پاكلىنىش(ھېكايە)
تەۋە تۈر: نەسرى ئەسەرلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2014/03/14 | ئىنكاس: 2 پارچە | كۆرۈلۈشى: 4,072 قېتىم

 

پاكلىنىش

(ھېكايە)

 

مۇھەممەد كامال خۇشخۇي


ئىيۇننىڭ يەكشەنبە كۈنى،چۈش.ھاۋانىڭ ھە دەپ قىزىشىنى ئاز دېگەندەك،ئادەمنىڭ جېنىنى سۆيۈندىرىدىغان غۇر-غۇر شامالدىن ئەسەر يوق ئىدى. مەنمۇ باشقا كاسىپلارغا ئوخشاش ئۆز مېلىمنى ماختاپ ۋارقىراپ باقاي دەپ ئويلايتتىم- يۇ،ئەمما بىر ئېغىزمۇ توۋلىيالمايتتم.بەلكىم بۇ مېنىڭ كىچىكىمدىن باشلاپ تارتىنچاق چوڭ بولۇپ قالغانلىقىمنىڭ كاساپىتىدۇ. ئەنە باشقىلار بارلىق كۈچىنى ئاغزىغا يىغىپ ۋارقىراشماقتا:

-ھە! كاۋاپ پاقلاننىڭ،پۇتى ئىتتىك چاققاننىڭ، ئالدىغا بار،كەينىگە يوق،ھېلى بارمۇ دېسەڭ يوق دەيمەن. كېلىڭلا ئوغۇل باللا!…

-كۆزۈڭ بولسا كۆرۈپ ئال،چىشىڭ بولسا چايناپ يە.

-چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە،پۇلۇڭنىڭ بارىدا شە كۆر!

مەن ئۇلاردەك كاكىرىمىغانلىقىم ئۈچۈنمىكىن،كاۋاپدېنىمدىن تارقىلىۋاتقان،ئادەمنىڭ دىمىقىغا ئۇرۇلۇپ،ئىشتەينى قوزغىغۇچى مەزىلىك پۇراقلاردىن لەززەتلىنىپ،نەزەر-كۆزىنى سالىدىغان خېرىداردىن بىرەرسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. كاۋاپداندا چاراسلاپ كۆيۈۋاتقان ئۈرۈك ئوتۇندىن چىققان ئوت تەپتى بىلەن ھاۋانىڭ كىشى دېمىنى سىققۇچى ھارارېتى بىرلىشىپ،بىر ئوت دېڭىزى ھاسىل قىلغان ئىدى. مەن بۇ ئوت دېڭىزىدا بەئەينى ئالتۇن بېلىققا ئوخشاش پىلتىڭلاپ يۈرۈپ، كاۋاپ پىشۇر ماقتىمەن،خېرىدار كۈتمەكتىمەن. شۇنچە تەلمۈرسەم خېرىدار كەلمىگىنى بىلەن،ئىككى يېنىمدىكى ھۆپىگەرلىرىمنىڭ ئالدىدىن خېرىدار كەم بولمايتتى. قارىغاندا،بۇ زاماننىڭ ئادەملىرى «مېلى خىل كىشى ئەسلا سالماس داۋراڭ، كاززاپلار ھەممىدىن بەك ۋارقىرايدۇ»دېگەن ھېكمەتنى بىلىشمىسە كېرەك،دەپ ئويلىدىمدە، كاۋاپچىلىق قىلغان تارىخىمدا تۇنجى قېتىم ئۈچ ئېغىز ۋارقىراپ باقتىم. ئەمما بۇ ۋارقىراشنىڭ ئۈنۈمى بولمىدىلا ئەمەس،ئەكسىچە مەن ۋار قىرىغانسىرى ئالدىمدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەر مېنى مەسخىرە قىلغاندەك سەت ھىجىيشاتتى. شۇ تاپتا يۈگرەپ بېرىپ ئۇلارنىڭ قىسىق كۆز لىرىدە كاۋاپ زىخلىغۇم كەپ كەتتى، بىراق…

مەن قوي ئالار چاغدا قىممەترەك بولسىمۇ ئىمكان بار ياش،چىش يىمىگەن،چىش قىرىتما پاقلانچاقلارنى تاللاپ ئالاتتىم. باشقىلار بولسا «چوڭۇپ تۇرغان بىرنىمىدىن گۆش جىق چىقمايدۇ، ئەخمەق»دەپ مېنى ئەيىپلىگەنچە، نەدە بىر 7-8 چىشلىق بولغان قېرى ساغلىقلارنى، ھەتتا ئەرزانلا بەرسە ئۆچكىلەرنىمۇ ياندۇر ماي ئېلىۋىرەتتى. مۇشۇلارنى ئويلاپ، كونىلارنىڭ:« خېرىدار نىڭ كۆزى يوق»دېگىنى بىكار ئەمەسكەندە، دەپ قالدىم.

شۇ گىچماچ خىياللار بىلەن ئىچىمنى ئاچچىق ئېتىپ ئولتۇرسام، كېلىشكەن قامەت، گۈزەل رۇخسار، پۇزۇر ئۈست-باش،ئەگەر چۆل- جەزىرىدە يولۇقۇپ قېلىپ«مەن پەرىزات»دېسە چىن پۈتكىدەك بىر قىز كاۋاپدىنىم ئالدىغا كەلدى-دە، ئۇدۇل بېرىپ سايىۋەن ئاستىدىكى ئۈستەلدىن جاي ئالدى. مەن بۈگۈنكى بۇ تۇنجى خېرىدارىمنى ئوبدان بىر كۈتىۋىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئالدىغا توڭلاتقۇدا سوۋۇ تۇلغان بىر چىن چاي ۋە ئۇدۇلۇمدىكى دوغچىدىن قايماقتا ئەتكەن بىر قاچا دوغسۇ ئەكىلىپ قويغاندىن كېيىن، چىرايىمغا تەبەسسۈم يامرىتىپ تۇرۇپ سورىدىم:

-خانقىز،ئۆزلىرىگە نەچچە زىخ پىشۇراي؟

-ئاۋۋال قارا گۆشتە ئەتكەندىن ئىككى زىخ ئەكەلسە،-دېدى قىز مېنىڭ قىزغىن مۇلازىمى- تىمدىن رازى بولغان ھالدا.

مەن تازا قۇرۇتۇپ پىشۇرغان ئىككى زىخ كاۋاپنى تەخسىگە سېلىپ،مېھماننىڭ ئالدىدا قويغاندىن كېيىن،يەنە خېرىدار كۈتۈش بىلەن ئاۋارە ئىدىم. بىر چاغدا ھېلىقى قىز ئالدىمغا كېلىپ، قازاندا پىشۇرغان گۆشتىن ئىككىنى بۇيرۇتۇپ، سۇلياۋ خالتىغا سالغۇزغاندىن كېيىن نەچچە پۇللۇق بولغانلىقىنى سورىدى. مەن ھېساپلاپ چىقىپ،14يۈەنلىك بولغانلىغىنى ئېيىتتىم. ئۇ قىز دەررۇ قول سومكىسىنى ئاختۇرىۋىتىپ ھۇدۇقۇپ كەتتى. ۋە:

-ئوھ، سومكامدىكى پۇل يوق تۇرىدۇ. ئەندى قانداق قىلارمەن. ئۇ يا ئاز پۇل بولمىسا،- دېگىنىچە ئالاقىزادە بولۇپ كەتتى. مەن قىزنىڭ تەشۋىشلىك ھالىتىگە قاراپ ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ تۇرسام،ئىككى يېنىمدىكى ھۆپىگەرلىرىم مېنى مەسخىرىلىك سۆزلىرى بىلەن ساۋىدىغىلى تۇردى:

-ھېچقىسى يوق خېنىم،ئىلاخۇن مېھمان دوست كىشى،خىجىل بولماي كېتىۋەرسىلە، كاۋاپنىڭ پۇلىنى تاپقاندا بەرسىلىمۇ،ھەتتا بەر مىسىلىمۇ رەنجىپ يۈرمەيدۇ. چۈنكى ئۇ ئەتىگەندىن بىرى بىر سىنىتقا سودا قىلالماي پىشۇرغان كاۋاپلىرىنى نەزىر قىلىۋەتكۈدەك بولغان، شۇنداقمۇ ئېلاخۇن؟ ھا… ھا… ھا…

مەن ئۇلارنىڭ ئاچچىق تەنىلىرىگە بىر نەرسە دېگۈچە قىز شەپەقتەك قىزارغان چېھرىنى يەردىن ئۈزمەي تۇرۇپ ئىلتىجا قىلدى:

-ئۇستام! خاپا بولماي ئون مىنۇت تەخىر قىلسىلا مەن پۇللىرىنى ھازىرلا يەتكۈزۈپ بېرەي، ناۋادا ئىشەنچ قىلالمىسىلا،-قىز قولىدىكى ئالتۇن ئۈزۈكىنى ئالماقچى بولىۋىدى،مەن بۇ گۈزەل پەرىزاتنى تەڭلىكتىن چىقىرىش ئۈچۈن زورىغا كۈلۈمسىرىدىم:

-بولدى خېنىم،كېتىۋەرسىلە،ئۈزۈكلىرىنى گۆرۈ قويۇشنىڭ ھاجىتى يوق.ئادەم دېگەندە ھەمىشە پۇل تەل بولىۋەرمەيدۇ،ئەكىلىپ بېرەلا .

ئۇ مېنىڭ تەسەللىيىمنى ئاڭلاپ سەل يىنىكلەپ قالغاندەك قىلىپ،خالتىغا قاچىلىغان ئىككى پارچە گۆشنىمۇ كۆتۈرگەنچە كىشىلەر توپىنى بۆسۈپ چىقىپ كەتتى. ئۇ كەتتى، لېكىن تاپا-تەنىگە مەن قالدىم.

-ھە،ئېلاخۇن! بۈگۈن ئامىتىڭلا راسا قاچتىمۇ -نېمە؟ئەتىدىن بىرى سودا قىلالمىغىنىڭلارنى ئاز دەپ ھۆپۈپكە توپاق ساتتىڭلار،مانا.ئەندى ئۇنىڭدىن پۇل ئالىمەن دېمەڭلار.

-ئېلاخۇن پۇل ئالالمىغىنى بىلەن ئاخشاملىققا ئۇنىڭ باغرىدا تازا بىر لەززەتلىنىۋالىدىغان بولدى-دە.

-ھاي،ئېلاخۇن!ئۇ سەتەڭنىڭ سالاپىتىگە قاراپ ھەرگىز گول بولماڭلار جۇمۇ؟ ئۇ دېگەن شەھىرىمىز بويىچە بىردىنبىر داڭقى بار«خوش ياقار ئۇۋۇلاقخانا»سىنىڭ ئۇۋۇلۇغۇچىسى. شۇڭا سەل ئېھتىيات قىلارسىلەر.خوشياقتۇرۇپ بىر ئۇۋۇلاپ قويسا،مەھلىيا بولۇپ كېتىپ بەش بالىنى يېتىم قىلىۋەتمەڭلار يەنە…

-بەش بالىنى يېتىم قىلىشقۇ بىر گەپ، يامان يېرى ئۇنىڭدىن ئەيدىز كېسىلى يۇقتۇرۋالمىسىلا بولاتتىغۇ.

-ھەي،ئېلاخۇن،قويۇڭلار سىلىنى،ئۇ نا ئىنساپ سەتەڭگە قاراپ تۇرۇپ،ئىككى زىخ كاۋاپنى يىدۈرگەننى ئاز دەپ ئىككى پارچە گۆشنىمۇ تۇتقۇزۇپ قويۇپ ئولتۇرغىنىڭلارنى قارىمامدىغان. ئۇ راستىنلا يۈزسىز بىرنېمىكەن ئەگەر ئازراق بولسىمۇ يۈزىنىڭ قېنى بولسا يىگەننىڭ پۇلىنى بېرەلمەي تۇرۇپ،زەللە كۆتۈرۈپ ماڭامتى؟

مەن دەسلەپتە ئۇلارنىڭ ئېگىز-پەس تاپا- تەنىلىرىگە پىسەنت قىلمىغان بولساممۇ،تۇرۇپ جۇدۇنۇم تۇتتى-دە،ئۆزۈمچە چېچىلىپ قالدىم:

-يىسە مېنىڭ كاۋىپىمنى يىدى،ئەپكەتسە مېنىڭ قازىنىمدىكى گۆشنى ئەپكەتتى. سىلەرگە نېمە دەز كەتتى؟ ئەجەپ گەپ قىلمىغاننى بىلمەيدىغان خەق ئىكەنسىلەر. مەن بەزىلەردەك بىر سىنىتنى چىشلىتىپ كۆتىگە ئوننى تەپسە تاشلىمايدىغانلاردىن ئەمەس. تىجارەت دېگەندە بەزى پايدا،بەزىدە زىيان بولۇپ تۇرىدىغان گەپ. دائىم كەلگەن پايدىدىنمۇ ھەزەر ئەيلىمەي بولمايدۇ. مەيلى ئۇنىڭ كىم،نېمە ئىش قىلىشى بىلەن مېنىڭ كارىم يوق. خۇدا كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسە ئەكىلىپ بىرە،بولمىسا ئۇنىڭ ئۈچۈن دەسمايىم چۆكۈپ كەتمەيدۇ، مېنىڭ!

ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن،بىر كەمدە ھېلىقى قىز چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمگەن ھالدا پەيدا بولدى.

-ئۇستام بەك سەت ئىش بولدى.خاپا بولماي، ماۋۇ پۇلنى ئېلىپ قويسىلا،-دېگىنىچە 20يۈەن پۇلنى ئۇزاتتى.مەن ئۇنىڭ قولىدىن پۇلنى ئالغىلى ئۇنىماي،بىر دەم تەكەللۇپ قىلغاندىن كېيىن ئېلىپ،باياتىن بىرى بۇ پەرىزاتنىڭ شىكايىتىنى قىلغان ھۆپىگەر لىرىمگە «قانداق»دېگەن مەنىدە قارىۋەتكەندىن كېيىن،ئالتە يۈەننى قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن يانچۇقۇمدىن پۇل ئېلىپ قارىسام، ئۇ ئاللا قاچان غايىپ بولۇپتۇ. مەن پۇلنى تۇتقانچە خېلى ئىزدىگەن بولساممۇ ھېچ يەردىن تاپالمىدىم. قىز كەتتى. لېكىن ئۇنىڭ سەمىمىيتى بىلەن ھۆپىگەرلىرىمنىڭ دىيانىتى كۆڭلۈمدە بىر سېلىشتۇرما بولۇپ خېلى ئۇزاقلار غىچە كۆز ئالدىم دىن كەتمىدى.

2002-يىلى 19-يانۋار،گۇما.

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 
    • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ئەسەرلىرىڭىز ياخشى يىزىلىپتۇ،قولىڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن.سوراپ باقسام سىزنىڭ ئەسەرلىڭىزنى ۋە يوت بىكىتىزنى ئۈندىدار سالىدا يوللاپ ،كەپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرغا سۇناي دىگەن،ئاۋۋال سىزنىڭ مەسلىھەتىڭزنى ئىلىپ باقاي دىگەن،جاۋابنى بەرگەن بولسىڭىز،چ چ:1427024945

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى چ ب 08:56
      • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئەسەرلىرىمنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغىنىڭىزغا تەشەككۇر.ئۈندىداردا تارقېتىش ئىشىنى تېخى ئويلاشمىدىم.كېيىنچە شۇنداق پۇرسەت بوپ قالسا ئالاقىلىشارمىز.

        يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى چ ب 03:01

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)