ئۈمىد جۇلاسى- ھايات ناۋاسى
تەۋە تۈر: نەسرى ئەسەرلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2015/06/03 | ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 2,686 قېتىم

ئۈمىد جۇلاسى- ھايات ناۋاسى

مۇھەممەد كامال خۇشخۇي

پادىشاھ ئالېكىساندىر پېرىسيگە يۈرۈش قىلىشتىن ئىلگىرى،ئۆزىنىڭ بارلىق مال- دۇنياسىنى قول ئاستىدىكىلەرگە بۆلۈپ بەرگەندە،بۇنىڭدىن ئەجەپلەنگەن ۋەزىر پىلدىگاس پادىشاھدىن سوراپتۇ:
-ئالىيلىرى،ئۇنداقتا سەپەرگە نېمە ئېلىپ چىقىسىز؟
-ئۈمىد،-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئالېكىساندىر،-مەن پەقەت مۇشۇ بايلىقنىلا ئېلىپ ماڭىمەن.
مەيلى قەدىمقى ئىجتىھاتلىق ئەجداتلىرىمىز بولسۇن ياكى ھازىرقى زاماندىكى ئارىفلىق يېشىغا يەتكەن ئەدىبلىرىمىز بولسۇن ئۈمىد ھەققىدە قىممەتلىك ئەقىل جەۋھەرلىرىنى قالدۇرۇپ ،بىزنى ھاياتتا ئۈمىد بىلەن ياشاشقا چاقىرىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق، بىزنىڭ ئۈمىدكە بولغان چۈشەنچىمىز ۋە ئىشەنچىمىز ناھايىتى سۇس،يوقنىڭ ئورنىدا بولدى. مۇنداقچە ئېيىتقاندا، ئۈمىدنىڭ ئادەمگە قانات ۋە ھايات ئاتا قىلىدىغانلىغىدەك تۆھپىسىنى تونۇپ يېتەلمىدۇق ياكى يېرىم-ياتا يەتتۇق.مەن تۆۋەندە ئۈمىدنىڭ نەقەدەر قىممەتلىك ئىكەنلىكى ھەققىدە بىر مىسال كەلتۈرىمەن:
ئىككى پاقا ئوزۇق ئىزدەپ يۈرۈپ ئېھتىياتسىزلىقتىن يول بويىدىكى بىر سۈت تۇڭىغا چۈشۈپ كېتىپتۇ.تۇڭدا ئازراق سۈت بار ئىكەن.لېكىن شۇ سۈتمۇ پاقىلارغا ھالاكەتنىڭ نېمىلىكىنى تونۇتۇشقا يېتىپ ئاشىدىكەن.بىر پاقا ئويلاپتۇ:«تۈگەشتىم،پۈتۈنلەي تۈگەشتىم،مۇنداق ئېگىز تۇڭدىن مەڭگۈ چىقىپ كېتەلمەيمەن!»ئۇ ناھايىتى تېزلا سۈت ئاستىغا چۆكۈپ كېتىپتۇ. يەنە بىر پاقا ھەمراھىنىڭ چۆكۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە قىلچە ئۈمىدسىزلەنمەپتۇ،ھاياتىدىن ۋاز كېچىش خىيالىدا بولماپتۇ.ئۆزىگە توختىماي مەدەت بېرىپتۇ:«مەن بۇ يەردىن قۇتۇلۇپ كېتىشكە شۇنداق تەشنا،خۇدا ماڭا مۇستەھكەم ئىرادە،يېتىلگەن مۇسكۇل ئاتا قىلدى.مەن بۇ يەردىن چوقۇم قۇتۇلۇپ چىقىپ كېتەلەيمەن!» ئۇ ئۆزىگە ئەنە شۇنداق مەدەت بېرىپ،كۈچ-قۇۋۋىتىنى يىغىپتۇ-دە،سۈت تۇڭى ئىچىدە توختىماي سەكرەپتۇ. ھاياتىي كۈچ،ئەركىنلىككە بولغان ئىنتىلىش ئۇنىڭ ھەر قېتىملىق تىرىشىشىدا تولۇق نامايەن بوپتۇ.ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكى نامۇلۇم، ئۇ بىر چاغدا ئايىغى ئاستىدىكى سۈتنىڭ قويۇقلىشىپ قالغانلىقىنى بىردىنلا سېزىپتۇ. ئەسلىدە ئۇنىڭ توختىماي سەكرەۋىرىشى بىلەن سۈت پىشلاققا ئايلىنىپ قالغان ئىكەن. ھاياتتىن ئۈمىدىنى ئۈزمەي، توختىماي كۆرەش قىلىش ۋە ئېلىشىش ئاخىرى ئەركىنلىككە يول ئېچىپتۇ. پاقا تۇڭ ئىچىدىن قىينالمايلا سەكرەپ چىقىپ،كۆڭۈللۈك ماكانى زۇمرەت كۆلگە قايتىپ كەپتۇ. يەنە بىر پاقا بولسا ئىشنىڭ بېشىدىلا ھاياتتىن ئۈمىدىنى ئۈزگىنى ئۈچۈن تۇڭ ئىچىدىكى پىشلاقتا قاپتۇ.
مانا بۇ ھېكايىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرۇپتىكى،ئۈمىد ھەر بىر جان ئىگىسى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان قىممەتلىك بايلىق. ئەگەر ھايات يولىدا كىمدە-كىم بۇ بايلىقتىن مەھرۇم قالىدىكەن، ئەنە شۇ سۈت تۇڭىدا پىشلاققا ئايلىنىپ كەتكەن پاقىدەك ئاقىۋەتكە مۇپتىلا بولماي قالمايدۇ.
شۇنداق،بىز ھايات سەپىرىمىزدە ئويلىمىغان يەردىن ھەرخىل ئوڭۇشسىزلىق ۋە كىلىشمەسلىكلەرگە يولۇقۇپ تۇرىمىز. ئاشۇنداق قېيىنچىلىق ئالدىدا باش ئەگمەي،ئۈمىد تۇلپارىمىزنى چاپچىتىپلا تۇرىدىغان بولساق،چوقۇمكى غەلىبىگە ئىرىشمەي قالمايمىز. چۈنكى، ئۈمىد جۈلاسى-ئىنساننىڭ مەڭگۈلۈك ھايات ناۋاسىدۇر.
huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)