتەلمەيدۇ قاغا بىر قەدەم.
تاپالمايدۇ ياكى بىر ياڭاق،
قاقىلدايدۇ بىراق دەمبىدەم.
دىكابىردا شاخلار يالىڭاچ،
قاغا كۆڭلى غەمگە مۇپتىلا.
كۆمۈپ قويغان ياڭاقلىرىنى،
چاشقان گۇيلار قىلغان ئىستىلا.
تاپقىنىنى تۇتۇپ يىيەلمەي،
ماڭا تېخى نېچۈن؟ دېيەلمەي.
ئاھانەتتىن رەڭگى قارىداپ،
يۈرەر ئىسسىق كېيىم كىيەلمەي.
قاقىلدىشى شۇملۇقتىن بەلگە،
ئاپەت ياغار ئۇنىڭدىن ئەلگە.
ئاچ قورساقنىڭ قارغىشى يامان،
ئەل بولمايدۇ شامالغا-يەلگە.
ئۇنى شۇڭا ھەيدەيمەن باغدىن،
ئورۇن ئالسۇن تاقىرباش تاغدىن.
رىسىقىمغا بولمىسا شىرىك ،
پىياز ئەمەس چاينايمەن ياغدىن.
گۆھەرنى تونۇش
ئۇرماي دېدىم گۆھەرنى تاشقا،
تولسىمۇ گەر ئىتىكىم ياشقا.
بۇ دۇنيانىڭ پەيلى يامانكەن،
ئامال يوقكەن گاھىدا باشقا.
ئوڭدىن كېلىپ تەلىيى تاشنىڭ،
قويىغىنى ئىچكەندە ئاشنىڭ.
گۆھەر شۇنداق كۈنگە مۇپتالا:
يىرتىق ئاياق تىكىش-ياماشنىڭ.
تاشقا تەگدى گۆھەر چېچىلدى،
بىراق،يەنە گۈلدەك ئېچىلدى.
تاش ئۆڭىنى يوقاتتى شۇئان،
<<قىممەت>>كە چىن تونلار پىچىلدى.
- يازما سانى: 530 پارچە
- باھا سانى: 90 پارچە
- تۈر سانى: 6 پارچە
- خەتكۈش سانى: 24 پارچە
- قۇرۇلغان ۋاقىت:
- تور بېكەت ئېچىلغىلى 16526 كۈن بولدى
- يېڭىلانغان ۋاقتى: 2015-03-25