سۇ باياۋان
تەۋە تۈر: تەرمە گۈللەر | يوللانغان ۋاقتى: 2014/10/13 | ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 856 قېتىم

سۇ باياۋان

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

1
يارىيارىم، نەۋ باھارىم گۈلئۇزارىم كەلمىدى،
تۈندە ئاھىم، تاڭدا ماھىم، سەبزەزارىم كەلمىدى.
گۈل كەرەشمە، مەي مۇسەللەس، لەۋلەرى مەست دىلبەرى،
ئىلتىجايىم، دەرد-  بالايىم، قايغۇ- زارىم كەلمىدى.
كۆزلەرى كۈن، ساچلارى تۈن، بىر چەرخ پەريادى ئۈن،
تەن بازارىم، روھ مازارىم، دىلئازارىم كەلمىدى.
خالى بىر ئوق، ھالى بار- يوق، تالى كىرپىك كارۋىنى،
بىر جېنىم، ئىككى جاھانىم، غەمگۇزارىم كەلمىدى.
ئوت جەھەننەم، سۇ باياۋان، تۇپرىقى كۆكلەردە نۇر،
ئىشقى ئالىم، جانغا زالىم، قەتلە دارىم كەلمىدى.
يەتتە قات يەر، يەتتە ئاسمان، يەتتە زىندان، يەتتە ئاھ،
ئىختىيارىم، ئىنتىزارىم ياندا بارىم كەلمىدى.
ئەي خوجا زار- زارە يىغلاپ ئالەمىي دەرۋرانغا ئېيىت:
ئاقتى قانىم، چىقتى جانىم، ئاھ مازارىم كەلمىدى!
2
ۋاھكى، ھالىم بىراۋالەرنى كۆرۈپ كۈلگەنچەدۇر،
تەندە جانىم كى قازالەرنى كۆرۈپ ئۆلگەنچەدۇر،
ماۋى ئاسمان ئاستى ئىشقىمغا جازا مەيدانىدۇر،
ئىككى ئالەم ئوتتۇراسىدا مېڭىپ يۈرگەنچىدۇر.
بىر بېقىپ بۇلبۇل كەبى يارنىڭ خازانلىق باغىغا،
يۈزلىرىمدىن بارچە گۈل بىر قايغۇنى كۆرگەنچەدۇر.
كىرپىكىم يىرتىپ كىپەننى تۈن بويى قىلغاي نىدا،
كۆزلىرىمگە قاپقارا تۈنلەر سىياھ سۈرگەنچەدۇر.
نە تىرىكمەن، نە ئۆلۈك، ئىككى ئارادا مەن غىرىب،
تەن- جېنىمنى بىر بېقىپ يار ئىككىگە بۆلگەنچەدۇر.
ياشى يامغۇر تامچىسىنى قامچىلار يىغلاپ تۇرۇپ،
لەۋلىرىدىن يول ياساپ يار يادىدىن ئۆتكەنچەدۇر.
كۆزلىرى ھېچبىر يېپىلماس جۈپ ئىشىككى ئاھ، خوجا
تا تۇغۇلغاندىن بىرى يار پايىنى كۈتكەنچەدۇر.
3
قىپقىزىل قان دەپتىرىدە بىر قەلەم ئەشئار قىلۇر،
جان قۇشىنىڭ كۆزلىرىدە بىر ئۆلۈم مۇڭ- زار قىلۇر.
تەندە تۇرماقلىق ئىبادەتكى، ئەجەل ئاندىن ساۋاب،
ھەركىشىكىم ئۆلسە تۇپراقنى يەنە بىسيار قىلۇر.
ۋاقتىكى، يىغلاپ ئەلەمدىن ئۆرلىسە كۆككە كىشى،
يۇلتۇزى ماۋى سامالەرگە ئۇنى رەپتار قىلۇر.
لەۋگە قان تولغان شارابتىن بىر قەدەھ ئىچسۇنكى كىم،
مەست بولۇپ شادى قاراڭغۇ قايغۇنى تارمار قىلۇر.
تامچىلار ئاشىق يۈرەكتىن قىپقىزىل يار قانلىرى،
قان ئىلە مەشۇققا بەلكى كۆڭلىنى ئىزھار قىلۇر.
4
سال لىباسىڭنى، ئاياغىڭدا ساما زار يىغلىسۇن،
ئۆرتەنىپ ئاپپاق سىياقىڭدىن گويا قار يىغلىسۇن.
كىرپىكىڭنىڭ جەندىسىدىن بىر ياماق ئەتسۇن يۈرەك،
ئاھ ئۇرۇپ نازۇك بويۇڭغا ئېسىلىپ دار يىغلىسۇن.
ۋاھكى، كۆكسۈڭ تاغلىرىغا يامىشىپ يەرۇ- ساما،
كىندىكىڭ بوستانىدا گۈللەر بولۇپ خار يىغلىسۇن.
پۇتلىرىڭ ئۆركەشلىرى دەريانى قايتۇرسۇن ساڭا،
قوللىرىڭغا قايرىلىپ گۈل شاخى ۋار- ۋار يىغلىسۇن.
خەندە قىل، نە بۇلبۇلىكىم، بارچە كۈي تىلسىز بولۇپ،
غەم ساتارى، تەلۋە تەمبۇرلەر ئۈزۈپ تار يىغلىسۇن.
بەلكى دۇنيادۇر مۇھەببەتنىڭ قارا پۈركەنجىسى،
سال ئۇنى، جۇلدۇر كىپەن ئىشقىي رىياكار يىغلىسۇن.
5
قاينىسۇن لەۋلەر ساماسى مەي بىلەن، كەۋسەر بىلەن،
يىغلىسۇن قەلبى ياراسى تىغ بىلەن، شەمشەر بىلەن.
باغرى قان ئاشىق خىيالنى يوقلىسۇن سەرۋى بەدەن،
ئىللىسۇن دىللار ئاراسى يار بىلەن، دىلبەر بىلەن.
قايىتمىسۇن ھەركىم ئەجەلدىن يەتكۈچە جانانغا جان،
كۈيلىسۇن ئىشقىي مالامەتنى قەلەم- دەپتەر بىلەن.
ئاھلىرى ئەينەكنى چاقسۇن، ئاندا بىر ئاسمان بولۇر،
كۆڭلىنى قىلسۇن پەرىشان، يىغلىتىپ دەردلەر بىلەن.
بىر چېچەك زىندان بولۇپتۇر نەۋ باھار خۇرشادىگە،
جىلۋىسى قارنى ئىرىتسۇن خۇش- شىرىن گەپلەر بىلەن.
كىندىكى تەقدىرگە پال ئىيتسۇن قاراڭغۇدىن يورۇق،
پۇتلىرى كەتسۇن رېۋايەتكە مېڭىپ خەتلەر بىلەن.
ئەي خوجا، روھىڭنى قىل ئىشقىي- مۇھەببەتكە ۋەتەن،
بىر ئۆلۈم تۇرسۇن ئەبەد جان شاخىدا كەپتەر بىلەن.
6
كۆزلەرى ئەما نىگاھلەردىن گۇناھىمنى سوراي،
ئول گۇناھ زۇلمەتلىرىدىن نۇر- چىراغىمنى سوراي.
قانغا بىر جام بولمىسا مەن نۇش ئېتەي تەندىن سېنى،
قايغۇسى تىلسىز سادالەردىن نىدايىمنى سوراي.
ئاستىڭە ئاسماننى تاشلاپ، يەردە مەن پەرياد ئېتەي،
بويلەرىڭ ھۈرگەن سابالەردىن خىيالىمنى سوراي.
گۈلگە قان چاچسا يۈرەكلەرنىڭ ياراسىدىن ئىشىق،
كى خازان رۇخسارىدىن سولغۇن چىرايىمنى سوراي.
كۆكسۈمە يىغلاپ پىچاق قىلسۇن كۆڭۈل ئىزھارىنى،
مەست بولۇپ مەي ئەۋجىدىن گۈلگۈن ۋېسالىمنى سوراي.
لەرزىلىك دىل خەندىسى تاشسۇنكى تاش قىرغاقىدىن،
كۆز يېشىم ئاققان بۇلاقلاردىن زىلالىمنى سوراي.
دەرىخا، ھەر كۈن ئۆلۈپمەن كەلسە دەپ جاندىن سېنى،
كەل،  ئۆلۈم سۇلتانىدىن ئۆلمەس سىماھىمنى سوراي.
huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)