زېمىن چىراغ، ئادەملەر پەرۋانە
تەۋە تۈر: نەسرى ئەسەرلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2014/10/17 | ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 761 قېتىم

زېمىن چىراغ، ئادەملەر پەرۋانە

مۇھەممەد كامال خۇشخۇي

بۇ ئالەمگە كۆز ئېچىپ،ئانا تۇپراق ئۈستىدە ھايات ياشاۋاتقان ئىكەنمىز،بىزنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرگەن بۇ زېمىننى ئۆمۈر بويى مەدھىيلىسەكمۇ،ھەتتا ھەربىر چىمدىم توپىسىنى تۇتىيا ئورنىدا كۆزىمىزگە سۈرتسەكمۇ ئازلىق قىلىدۇ.بۇ نۇقتىنى چۈشەنگەن شائىرلىرىمىز ئانا تۇپراق ھەققىدەتەسىرلىك قەسىدىلەرنى ئىجاد قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ گۈزەل تۇپراققا بولغان ھۈرمىتىنى،مۇھەببىتىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق،ئانا تۇپراقنىڭ مۇقەددەس لىكىنى كىتابخانلار ئېڭىدا چاقنىتىپ كەلدى ۋە كېلىۋاتىدۇ.

شېئىرىيىتىمىزنىڭ چاچما شېئىرشەكلى بويىچە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان لېرىك شائىر مۇھەممەتجان سادىقنىڭ<<ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى>>نىڭ <<چولپان>>بېتىگە بېسىلغان ئىككى شېئىرىنى ئانا تۇپراق كۈيلەنگەن گۈزەل كۈي دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ .

شائىر<<مەندىن ئۆگەنگەن>> ناملىق شېئىرىدا ئۆزىنىڭ ئانا ۋەتەنگە،ئانا تۇپراققا بولغان چوڭقۇر مېھرى – مۇھەببىتىنى،پەرۋانىنىڭ ئوتقا بولغان مېھرى-مۇھەببىتى(ئاشىقلىقى)بىلەن سېلىشتۇرۇپ،ئانا تۇپراقنىڭ ئۇلۇغلىقىنى كىتابخانلار كۆز ئالدىدا روشەن نامايان قىلىپ مۇنداق يازىدۇ:

شۇ مەجنۇن،

شۇ ئاشىق مەندىن ئۆگەنگەن،

ئاھ،قانداق كۆيۈشنى يارغا يۈرەكتىن!

مەنمۇ بىر پەرۋانە،

ئۈزۈلمەس كۆزۈم

ئانىجان يەردىكى گۈل ۋە تۇپراقتىن!

بىز بۇ مىسرالارنى تۇنجى ئوقۇغان چېغىمىزدا شائىرنىڭ<<پەرۋانە ئوتقا ئاشىق بولۇشنى مەندىن ئۆگەنگەن>> دېگەنلىكىدەك ئاددىي بىر ئۇقۇمنىڭ كۆڭۈل ئىكرانىمىزدا غۇۋا پەيدا بولغانلىقىنى سېزىمىز.ئەمما شېئىرنى يەنە بىرقېتىم باشتىن-ئاياغ زېھىن قويۇپ ئوقۇپ ماھىتىيىگە يەتسەك ،شېئردا ئەكىس ئېتلگىنى يىگىتنىڭ قىزغا بولغان ئاشىقلىقىدەك ئاشىقلىق بولماستىن ،بەلكى ئانا تۇپراققا بولغان ئاشىقلىق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىمىز.

شائىر11مىسرادىن تەركىب تاپقان . بۇ شېئىردا ئۆزىنىڭ ئانا تۇپراققا بولغان چوڭقۇر ھۈرمىتىنى، سۆيگۈسىنى ئىسپاتلاش ئۈچۇن پەرۋانىمۇ ئوتقا بولغان ئاشقىلىقىنى مېنىڭ ئانا تۇپراققا بولغان ئاشىقلىقىمدىن ئۆگەنگەن، دېگەن ئىدىيىنى ئاشكارلىغان بولسا، ئىككىنچى شېئىرى <<بۇلبۇلنىڭ سىرى >>دا:

ئاڭلىغىن،

بۇلبۇلنىڭ كۈي ناۋاسىدا،

قىزىل گۈل ئېچىلغان يۇرتنىڭ سۆيگۈسى!

كۆيمىسە قىزىل گۈل كۈلگەن تۇپراققا،

ئاھ، بۇلبۇل يارىغا قانداق كۆيگۈسى ؟!…

دەپ يېزىش ئارقىلىق،بۇلبۇل قىزىل گۈلگە ئاشىق ئىكەن، ئۇنداقتا ئالدى بىلەن قىزىل گۈلنى ئۆستۈرۈپ، پەرۋىشلىگەن ئانا تۇپراقنى سۆيۈشى  كېرەك،ئۇنداق بولمايدىكەن، بۇلبۇلنىڭ سۆيگۈسى ھەقىقىي سۆيگۈ بولالمايدۇ، دېگەن ئىدىيىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خۇلاسىلىغاندا:

بىز شائىر مۇھەممەتجان سادىقنىڭ <<مەندىن ئۆگەنگەن>>،<<بۇلبۇلنىڭ سىرى >> ناملىق ئىككى پارچە قىسقا، ئەمما دېڭزدىن چوڭقۇر مەزمۇنغا ئىگە لېرىكىسىنى يۈرەكلىك ھالدا ئوپراتسىيە قىلىپ كۆرگىنىمزدە، شائىرنىڭ ئاناتۇپراققا بولغان سۆيگۈسىنىڭ نەقەدەر چىن ،نەقەدەر كۈچلۈك  ئىكەنلكىنى بىلىۋالالايمىز. ھەممىمىز ئانا تۇپراقنى سۆيەيلى،قەدىرلەيلى،چۈنكى زېمىن چىراغ،ئادەملەر پەرۋانە.پەرۋانىنىڭ چىراغسىز قىممىتى بولمايدۇ،خالاس.

مەن بۇ كەمتۈك ماقالەمنى ئاتىلارنىڭ مۇنۇ سۆزى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن.

ۋەتەن سۆيگەن خار بولماس،بۇردا نانغا زار بولماس.

 

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)