پىدايى غەزەللىرى
تەۋە تۈر: مەن ياقتۇرغان ئەسەرلەر | يوللانغان ۋاقتى: 2014/07/17 | ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 829 قېتىم

غەزەللەر

ئابدۇللا ساۋۇت

1
روھ قۇشۇم پەرۋازى دائىم غايىبات ئالەمدەدۇر،
ھەر نىگاھ چۈشكەندە گەۋدەم بىغۇبار سايەمدەدۇر.
روھىيەت چەكسىزلىكىدە مەن ئەسىر يوقلۇققا ھەم،
كەچمىشىم ئەسرارى باتىن سەيرىدە-ئايەمدەدۇر.
مەندە تىل، مەندە قۇلاق ھەم مەندە كۆز جان مۈلكىدۇر،
شۇ مۈلۈك جەۋھەر كەبى ئورنى كۆڭۈل خانەمدەدۇر.
دەۋرە قىلسام روھىناتىم يانمۇيان،
بىر سامادا مىڭ ناۋا كۆز ياشلىرىم نالەمدەدۇر.
يەتتە ئىقلىم، تۆت دېڭىز چېگراسى چەكسىز ھەم ئوچۇق.
بىر غېرىچلىق يول كەبى تەھقىق پۇتۇم پايەمدەدۇر.
ئەينىكىمدە ئۆزلۈكۈمنىڭ سۈرىتى بولدى ئايان،
پارچىلانسام زەررە-زەررە بارچە بىر دانەمدەدۇر.
ھەرتىنىق نەپسىمدە شەكسىز كېڭىيەر دىلنىڭ يولى،
كۆزلىگەن مەنزىل ۋىسالى ئارمىنىم غايەمدەدۇر.
روھ قۇشۇم سۇمرۇغ كەبى تاپسا ئۆزىنى قايسى چاغ،
بۇ پىدايى ئادىمى تىمسالىدا-ئادەمدەدۇر.
2
يولۇم شۇ، بىر بىشارەتتىن ئەزەل ئەخبارغا بارغايمەن،
ئاۋۋال ئاشىقلىقىم-ئىشقىم سىرى ئىزھارغا بارغايمەن.
چېكى يوق مەنزىلىم ئۆزرە تۇرار بىر جام تۇتۇپ ساقىي،
ئۈمىدىم، مەي ئۈچۈن مەجنۇن كەبى ئىقرارغا بارغايمەن.
ماڭا ھەربىر قەدەمدە مىڭ خەتەر-مۈشكۈل راۋا ئەرمىش،
رىيازەت مۇپتىلاسىدا ھۇزۇر ئىنكارغا بارغايمەن.
جېنىمنى ئىشق ئوتى يالقۇن قىلىپ ئالەمگە يامراتتى،
بۇ ھالىم پەيلىدىن مۇزدەك زىمىستان-قارغا بارغايمەن.
جامالى ۋەسپىنى كۈيلەش ماڭا  بەخشەندە قىسمەتتىن،
بۇنىڭ شەرتى ئۈچۈن خىلۋەت، يىراققا-غارغا بارغايمەن.
مالامەت-پىتنىدىن يوق ھېچ بۇ يولدا قىلچە پەرۋايىم،
ماڭا يار دادىخان بولغاي شۇڭا ھەقدارغا بارغايمەن.
ماڭا سىرلىق مۇئەللەقتە نېسىپتۇر مەي بىلەن جانان،
ۋاپانىڭ دارىدىن ھالقىپ تەلەپ دىدارغا بارغايمەن.
چىرايى ئىشقتىن پەيدا يەنە ئىشق قەتلى ئەتمىشتۇر،
دېمەككىم، ئاقىۋەت تەنھا، گۈزەل بىر يارغا بارغايمەن.
3
جان ماڭا جان ئىشقىنى بىر جاندا جانان ئەيلىدى،
روھنى سىر-ئەسرار قىلىپ ۋەسلىمدە پايان ئەيلىدى.
سىرلىرى پەيكانىدىن ھەر لەھزىدە مىڭ جان ئېتىپ،
جان ئارا جامىمدىكى مەينى قىزىل قان ئەيلىدى.
مەشغۇلۇم جان رەڭ نەقىش چەكمەك جېنىم لەۋھەسىگە،
بىر جۇلا رەڭ ھۆسنىدە جانغا پىدا جان ئەيلىدى.
زەررىلەر زەردار قولىدا جان بولۇپ جەۋلان قىلۇر،
ھاسىلاتى جان ئۈچۈن غەپلەتنى پايخان ئەيلىدى.
بىلمىكىم ئىشقىمغا جان چولپانىدىن بەرگەچ سالام،
مەرىپەت شامىمدا سىر جاننى پاراۋان ئەيلىدى.
بىلگىنىم مەجنۇنى شەيدا جانىدىن پۈتكەن مۇقام،
دەستىلەنگەن پايەسىنى جانغا ئىمكان ئەيلىدى.
قايسى ئاشىق مۈلكى جان قەسرى ئارا خۇش مەن كەبى،
چۈنكى جان تەن مۇددىتىدە غەيبى ئېھسان ئەيلىدى.
سىر يېشىلگەن چاغ پىدايى سىڭدى جانغا مەي بولۇپ،
چۈنكى جاننىڭ دەشتىنى يار جانغا بوستان ئەيلىدى.
4
كۆككە ئاقتى ئۆزلىتىم سەيلانە بولدۇم چەرخ ئۇرۇپ،
يوقنى كۆردۈم يوق ئارا ھەيرانە بولدۇم چەرخ ئۇرۇپ.
سۇلىرىمدا ئوت بولۇپ ئاقتى جىمى سەييارىلەر،
تامچىلارنىڭ كۆكسىدە خەندانە بولدۇم چەرخ ئۇرۇپ.
كۆزلىرىم سانچىلدى گۈلشەن قالقىنىدىن كۆز ئىچىپ،
زەخمە يەپ قاندىن تىكەن مەردانە بولدۇم چەرخ ئۇرۇپ.
دەرد-ئازاب گىردابىدىن ھەرلەھزىدە گەردىش ياساپ،
دەۋرە قىلدىم ھەم ئۆزۈم دەۋرانە بولدۇم چەرخ ئۇرۇپ.
مىڭ جاھان پەريادى جاننى كەلدى جاندىن قۇتقۇزۇپ،
تەندە تۇتقۇن ئەيلىنىپ ۋەيرانە بولدۇم چەرخ ئۇرۇپ.
دەشتى ھىجرانىم مېنى چاچقان ئىمىش ئۆز قەلبىگە،
كۈللىرىمگە كۈل كەبى غەمخانە بولدۇم چەرخ ئۇرۇپ.
ئاسمىنىم ئاسمان ئىدى يەردىن يىراق، مەندىنمۇ ھەم،
ھەممىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر دانە بولدۇم چەرخ ئۇرۇپ.
ئىشق مېنى ئاتقاندا توپ ئەيلەپ قەدەرنىڭ گارىغا،
ئۆز تېنىمگە قاڭقىدىم سەرسانە بولدۇم چەرخ ئۇرۇپ.
كىم پىدايى تۇرقىدىن كۆرسە گۇماننى بىباھا،
ئەخلىتىم پىنھانىدا دۇردانە بولدۇم چەرخ ئۇرۇپ.

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)