باھار لىرىكىسى
تەۋە تۈر: نەزمىي ئەسەرلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2014/04/21 | ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,024 قېتىم

ئىككى لىرىكا

مۇھەممەد كامال خۇشخۇي

باھار لىرىكىسى

ئىرىدى تەنلەردىن قىشلىق ئۈستىباش،
كۆيمەكتە قۇياشنىڭ باغرىدا قار-مۇز،
يۈر سەنەم! قىرىق بىر ئۆرۈ چېچىڭنى،
مەجنۇنتال ھۆسنىڭدەك رەڭگە كىرسۇن ئۇز.

بىدىلىك ۋىلىقلاپ كۈلمەكتە ئەنە،
يېشىللىق پەيزىگە چۆمۈلۈپ پەۋەس.
يۈر سەنەم! ئويغاتقىن بۈۋە زۆھرانى،
ئورىسۇن قەلبىنى بىر تاتلىق ھەۋەس…

شاماللار قولىدا باھار گۈللىرى،
كېلىدۇ ئىپاردىن ھىد-پۇراق چېچىپ.
يۈر سەنەم! ئىشىكنى ئېچىپ قوي ئۇلۇغ،
تارتىنىپ يۈرمىسۈن،كەتمىسۇن قېچىپ.

باغلارغا رەڭ بەرگەن قار ئەمەس چېچەك،
دىللارنى ئورىغان قىپ-قىزىل لىچەك.
يۈرسەنەم! قايتايلى ياشلىققا بىر پەس،
سۆزلىسۇن ئىشقىمىز تاڭلارغا چۆچەك.

تولغۇنار ئىرىقتا زىلال شوخلۇنۇپ،
دەۋرەيدۇ يۈرەكتە ۋاپا ئېقىنى.
يۈر سەنەم! باھارلىق سوۋغامنى كۆرگىن،
چېقىلسۇن قەلبىڭدە سۆيگۈ چېقىنى.

كۆڭۈلنى ئوۋلىغان مۇزىكا ئەمەس،
نەغمىچى قۇشلارنىڭ كۈيى-ناۋاسى.
يۈر سەنەم! مەشرەبكە چۈشەيلى بىزمۇ،
باھارنىڭ مەشرىبى تەننىڭ داۋاسى.
2008-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى،گۇما-كۆكئوتاغ.

تەنھالىق لېرىكىسى

غېرىپمەن سېنىڭسىز خانەمدە سۈكۈت،
تېنىم تاش،كۆزۈم ياش،دىلىمدا قۇياش.
ئاشىققا تۈن بولماس ھىجراندىن باشقا،
نېمانچە مۈشكۈل- ھە! نىگارسىز ياشاش.

تەنھالىق چۆلىدە يىگانە تاشمەن،
دەسسەيدۇ قەلبىمنى تالاي ئات،ئۇلاغ.
قانايدۇ ۋۇجۇدۇم تۇياق ئىزىدىن،
ھەر ئۆتەڭ باغرىدا بىر قاينام بۇلاق.

تۇلپارنىڭ كۆزىدىن سورايمەن سېنى،
يايلىدىن توزغۇيدۇ تونۇش بۇيۇڭنى.
نار تۆگە تاشلايدۇ بۇلاققا پۇرقۇپ،
ھەممىگە چىداملىق بەرنا خۇيۇڭنى.

يامغۇرغا قاقلايمەن لېۋىمنى تامشىپ،
تىتىيدۇ يامغۇردىن قىرتاق كۆز يېشىڭ.
قار،مۇزغا يۆگىنىپ يۇلغۇن تۈۋىدە،
تىلەيمەن ئىسەنلىك،ئامانمۇ بېشىڭ؟

ھەر كېچە سەن چۈشكەن قوش ئاتلىق ھارۋا
كېلىدۇ«سايقۇم»نىڭ دۆڭىدە كېزىپ.
قولۇمدا پەي قەلەم ئاپئاق بېتىڭگە
چۈشەيمەن،سېغىنىش خەتلىرى يېزىپ.

سەن كەتتىڭ گۈلخانغا كۆمۈپ يۈرەكنى،
ھەر دوقمۇش قىرىدا زاھىر قايرىلىش.
دەپ يازدىم ھەل بىلەن سۆيگۈ بابىغا:
ئايرىلىش بەك يامان،يامان ئايرىلىش.
2009-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى،گۇما-كۆكئوتاغ.

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)