ھېيىت نەزمىسى
ئاپتورى:نۇرلان
بەركەت تىلەپ ئەھلى ئالەمگە،
مېھىر چېچىپ كۇللى خانەمگە.
سۇلغۇنلارنى چۆمدۈرۈپ رەڭگە،
يېتىپ كەلدى ئۇلۇغ روزا ھېيىت.
قۇتلۇق ئاينىڭ شاپائىتى ئۇ،
رامىزاننىڭ ساخاۋىتى ئۇ.
كۆڭۈللەرنىڭ ھارارىتى ئۇ،
دەل-دەرەخلەر توقۇيدۇ بېيىت.!
بالىلاردا ئالەمچە شادلىق،
ساما سالار بولۇپ قاناتلىق.
ھېيىت ئاقچىسى ئاجايىپ تاتلىق،
كۈندە نېسىپ بولماس بۇ بەخىت.
ئانلارنىڭ چېھرى قۇياشتەك،
داستىخانلار دىلغا تۇتاشتەك.
ھويلا-ساراي، گىلەم ئوتقاشتەك،
پاكىزلىقى ئىمانغا تەخىت.
ئاتىلارنىڭ چىرايىدا نۇر،
دوپپىسىدا ئاقىدۇ غۇرۇر.
سەنمۇ كۈلگىن، ساڭا ئايەمدۇر،
ئاپئاق ساقال ئەزىز مويسىپىت.
ئۇرۇق-تۇققان، قېرىنداشلار جەم،
دىللار دىلدىن سۇ ئىچەر بۇ دەم.
قىيداشلارغا كىرەر يېڭى تەم،
ئاداۋەتكە قويۇلۇپ چېكىت.
كوچا-كوينىڭ جامائىتى سەل،
ئەجدادلاردىن ئەنئەنىدۇر دەل.
قىرائەتلەر قەلىبلەرگە ھەل،
يادلىنىدۇ ياتقانلار-مېيىت.
سالام بەرگەن كۆكرەكلەردە زەر،
ئىلىك ئالغان يۈرەكلەر گۆھەر.
كىمنىڭ ھېيتى ئۇلۇغ بۇ قەدەر؟
تەرىپىنى كۈيلە، ناخشا ئېيىت.
ئالەم پاتماي قىنى-قىنىغا،
سۆيگۈ چاچار ھەر بىر يېىنغا.
ھېيىت گۈزەللىك ئىسلام دىنىغا،
تېچلىق ئامەت، ئىناقسىزلىق زىت.
بۈگۈن بايرام، بىزگە خاس بولسۇن،
ھېيىتلىرىمىز ئۇنتۇلماس بولسۇن.
ۋەتەن، ئەل-يۇرت گۈللەرگە تولسۇن،
ئېتىقادلىق بولسۇن قىز-يىگىت.
قەدرىگە يەت دوستلىرىم، زوقلان،
ھېيىتنى ئۇلۇغ بىلىدۇ نۇرلان.
ھېيىت بىلەن تەڭ ياشىغىن «روھلان»،
ھېيىت بېرىدۇ ھەممىمىزگە دىت.
- يازما سانى: 530 پارچە
- باھا سانى: 90 پارچە
- تۈر سانى: 6 پارچە
- خەتكۈش سانى: 24 پارچە
- قۇرۇلغان ۋاقىت:
- تور بېكەت ئېچىلغىلى 16526 كۈن بولدى
- يېڭىلانغان ۋاقتى: 2015-03-25