باشقىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە
مۇھەممەد كامال خۇشخۇي
باشقىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە،سۆھبەتدىشىڭىزنىڭ بايانىغا زەن قويۇپ قۇلاق سېلىڭ.
چۈنكى،مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۆز بايانىنىڭ قانچىلىك قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن سىزنىڭ دىققەت مەركىزىڭىزنىڭ قاياقتا ئىكەنلىكىنى چاندۇرماستىن كۈزىتىپ تۇرىدۇ. ناۋادا سىز ئۇنىڭ سۆزلىرىنى زەن قويۇپ دىققەت بىلەن ئاڭلاۋاتقان بولسىڭىز ئۇ، سۆھبەت مەزمۇنىنى تېخىمۇ بىيىتىپ ۋە ئېچىلىپ-يېيىلىپ سۆزلەيدۇ.مۇبادا،سىز سۆھبەتد- ىشىڭىزنىڭ يېنىدا بولغان بىلەن دىققەت ئىتىبارىڭىز باشقا ياقلاردا بولىدىكەن،ئۇ ياكى سۆزىنى قىسقارتىدۇ ۋە ياكى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ قويىدۇ.
سىز بۇ مەسىلىنى ئادەتتىكى ئىش دەپ ئويلاپ قالماڭ. مېنىڭچە،بۇ سىز ئويلىغاندەك ئىتىبارسىز مەسىلە بولماستىن،سىزنىڭ سۆھبەتدىشىڭىز ۋە ئەل-جامائەت نەزىرىدىكى ئوبرازىڭىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇنداق،سىز بىر قېتىم ئاشۇ سۆھبەتدىشىڭىزنىڭ دىل بايانلىرىنى زېھىن قويۇپ ئاڭلىماي،چاندۇرۇپ قويغان ئىكەنسىز،ئىككىنچىلەپ ئۇ سىزگە سۆھبەت بايان قىلمايلا قالماستىن،باشقا يىقىن-يورۇقلىرىغا سىزنىڭ «ساپاسىز»ئىكەنلىكىڭىز ھەققىدە گەپ ئېيىتمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ.
شۇڭا،سىز بىراۋ بىلەن سۆھبەت قۇرغاندا ئىمكان قەدەر سۆھبەتدىشىڭىزنىڭ بايانلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تىڭشاشقا ئۇرۇنۇڭ.ناۋادا ئۇنىڭ سۆھبىتى سىزگە ياقمىغۇدەك بولسا،ياكى بىرەر زۈرۈيىتىڭىز چىقىپ قالسا،ئۆز ۋاقتىدا ئۇنىڭغا ئۆزرى- خاھلىق ئېيتىپ،ئىجازەت سوراپ قايتىشنىڭ ئامالىنى قىلىڭكى،يالغاندىن «ھە،ھىم،شۇنداق» دېگەندەك ئىملىقلار بىلەن ئۇنى ھەم ئۆزىڭىزنى ئالدىماڭ.
- يازما سانى: 530 پارچە
- باھا سانى: 90 پارچە
- تۈر سانى: 6 پارچە
- خەتكۈش سانى: 24 پارچە
- قۇرۇلغان ۋاقىت:
- تور بېكەت ئېچىلغىلى 16526 كۈن بولدى
- يېڭىلانغان ۋاقتى: 2015-03-25
بلوگىڭىز ئىنتايىن ياخشى چىقىپتۇ ياقتۇردۇم .
ئۇيغۇرجان بلوگىغا ئۇلىۋالاي