ئا.ئۆتكۈرنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى سۆزلىرى
تەۋە تۈر: مەن ياقتۇرغان ئەسەرلەر | يوللانغان ۋاقتى: 2015/02/21 | ئىنكاس: 2 پارچە | كۆرۈلۈشى: 7,950 قېتىم

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى سۆزلىرى

«غەرىبتە نىمىشقا پۇلداركاپتالىستلار، شەرىقتە نىمىشقا گادايلار ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرىدىغاندۇ دەپ ئويلايتتىم. كاپتالىستلار قان-تەر تۆكۈپ ئىشلەپ ھالاللاپ پۇل تېپىپ مال دۇنياغا تىقىلىپ، ئەمىلى ئۆسكەچكە ئۇلارنىڭ ئىچىدە خىيانەتچىلىك، بۇزۇقچىلىق، ھارامخورلۇق بولمايدىكەن. شۇڭا شەرىقتە « مانتاكۆرمىگەن قەلەندەر قاسقانغا دۈم چۈشەر» دېگىنى ھەقىقەتكەن.
شۇنىڭ ئۈچۈن مىللەتنىڭ زىيالىيلىرى تويۇنۇپ ماددىي مۇھتاجلىقتىن قۇتۇلۇپ، كۆزى تويمىغۇچە، مىللەتكە چىن يۈرىكىدىن كۆيۈنىشى ناتايىن. پۇللۇق لېكسىيە سۆزلەۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۆز نەپىسىنىڭ قۇللىرى. مىللەت مەنىۋىي كىرزىسقا پېتىپ، پۈتۈن دۇنيا ئۈمىدىنى زىيالىيلارغاباغلاپ تۇرغان مۇشۇنداق ئېغىر كۈنلەردە، زىيالىيلارنىڭ بىلىۋالغان ئازغىنە نەرسىسىنىمۇ ئۆز خەلقىگە سېتىپ جان بېقىشى مىللەتنى تېخىمۇ چوڭ ئۈمىدسىزلىككەپاتۇرىدۇ.
ئەتتىگەنلىك شېرىن ئۇيقۇنىڭ مېھرىدىن، كۈندۈزدىكى پايدا- تاپاۋەت، ھوزۇر-ھالاۋەتتىن كېچىپ، جاپا-مۇشەققەتلىك تۇرمۇش ئىچىدىنمۇ ۋاقىت چىقىرىپ تەڭرىگە قۇلچىلىق قىلىش پەقەت نەپسىدىن كەچكەندىلا قىلغىلى بولىدىغان ئىشتۇر، قالغىنى رىياكارلىقتۇر.
مۇمكىن بولسا، جىمىي خەلق بىرلىشىپ ئاتالمىش زىيالىيلارنى ماددىي مۇھتاجلىقتىن قۇتۇلدۇرايلى، ئۇلار ئاندىن خەلقىنى مەنىۋىي مۇھتاجلىقتىن قۇتۇلدۇرسۇن. لېكىن، مەنىۋىيتى تويۇنغان كىشىلەر  ماددىي جەھەتتىن ھەر قانچە گاداي بولسىمۇ، بۇنى ھېچكىمگە چاندۇرماي روھىيىتىنى پادىشاھتىنمۇ ئۈستۈن تۇتۇپ ياشىيالايدىكەن….››

مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندىم 1948-يىلى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىبلىقىدىن ئايرىلغاندىن تارتىپ تاكى 1978-يىلىغىچە 30يىل ئىشسىز قېلىپ، تۇرمۇشتا قاتتىق سورۇقچىلىق تارتقان.  تاش چېقىش، ياغاچچىلىق قىلىشتەك ئېغىر ئەمگەكلەر بىلەن شوغۇللانغان. ھەتتا بەزىدە دادىسى ئوسمان ھاجىمدىن تەۋەرۈك قالغان ئازغىنە نەرسە-كېرەكلەرنى سېتىپ تۇرمۇشىنى قامداشقا مەجبۇر بولغان. 1978-يىلى خىزمىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، تۇرمۇشى نورمال كاپالەتكە ئىگە قىلىنغاندىن تارتىپ تاكى 1995-يىلى ۋاپات بولغۇچە بولغان 17 يىل ئىچىدە كېچە-كۈندۈز دېمەي مىللىتىنىڭ خىزمىتىنى قىلغان.  1988-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسېتىدا ئۈچ ئاي ھەقسىز لېكسىيە سۆزلىگەن. چاغاتاي تىلى دەرسلىكىنى تۈزۈپ 6 ئايدەك دەرس بەرگەن. 10 توم ئەسەر يازغىدەك ئالتۇندىن قىممەتلىك ۋاقتىنى جامائەتچىلىك ئىشلىرىغا سەرپ قىلغان.  ۋاپات بولۇشتىن نەچچە ئاي بۇرۇنقى تېلېۋىزىيە زىيارىتىدە ئۆتكۈر ئەپەندىم ئۆز كېسىلىنىڭ دەردى ھەققىدە ئەمەس، مىللەتنىڭ دەردى ھەققىدە سۆزلەپ كېلىپ « بىزنىڭ غېمىمىز كەلگۈسى ئەۋلادلاردا » دېگەنىكەن.
ئىشەنمىسىڭىز بېرىپ كۆرۈڭ، ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ قەدىناسى، قابىل ياردەمچىسى غەمگۇزارى، بۇ يىل 86 ياشقا كىرگەن خەلچىخان ئاپىمىز « بۇغدا » يولىدىكى ئاشۇ قىش-ياز كۈن نۇرى چۈشمەيدىغان بىرىنچى قەۋەتتىكى زەي ئۆيدە ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ چىرىقىنى يېقىپ كەلمەكتە. شۈكرى قانائەت بىلەن ياشىماقتا. ئۆتكۈر ئەپەندىم بۇ ئائىلىگە شۈكرى قانائەت قىلىش، كىبىر-تەمەننادىن قەتئىي يىراق تۇرۇشتەك پەزىلەتنى قالدۇرۇپ كەتكەن. ئۆتكۈر ئەپەندىم بۇ ئائىلىگە ئۆزگە ھېچقانداق بايلىق قالدۇرغىنى يوق. بىراق، ئۆتكۈر ئەپەندىم قالدۇرغان بايلىق نەشىرىياتتىكى نەچچە يۈز ئادەمنى باقماقتا. بۇ بايلىقتىن 10 مىليون خەلق بەھىر ئالماقتا…
مىللەت تۆت كوچا دوقمۇشىدا قاياققا مېڭىشىنى بىلمەي گاڭگىراپ تۇرغان مۇشۇنداق چاغلاردا، ئۆتكۈر ئەپەندىمدەك ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ قەدىرى ئۆتۈلمەكتە….
خەلقىدىن بىلىم ئۈچۈن ھەق تەلەپ قىلغان زىيالىي، دوقمۇشتا تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان بەر بەرلەردىن قىلچە پەرىقسىزدۇر.……

مەنبە:http://bbs.izdinix.com/thread-62466-1-1.html

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)