يۇمۇلار
كاپكىلاپ يەيدىكەنسىز
بىر ئادەم قوشنىسى بىلەن مېھمانغا بېرىپتىكەن .
ساھىپخان چايدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئالدىغا پولۇ قويۇپتۇ.
قوشنىسى داستىخانغا سىڭايان قاراپ ، چوڭ سۈپەت ئولتۇرۇپتۇ :
- ھا ، ئاشقا باقمامسىز ؟
- پولۇپ بىلەن خوشۇم يوق .
- خوشىڭىز بولمىسىمۇ ، ئاشقا ئانچە – مۇنچە قول تەكگۈزۈپ ، « ھە – ھۇ » دېيىشىپ بېرىڭ .
شۇ سۆزدىن كېيىن ئۇنىڭ قوشنىسى لېگەندىكى ئاشنى كاپاملاپ – كاپاملاپ يېيىشكە باشلاپتۇ . بۇ ئىشىتن ھەيران قالغان ھېلىقى ئادەم .
- ھېلىمۇ ياخشى پولۇ بىلەن خوشىڭىز يوق ئىكەن ، كاپاملاپ يېدىڭىز ، ئەگەر خوشىڭىز بولغان بولسا كاپكىلاپ يەيدىكەنسىز ، – دەپتۇ .
قوي ھارام بولۇپ قالغاندا
بىر دېھقان شەھەرلىك دوست – بۇرادەرلىرىنى پەتىگە چاقىرغىلى شەھەرگە كىرىپ چىققۇچە ، ھويلىغا باغلاپ باققان قويى تانىدا بۇغۇلۇپ ئۆلۈپ قاپتۇ ، ئۆيدە قالغان بەش – ئالتە ئادەمنىڭ بىپەرۋالىقىدىن نارازى بولغان دېھقان :
- « ئادەم كۆپ يەردە ئېشەك ھارام بوپتۇ » دېگەن شۇدە ، – دەپتىكەن ، شەھەردىن چىققان بىرەيلەن مۇنداق دەپتۇ:
- بىز ئېشەك يېمىگەندىن كېيىن ئۇ نېمە بولسا مەيلى ، لېكىن ماۋۇ قوينىڭ ھارام بولۇپ قالغىنى بەك چاتاق بوپتۇ .
توخۇ يىتۈپ كەتسە
توخۇۋاز : يېغىڭىزدا بېقىپ بېرىڭ دەپ ، ئىككى توخۇ ئەكېلىپ بەرسەم، بىرنى يىتتۈرۋەتكىنڭىز نىمسى ؟
پروفېسسور : مەنمۇ سىزگە بىر نەچچە كۈن ئۆيىڭىزدە تۇرۇپ تۇرسۇن دەپ ، ئىككى كىتاب بەرسەم بىرنى يۈتتۈرۋەتتىڭىز .
توخۇۋاز : بۇ نېمە دېگىنىڭىز ؟
پروفېسسور : قويغان جايىدا جىم تۇرىدىغان ، قانىتى يوق كىتاب يىتۈپ كەتكەن يەردە ، قانىتى بار توخۇ يىتۈپ كەتسە نېمە بوپتۇ ؟
زوراۋان
- ئۇ ئۆتكەندە زوراۋانلىق قىلىپ ، مىنىڭ ئۆيۈمنى ئۆرىۋەتكەنتى ، بۇدا ئۆزى ئۆرۈلۈپتۇ .
- ئۇنى كىم ئۆرۈپتۇ ؟
- كېسەل .
- ۋاھ ، زوراۋاتتىڭمۇ زوراۋىنى بار ئىكەن – ھە !؟
بارىكاللا ئېيتىش
بىر كۈنى سايىماخۇن قۇشقا قارىتىپ ئوق ئاتقان ئىكەن،ئوقى خاتا كىتىپتۇ.
يېنىدا بۇنى كۆرۈپ تۇرغان مۇختەرباي:
__بارىكاللا !!__دەۋېتىپتۇ.
__نىمە،مېنى زاڭلىق قىلۋاتامسەن؟__ دەپتۇ سايىماخۇن.
__ۋاي ياق،مەن بارىكاللانى ساڭا ئەمەس قۇشقا ئېيتتىم __ دەپتۇ مۇختەرباي.
- يازما سانى: 530 پارچە
- باھا سانى: 90 پارچە
- تۈر سانى: 6 پارچە
- خەتكۈش سانى: 24 پارچە
- قۇرۇلغان ۋاقىت:
- تور بېكەت ئېچىلغىلى 16526 كۈن بولدى
- يېڭىلانغان ۋاقتى: 2015-03-25