ئامەت ۋە ئاپەت
بىر ئىكىسپىدىتسىيىچى بىر ھاممالنى ئېلىپ چۆل-جەزىرىگە قىدىرىپ تەكشۈرۈشكە كىرىپتۇ.بىر كۈنى ئىكىسپىدىتسىيىچى كۇكۇس كىسىۋېتىپ بىخەستەلىكىدىن بىر بارمىقىنى كىسىۋاپتىكەن،بىر چەتتە قاراپ تۇرغان ھاممال دەرھال: -بەك ياخشى بولدى،خۇدا سىزگە رەھمەت ئاتا قىلدى،-دەپ ۋاقىراپتۇ. ئىكىسپىدىتسىيىچى ھاممالنىڭ گىپىگە غەزەپلىنىپ ئۇنى چوڭقۇر بىر ئازگالغا ئىتتىرىۋېتىپ،ئۈزى يالغۇز ئالدىغا قاراپ مېڭىۋېرىپتۇ. ئىككىنجى كۈنى بىر توپ يەرلىك كىشىلەر ئۇنى تۇتۇۋاپتۇ ھەمدە بېشىنى كىسىپ نەزىر قىلماقچى بوپتۇ.بۇ چاغدا تۇيۇقسىز ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر ئادەمنىڭ كۈزى ئۇنىڭ بىر بارمىقىنىڭ يوقلىقىغا چۈشۈپ قاپتۇ-دە: -بۇ نوقسانسىز نەزىرلىك ئەمەسكەن،-دەپ ئۇنى قۇيۇۋېتىپتۇ. مۇشۇ چاغدىلا ھاممالنىڭ سۈزىنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەن ئىكىسپىدىتسىيىچى ھاممالنى قۇتقۇزۇپ چىقىپ ئۇنىڭدىن كۈچۈرۈم سۇراپتىكەن،ھاممال: -كەچۈرۈم سورىمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.ئەمەلىيەتتە مېنى بۇيەرگە تاشلاپ قويغىنىڭىزمۇ خۇدانىڭ رەھمىتى،-دەپتۇ.ئىكىسپىدىتسىيىچى ھەيران بۇلۇپ بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىسا،ئۇ:-چۈنكى ،مەن سىز بىلەن ماڭسام،يەرلىكلەر مېنى نەزىرلىك قىلىۋېتىشى مۇمكىن ئىدى،-دەپتۇ.
مەنبە:ئابدۇقادىر جالالىدىن تەرجىمە قىلغان ”ئادەم بولماق ئەقىل بىلەن“دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى.
- يازما سانى: 530 پارچە
- باھا سانى: 90 پارچە
- تۈر سانى: 6 پارچە
- خەتكۈش سانى: 24 پارچە
- قۇرۇلغان ۋاقىت:
- تور بېكەت ئېچىلغىلى 16526 كۈن بولدى
- يېڭىلانغان ۋاقتى: 2015-03-25