يول بويىدىكى پاقا
تەۋە تۈر: مەن ياقتۇرغان ئەسەرلەر | يوللانغان ۋاقتى: 2014/08/10 | ئىنكاس: 1 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,023 قېتىم

يول بويىدىكى پاقا

بىر كۈنى، يول بويىدىكى بىر پاقا ئوت -چۆپلەر ئارىسىدا بەخىرامان ئارام ئالغاچ خىيال سۈرۈپتۇ؛‹‹مېنىڭ تۇرمۇشۇم نېمىدېگەن راھەت، يول بويىدىكى ئوت چۆپلەر ئارىسىدا دائىم دېگۈدەك ئاز-تولا قۇرت-قوڭقۇزلار بار، قورسىقىم ئاچسا تۇتۇپ يەيمەن، تەمى دېگەندەك بولمىسىمۇ، بىراق قورساق تويىدۇ. قۇرساق تويغاندىن كېيىن، يول بويىدا دەم ئالىمەن،زېرەككەن چاغلاردا يولدىن ئۆتكەن قىز-ئوغۇللارغا قاريمەن››.دەل شۇ چاغدا چاقىرغان ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ؛        _ھەي ئاغىنە، مەن تەرەپكە كەل، بو يەر بەئەينى جەننەت، ئۇ خۇشياقمىغاندك كۆزىنى ئىېچىپ قارىسا، ئېتىزلىقىدىكى پاقا ئىكەن.       _ سەن تۇرغان ئۇ يەرخەتەرلىك، يولدىن ئۆتكەن ھارۋىلاردىن ھەزەر ئەيلە، كۆچۈپ كېلىپ مەن بىلەن تۇرىغىن، بۇ يەردە ناھايىتى كۆڭۈللۈك ياشايسەن،_ دەپتۇ ئېتىزلىقتىكى پاقا ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ ،_ ئېتىزلىققا كەلسەڭ، ھەرخىل قۇرت-قوڭغۇزلار بار، ئۇلارنىڭ تەمى ئىنتايىن ئۆزگىچە، بۇ يەردە بىز ئېسىل تائاملاردىن ھۇزۇرلانغاندىن سېرت، زىرائەت ئۈچۈن زيانداشلارنى يوقىتىمىز، ئەڭ مۇھىمى بۇ يەر بىخەتەر، خېيىمخەتەردىن ئەنسىرەش كەتمەيدۇ.    يول بويىدىكى پاقا سەۋىرسىزلىك بىلەن؛    _مەن بۇ يەرگە كۆۇنۈپ قالدىم، ھازىرقى تۇرمۇشۇممۇ ناچار ئەمەس، خېلىلا خاتىرجەم،مەن كۆچۈشكە ئېرىنىمەن، ئاۋارە بولۇپ ئېتىزلىققا كۆچكەننىڭ نېمە پايدىسى؟يەنە كېلىپ يول بويىدىمۇ يېگىلى قۇرت -قوڭغۇزلار بار،_ دەپتۇ.     ئىېتىزلىقىتىكى پاقا يول بويدىكى پاقىنىڭ ئۆزىنىڭ ياخشى كۆڭلىنى چۈشەنمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئامالسىز كېتىپتۇ.     نەچچە كۈندىن كېيىن، ئېتىزلىقىتكى پاقا يول بويىدىكى پاقنىڭ يەنە يوقلاپ بارغىنىدا، ئۇنىڭ ھارۋا چاقى ئاستىدا ئۆلۈپ، جەسىتىنىڭ يولدا تاشلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپتۇ.
ھېكىمەت؛    مەن ئېرىنىمەن دېيىشكە ئادەتلەنگەن كىشىنى تەقدىرنىڭ ئامەتلىرىمۇ زاىيارەت قىلىشتىن ئېرىنىدۇ.   مەن كۆنۈپ قالدىم دېيىشكە ئادەتلەنگەن كىشىنىڭ بەخت – سائادىتى ئادەتتىكىدىن ئاشمايدۇ،   ئادەتكە ئېسلىۋىلىپ، كۆنگەن يولدىن چىقىشقا ئېرىنىدىغان ئادەملەر ھەرگىز مۇ قىردىن ئاشالمديدۇ، يېڭى زېمىن ئاچالمايدۇ.
‹‹پەلسەپىۋى مەسەللەر››دىگەن كىتاپتىن ئىلىندى.

 

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 
    • ئارىدىن ئايلار ئۆتۈپتۇ ، كۈنلەر ئۆتۈپتۇ . ئېتىزلىقتىكى پاقا شۇنداق خاتىرجەم ياشاۋېرىپتۇ . قوسىقى ئاچسا يەيدىكەن ، قوسىقى تويسا ناۋا قىلىپ كۇرۇلدايدىكەن . شۇنداق بىر قۇياش پارلىغان ، پايانسىز كۆك ئاسمان بىر پارچىمۇ بۇلۇتسىز ، ئۈچ بال ئەتراپىدا شامال چىقىۋاتقان يەكشەنبە كۈنى ئېتىزلىقتىكى پاقا ئوزۇقلۇق ئىزدەپ يۈرگەندە بىر ئارغامچا تەرىپىدىن تىرىكلا يۈتۈۋېلىنىپتۇ . ھېلىقى ئارغامچا ئەسلىدە بىر تال ئېچىرقاپ يۈرگىلى خېلى ئۇزاق بولغان ئىلان ئىكەنتۇق . ئېتىز پاقىسى ئۆلۈپتۇ .
      ھېكمەت : ئۆلۈم ھەركىمنىڭ باشىغا بار . بىراق ئۆلۈمنىڭ سەۋەبى ئوخشىمايدۇ . بەزىلەرنىڭ ئۆلۈمى ھاڭگىرت پېيىدىنمۇ قەدىرسىز ، بەزىلەرنىڭ ئۆلۈمى تەيشەن تېغىدىنمۇ قەدىرلىك بولىدۇ .

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى چ ك 15:23

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)