كەمتەرلىك ئادەمنى ئەخمەق قىلىپ قويامدۇ؟
تەۋە تۈر: نەسرى ئەسەرلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2013/12/01 | ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 5,061 قېتىم

كەمتەرلىك بىزگە يار بولسۇن!

 

مۇھەممەد كامال خۇشخۇي

 

ئەقىلدارلار:«كەمتەرلىك ئادەمنى ئالغا باستۇرىدۇ» دەپ ئوتتۇرغا قويسا،يەنە بەزىلەر «ھەددىدىن زىيادە كەمتەرلىك ئادەمنى ئەخمەق قىلىپ قويىدۇ»دېگەننى تەرغىپ قىلىپ، كەمتەرىن ئادەملەرنىڭ دىلىغا ئازار بېرىپ،ئۇلارنىڭ ئېسىل روھىغا سوغۇق سۇ سېپىدۇ.

چىن مەنىسىدىن ئالغاندا يەنىلا ئالدىنقى يەكۈن توغرا ئېيتىلغان بولۇپ، كەمتەرلىك ئادەمنى ئالغا باستۇرۇپلا قالماستىن يەنە ئادەمگە بەخت-سائادەت ئاتا قىلىدىغان ئەڭگۈشتەردۇر.چۈنكى مۇتلەق كۆپ سانلىق كىشىلەر كەمتەر،ئاقكۆڭۈل، سەمىمىي، راسىتچىل ئادەمنى ياقتۇرىدۇكى،ھاكاۋۇر،مەنمەنچى،پەقەت ئۆزىنىڭ قىلغان، ئەتكىنىنىلا توغرا،ھەق دەپ ھېساپلاپ،باشقىلارنىڭ ئورۇنلۇق ئىش- ھەرىكەت، سەمىمىي نەسىھەتلىرىنى ياراتمايدىغان مۈتىھەملەرنى قاتارغا ئالمايدۇ.

كەمتەرلىكنىڭ كىشىگە ئامەت ۋە بەخت ئېلىپ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى ھېكايەتلەر كۆپ بولسىمۇ مەن توۆۋەندە پەقەت ئاددى بىر ھېكايىنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن:

بىر ئادەم ئۆزىنىڭ تەرجىمىھالىنى يېزىپ،خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىدىغان شىركەتلەرگە ئەۋەتىپتۇ.ئۇزۇن ئۆتمەي بىر شىركەتتىن تۆۋەندىكىدەك جاۋاب خەت كەپتۇ:«سىز ئۆزىڭىزنى ئەدەبىي تالانىتقا ئىگە دەپ تونۇشتۇرۇپسىز،لېكىن خېتىڭىزنى كۆرگەندىن كېيىن،بىز سىزنىڭ يېزىقچىلىق قابىلىيىتىڭىزنىڭ تولىمۇ ئادەتتىكىچە ئىكەنلىكىنى،خەتتە نۇرغۇن گىرامماتىكىلىق خاتالىقلارنىڭ بارلىقىنى سەزدۇق.» ئۇ كىشى خەتنى ئوقۇپ، دەسلەپتە قاتتىق غەزىپى كەپتۇ، ئەمما بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن،«بەلكىم ئۇلارنىڭ دېگىنى توغرىدۇر،مەن ئۆزۈمنىڭ گىرامماتىكا ۋە سۆز ئىشلىتىش جەھەتتىكى خاتالىقلىرىمنى ھازىرغىچە سەزمەي كەلگەن ئوخشايمەن» دەپ ئويلاپتۇ ھەمدە بىر پارچە رەھمەت خېتى يېزىپ ھېلىقى شىركەتكە ئەۋەتىپتۇ. بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندە ئويلىمىغان يەردىن ئۇ شىركەتتىن يەنە بىر پارچە خەت كەپتۇ. ئېچىپ كۆرسە ئۇ بۇ كىشىنىڭ خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشى ئىكەن.

شۇنى ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كىرەككى،كىشىلەر كەمتەر ئادەمنى ياقتۇرىدۇ، ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغان ئادەمنى ئارىغا ئالمايدۇ.

سەن باشقىلارنى يارامسىز دەپ قارىساڭ،باشقىلارمۇ سېنى ئوخشاشلا يارامسىز دەپ قارايدۇ. بۇ مەنىدىن ئالغاندا ئادەم كەمتەر بولغاندىلا،ئاندىن تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئۆگەنگىلى بولىدۇ. سەن كىشىلەرنىڭ سىياقىغا قاراپ باھا بەرمە.«ئادەمنىڭ ئىچىدە ئادەم بار،تاغنىڭ كەينىدە تاغ» دېگەندەك، بىزنىڭ بىلىدىغانلىرىمىز باشقىلارنىڭ بىلىمى ئالدىدا چاغلىق بولۇشى مۇمكىن.

ناۋادا ھېلىقى ئادەم شىركەتنىڭ جاۋاپ خېتىدىن رەنجىپ،ئۆزىدىن-ئۆزىگە بىرمۇنچە چالۋاقاپ، غايىۋانە ھالدا ئۇ شىركەتنى تىللاپ يۈرگەن بولسا، ئۇنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ ھاياتلىق سەپىرىگە يول ئېچىشىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايتتى.

شۇڭا دانىشمەنلەر ئېيىتقاندەك:«سېنىڭ نىشانىڭنىڭ نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەگەر سەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمەن دەيدىكەنسەن،ئالدى بىلەن كەمتەرلىك سەن ھازىرلاشقا تېگىشلىك بولغان مۇھىم ئالاھىدىلىك،مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققاندىن كېيىن،سەن كەمتەرلىكنىڭ تېخىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى،كەمتەر ئادەمنىڭلا ئەقىل- پاراسەتكە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بايقايسەن.»

 

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)