بىر مەيخورغا تىز سىزما
(ساتىرا)
مۇھەممەد كامال خۇشخۇي
قۇيغانتىڭ بىر رومكا مەينى ھەييامغا،
رومكاڭنى قويۇپ قۇي دېدى،-ئۇ جامغا.
بولدۇق مەست،بولدى بەس،ئىچمەيلى دېسەڭ،
ئۇ سېنى بىر تېپىپ چاپلىدى تامغا.
قانمايسەن كوزىغا چىلىشىپ ياتساڭ،
مۈلكىڭنى مەيگىلا تىگىشسەڭ- ساتساڭ.
بۇ ساڭا جان بىلەن كىرگەن خۇيمىكىن،
ئەل ھەيران مەي دېسە ئۆزۈڭنى ئاتساڭ.
تاشلىدىڭ نەچچەرەت رومكىنى چېقىپ،
پۇشايمان سۈيىگە چۆكۈپ گاھ ئېقىپ.
مەيخانا چۈشۈڭدىن چىقماي ئاخىرى،
قالدى ئاھ، كۆڭلۈڭگە يەنە مەي يېقىپ.
مەي ئىچسەڭ ئاتاڭنىڭ كەيپى قاچىدۇ،
بىراقكى شادلىقىڭ فونتان چاچىدۇ.
مەستلىكتىن دەلدەڭشىپ بارساڭ مەلىگە،
جانانىڭ ئىشىكنى ئاستا ئاچىدۇ.
مەي ئىچىپ ھەر كۈنى ھاراقكەش بولدۇڭ،
ئۆي نەدە؟ ئەۋرەزدە ماراقكەش بولدۇڭ.
رەنجىسە ئەل- ئاۋام سېنىڭدىن توۋا،
ئىرەڭسىز ياندۇردۇڭ غەلدە-غەش،بولدۇڭ.
مەي ئىچىپ ئۆتكۈزدۈڭ ئۆمۈرنى تەمسىز،
ئاتاڭنىڭ بىر كۈنى ئۆتمىدى غەمسىز.
ئەقىلنى ئۇچلىساڭ بىلەتتىڭ شۇئان،
ھاياتىڭ تۈگمېنى تاراقلار يەمسىز.

- يازما سانى: 530 پارچە
- باھا سانى: 90 پارچە
- تۈر سانى: 6 پارچە
- خەتكۈش سانى: 24 پارچە
- قۇرۇلغان ۋاقىت:
- تور بېكەت ئېچىلغىلى 16526 كۈن بولدى
- يېڭىلانغان ۋاقتى: 2015-03-25
تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماسنىڭ ‹سەككىز سۈرىتىم› ناملىق شېئىرلار توپلىمىدا مەيخورلار توغرىسىدا نۇرغۇن ساتىرىك شېئىرلار بارئىدى . ئۇنىڭدىن باشقا بۇ تېمىدا ساتىرىك شېئىر ئوقۇپ باقماپتىكەنمەن . قەلىمىڭىز ھېرىپ قالمىسۇن (خورازدىكى خونى قېتىپ قۇياي دېسەم يوقكەن )
ناھايىتى ياخش يىزىپسىز قۇلۇڭىزغا دەرت كەلمىسۇن