كىلياڭ ئەلنەغمە تېكىسىتلىرى
تەۋە تۈر: كىلاسسىك ئەسەرلەر | يوللانغان ۋاقتى: 2012/03/06 | ئىنكاس: 1 پارچە | كۆرۈلۈشى: 3,387 قېتىم

 

ئەلنەغمە تېكىستلىرىدىن تامچە

  1. توقسۇن ھۈسىيىن ئەلقۇت
  2. ئەلنەغمە-ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ئەسىرلەردىن بۇيان كەڭ ئەمگەكچى خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقالغان ۋە ئومۇملاشقان بىر تۈر . ئۇنىڭ تىلى ساپ خەلق تىلى بولغاندىن تاشقىرى، مەلۇم دەۋردىكى خەلقنىڭ كەچمىش، كەچۈرمىشلىرى ، ئارزۇ ئارمانلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش – ئەلنەغمىنىڭ ئاساسى ئالاھىدىلىكى بولۇپ ، ئۇنى ئورۇنداش باشقا خەلق ناخشىلىرىغا قارىغاندا بىر قەدەر ئاسان يەنىي بىر تال قويچى راۋىپى بولسىلا ھەر قانداق جايدا ئىيتقىلى بولىدۇ . شۇ سەۋەبتىنمىكىن ئەلنەغمە كۆپىنچە مالچىلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغان ۋە بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەن
    گۇما ناھىيىسىنىڭ كىلياڭ يېزىسى يېرىم چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان ، تەبىئىي ئوتلاق بىر قەدەر كۆپ بولغان بوستانلىقلارنىڭ بىرى بولۇپ ، ئۆز قوينىدا ئەسىرلەردىن بۇيان سانسىزلىغان ئەلنەغمىچىلەرنى يېتىشتۈرگەن ، خۇدابەردى تۇنياز ئەنە شۇلارنىڭ بىرى .
    خۇداۋەردى تۇنياز 1945-يىلى گۇما ناھىيىسىنىڭ كىلياڭ يېزىسىدا تۇغۇلۇپ ، بىر ئۆمۈر چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ، 9 يېشىدىن باشلاپ ئۆز يېزىسىدىكى پىشقەدەم مالچىلارنى ئۇستاز تۇتۇپ ، مالچى راۋابى چېلىشنى، نەغمە ئىيتىشنى ئۆگەنگەن . بۈگۈنگە كەلگەندە ئۇنىڭ ياشىنىپ قىلىشى سەۋەبلىك نۇرغۇن ئەلنەغمىلەرنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولۇپ ، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى قۇتقۇزۇش ، رەتلەش چىڭ تۇتۇلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئېىسدە ساقلىنىپ قالغان ئازغىنا بىر قىسىم ئەلنەغمىلەرنىڭ تېكىستىنى بولسىمۇ قۇتقۇزۇپ قىلىشنى قەرز ۋە بۇرچۇم ھىسابلاپ ، ئەسلىگە سادىق بولغان ئاساستا رەتلەپ ، كىتاپخانلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم .

سەيپۇلباي

سەيپۇلبايۇ سەيپۇلباي
ئاتمىش پۇلغا ئۆپكە ئالىپ،
ئاستى ئېشەكنىڭ يانىغا.
خىت -خىت ، خىت-خىت، خىت-خىت،خىت،
تەپتى ئىشەكنىڭ قارنىغا .

سەيپۇلباي ئۆيگە كېلىپ:
-ۋاي مۇسۇمان جانىم مۇسۇمان
قوساقىم ئاچىپ كەتتى
چۆچۈۋىي①نىمۇ ئېتىڭلا،
دېگەن شۇ زامانلاردا.
پاتمىخان يامان خوتۇن
قارا قازاننى ئاستى مانا
قارا قازان قايناپ كەتتى
ۋارىقى-ۋۇرىقى ، ۋارىقى-ۋۇرىقى ،
ۋارىقى-ۋۇرىقى ، ۋارىقى-ۋۇر.

قارا قازان قايناپ بولۇپ،
پاتمىخان يامان خوتۇن
ئۇن تاسقىغىلى تۇردى.
پاتىقى-پۇتىقى ، پاتىقى-پۇتىقى ،
پاتىقى-پۇتىقى ،پۇتىقى -پۇت.

ئۇننىمۇ تاسقاپ بولۇپ،
خېمىر يۇغۇرغىلى تۇردى.
مېتىكى-مېتىكى ، مېتىكى-مېتىكى ،
مېتىكى-مېتىكى ، مېتىكى-مېى.

خېمىرنى يۇغۇرۇپ بولۇپ،
چۆپنى يايغىلى تۇردى.
تاك-تىكى ، تاك-تىكى ، تاك-تىكى ، تاك-تىكى ،
تاك-تىكى ، تاك-تىكى ، تاك-تىكى ، تاك.

چۆپنىمۇ يېيىپ بولۇپ،
ئۇنى كەسكىلى تۇردى.
شىرتىكى-شىرتىكى ، شىرتىكى-شىرتىكى ،
شىرتىكى-شىرتىكى ، شىرتىكى-شىر.

چۆپنىمۇ كېسىپ بولۇپ،
پاتمىخان يامان خوتۇن
ئانداغ ئەمەس مۇنداققىنا
چۆچۈۋى تۈگكىلى تۇردى.
مېتىكى-مېتىكى ، مېتىكى-مېتىكى ،
مېتىكى-مېتىكى ، مېتىكى-مېى.

چۆچۈۋىينى تۈگۈپ بولۇپ،
قارا قازانغا سالدى يانا.
قارا قازان قاينايدۇ مانا
ۋارىقى-ۋۇرىقى ، ۋارىقى-ۋۇرىقى ،
ۋارىقى-ۋۇرىقى ، ۋارىقى-ۋۇر.

پاتمىخان يامان خوتۇن
ئانداغ ئەمەس مۇنداق خوتۇن
چۆچۈۋىينى پىشۇرۇپ،
بىر ئاياققا سۈيىنى
ئۇسسۇپ بولۇپ پاتما خوتۇن
بىر ئاياقتا قويۇقىنى
قازناققا تىقىپ قويدى.

سەيپۇل باي ئىشىكتىن كىرىپ:
-ھەي مۇسۇمان جانىم مۇسۇمان
قوساقىم ئاچىپ كەتتى
چۆچۈۋىينىمۇ ئالىڭلا،
دېگەن شۇ زامانلاردا.
پاتمىخان يامان خوتۇن
بىر ئاياقتا سۈيىنى
ئالدىغا ئەكەپ قويدى.

سەيپۇل باي ،ھەي سەيپۇلباي
بىر ئاياق چۆچۈۋىينىڭ
سۈيىنىمۇ ئىچكىلى تۇردى،
ئانداغ ئەمەس مۇنداققىنا.
كۇرىكى-كۇرىكى،كۇرىكى-كۇرىكى،
كۇرىكى-كۇرىكى،كۇرىكى-كۇر .

ئىچىپقىنا ۋاي بولۇپ،
قازىناق ئۆيىگە كىرىپ.
چۆچۈۋىينىڭ قويۇقىنى
ئانداغ ئىچتى  مۇنداق ئەمەس
غۇرتىكى – غۇرتىكى، غۇرتىكى – غۇرتىكى،
غۇرتىكى – غۇرتىكى،غۇرتىكى – غۇر.

ئىچىپقىنا ۋاي بولۇپ
قازىناقتىن ۋاي چىقىپ،
پاتمىخان يامان خوتۇننى
ئانداغ ئەمەس مۇنداققىنا
سەكسەن بەشنى ئۇرۇپ ساپتۇ.
ئاچچىغى چىققاندەك بولاپ
شۈكرى خۇدايىم دەپ ساپتۇ.

①چۆچۈۋىي -چۆچۆرە

مەسۇدىخان

بۇ كوچا ئۇزۇن كوچا،
مەسۇدىخان ماڭغان كوچا.
ئوڭ دولۇڭدا قاپاق-قاچا،
سول دولۇڭدا خورجۇن -قاچا.

مۇڭداشقىلى مەن بارسام،
ئۆردەك بىلەن غاز ئاتسام.
ئۆردەك بىلەن غازىڭنى،
خۇدانىڭ يولىدا ساتسام.

ئىسلام باينىڭ ھويلىسىدا،
ئەگىگەن سانى كۆرەڭ.
ھەي پۇتىدا توقال تامبال،
چوكانلارنىڭ ھالىنى كۆرەڭ.

ئاق كەپتەرمۇ ماللاقچى،
كۆك كەپتەرمۇ ماللاقچى.
قۇربىناخۇن راۋاپچى،
ئانارخاننى ئالماقچى.

ئىككى شاخىنەكنىڭ بىرسى مېنىڭ،
گەپلىرى بولسا قىلسىلا خېنىم.

ئوچاقتىكى زاغراڭنى،
قومارمامسەن تەڭنەڭگە.
يىڭى تۇتقان ئاشناڭنى،
تويغۇزمامسەن لەغمەنگە.

ھەي تاقىلا ، تاقىلا،
چوڭ قارابوزنى تاقىلا.
ئاخشام كەچ باراي دېسەڭ،
ئاق جۇۋىنىمنى ياقىلا.

ئۆستەڭ سۈيىنى لاي قىلغان،
تاختا كۆۋرۈك توپاسى.
چوكانلارنى ئۇز قىلغان،
پىيازلىقنىڭ ئوسماسى.

كۈنكىزەك

كۈنكىزەكنى سايغا سالدىم،
تۇۋقى② ئۇلدا③مىسا.
لاخشىگىردە چوغ ئېلىپ،
چولپان كۆزۈڭنى داغلىسا.

ئەمدى كەلگەن كۈنكېزەكنىڭ،
بوينىدا تۇمارى بار.
ئەمدى كەلگەن كۈنكېزەكنىڭ،
ئۆلگىچە خۇمارى بار.

بېۋاپا دەپ ئاڭلىدىم،
بېلىمنى مەھكەم باغلىدىم.
لاخشىگىردە چوغ ئېلىپ،
چولپان كۆزىنى داغلىدىم.

يولدا كۆرسەم تونۇيتتىم،
كۈنكىزەكنىڭ ئىزىنى.
ئون يامبۇغا بەرمەيتتىم،
قاشى بىلەن كۆزىنى.

ئەسسالام دەپ ئۆيگە كىرسەم،
ئۆيدە مىھمان ئولتۇرار.
قاشلىرى قىرغان قەلەمدەك ،
كۆزلىرى ئويناپ تۇرار.

تۈنۈگۈن چۈش بار ئېدى،
ئىككى جۇۋان چىقتى سۇغا.
قاپىقى لايغا پېتىپ،
ئالمالىرى ئاقتى سۇدا.

تەلپىكىم سەككىز تالا،
تۆتى قارا ، تۆتى ئالا.
ئالتە ئاي ئوتۇڭدا كۆيسەم،
بىلمىگەن باغرى قارا.

②تۇۋىقى-تۇيىقى
③ئۇلداش-سۈرۈلۈش،ئۇپراش.

بىزنىڭ يارنىڭ مېڭىشى

مەن مالىمنى ھەيدىگەچ،
يوللار بولدى بوخۇناق.
ئاي كۆز خاننىڭ بەرگىنى،
بىر كاشا ④بىر توخۇناق.

چېكىل مىلتىق ئۆشنەمدە،
ئاتىلمايلا بۇزۇلار.
بىزنىڭ يارنىڭ مېڭىشى،
ئاقچىغ⑤ ئۆستەڭ توزۇلا.

ۋاي قۇلانلا ، قۇلانلا،
نەگە بارغان قۇلانلا.
شەرەت قىلسا كەلمەيدۇ،
ئاخشام سۆيگەن جۇۋانلا.

مەن ماڭدىم قىر تۆپىلەپ،
قوش بۇغرامنى يېتىلەپ.
يارىم كەتتى مەن قالدىم،
كۆزۈمدىن ياش تۆكىلەپ.

بىزنىڭ قويلا تولا شاش،
سۈمۈرۈككە باشلايدۇ.
ياز بولغاندا يار تۇتساڭ،
كۈز بولغاندا تاشلايدۇ.

بىزنىڭ قويلا تولا شاش،
باش بەرمەيدۇ سەينادا.
غەيۋىتىنى قىلماڭلا،
بىزنىڭ يارنىڭ كەينىدە.

قات ئېغىلدا مال باقتۇق،
قاتنى كولاپ نان ياقتۇق.
ئون بەش كۈنلۈك ئالەمدە،
دۇئايى سالام،خەت يازدۇق.

چىىڭگىلىكتە مال باقتۇق،
كۆرۈك قالاپ نان ياقتۇق.
ئاق ساندۇقنىڭ ئۆزىنى ،
چوناق ئىشەككە ساتتۇق.
ئەتىيازنىڭ بۇيانى،
لاي سۇ پەسلىگەن ئەمەس.
مەن شۈنچە ئادەم بولۇپ،
كىشىنى قەستلىگەن ئەمەس.

④كاشا-ياپىلاق قىلىپ يىپتا توقۇلىدىغان ئارغامچا
⑤ئاقچىغ-گۇما ناھىيە كىلياڭ يېزىسىدىكى بىر كەنت.

كۆيگەنىمنى بىلدىڭلارمۇ

سەن قاياقتىن كېلىسەن،
شۈنچە يىراقتىن كېلىمەن.
ئوبدان كەڭلا قوچقا سوپىلار،
سەن ئاتلىق ، مەن پىيادە
كۆيگەنىمنى بىلدىڭلارمۇ؟

ئاسماندىن ئالاي ئاينى،
قوينۇمغا سالاي يارنى.
ئوبدان كەڭلا قوچقا سوپىلا،
ئۆزەڭ ئاتلىق مەن پىيادە
كۆيگەنىمنى بىلدىڭلارمۇ؟

ئۆستەڭ بويىدا  ئەمەن،
يارىمغا ۋاي نېمە دەرمەن.
ئوبدان كەڭلا قوچقا سوپىلار،
سەن ئاتلىق ، مەن پىيادە
كۆيگەنىمنى بىلدىڭلارمۇ؟

شەرق بەگنىڭ ئەھۋالى

پوچىلىقىدىن ، نوچىلىقىدىن شەرق بەگ دەپ ئاتىلىپ قالغان بىر كىشى ئۆتكەن ئىكەن . كىشىلەردىن بىر نەرسە سورايدىكەنۇ  دەرھال بەرمىسە ئۇرۇپ – دۇمبالايدىكەن . شۇڭا كىشىلەر بۇ قاپاق نوچىدىن قورقىدىكەن ھەم بېزار ئىكەن . شۇ يۇرتتا يەنە شاپىلايلىكام دېگەن بىر كىشى بار ئىكەن . شاپىلايلىكامنىڭ ئەمدىلەتىن رەسىدە بولغان چىرايلىق بىر قىزى بار ئىكەن . شەرق بەگنىڭ بۇ قىزغا كۆزى چۈشۈپتۇ ھەم شاپىلايلىكامدىن بۇ قىزىنى ئۆزىگە ياتلىق قىلىپ بېرىشىنى سوراپتۇ . لېكىن شاپىلايلىكام شەرق بېگىنىڭ ئېغىزىدا شە ئالىدىغان ، لېكىن قولىدىن ھىچ ئىش كەلمەيدىغان تەييار تاپ ، ئۆكتەملىكىنى نەزەردە تۇتۇپ شەرق بەگىنىڭ تەلىپىنى رەت قىپتۇ .بۇنىڭ بىلەن شەرق بەگ شاپىلايلىكامنى ئۇرۇپ قىز تاپقىنىغا بۇرنىدىن بۇلاق قىلىۋىتىپتۇ .  شۇنىڭ بىلەن خەلق ئارىسىدا مۇنداق بىر قوشاق تارقىلىپتۇ:
كۆرۈڭلا خالايىقلار ،
شەرق بەگنىڭ ئەھۋالى .
ئاستىغا سالغىلى كېگىز يوق ،
ساپتۇ چىغنىڭ ساقالى .
باش قويغىلى تەكىي يوق ،
ساپتۇ قوناق پاخالى .

باي غوجىغا بەسلە دەپتى ،
جابدۇغ ئېتىپ ئاسلا دەپتى .
قىزبالىمۇ باقامىكىن ،
قىز بالىمۇ تاپامىكىن .
ساقالى ئاقارغاندا ،
چىشلىرى ساغاغاندا .
مەسىنى كىيدى مايماقلاپ ،
ئىشىكتىن چىقتى كايپاچلاپ .
ھە نېمە قىلسا دۈم چۈشتى ،
خاپىلىققا قاپتۇ شاپىلايلىكام .

رامىزان قوشىقى

رامىزان ئاللامۇ شەھرى رامىزان،
خوش مۇبارەك پادىشاھى رامىزان.

رامىزاننىڭ ئون يەتتىسى قەدرى كۈنى،
رامىزاننىڭ زاكاتىنى بېرىڭ قېنى.
رامىزان ئاللامۇ شەھرى رامىزان،
خوش مۇبارەك پادىشاھى رامىزان.

تۈنۈكۈڭدىن قالىسام ئاي كۆرىنىدۇ،
ھەممە ئۆيدىن مۇشۇ ئۆي باي كۆرىنىدۇ.
رامىزان ئاللامۇ شەھرى رامىزان،
خوش مۇبارەك پادىشاھى رامىزان.

رامىزاندا يېيىشىڭ بوز ئالا قوي،
گۆشنى يىسەڭ كاللا-پاچاقنى ماڭا قوي.
رامىزان ئاللامۇ شەھرى رامىزان،
خوش مۇبارەك پادىشاھى رامىزان.

ئاق توخۇ ، ئاپپاق توخۇ كاتەكتىدۇ،
ماڭا قويغان تۇخۇمىڭ قاپاقتىدۇ؟!
رامىزان ئاللامۇ شەھرى رامىزان،
خوش مۇبارەك پادىشاھى رامىزان.

ئايلىكام ئۇخلايدىغۇ خاررى-خۇررۇ،
سۇپرىسىنى ئىت تارتىدۇ تاررى-تۇررۇ.
رامىزان ئاللامۇ شەھرى رامىزان،
خوش مۇبارەك پادىشاھى رامىزان.

ئايلىكام ئۇخلامتىكىن ، ئوغاقمىكىن.
ئورنىدىن قوپمايدىغۇ پوداقمىكىن؟!
رامىزان ئاللامۇ شەھرى رامىزان،
خوش مۇبارەك پادىشاھى رامىزان.

سارىخان⑥

ۋاي – ۋاي سارىخان،ۋاي – ۋاي… سارىخان،
مانا –مانا باينىڭ باغىداۋاي… سارىخان.
باينىڭ قىزى كۆمەچ ئېتىدۇ ۋاي – ۋاي… سارىخان،
ئەينا ، مانا قوينىڭ ياغىدا ۋاي… سارىخان.

سايباغدىكى سارىخان ۋاي-ۋاي… سارىخان،
ساچىڭ نېمە ئۆسمەيدۇ ۋاي… سارىخان.
يۇمايسەن ، تارىمايسەن ۋاي-ۋاي… سارىخان،
ساچىڭ شۇڭا ئۆسمەيدۇ ۋاي… سارىخان.

دەريانىڭ ئۇ قاتىدا ۋاي-ۋاي… سارىخان،
بېدە پاقلان بولاپتۇ ۋاي… سارىخان.
ئوسما قويغان ئاشۇ خېنىم ۋاي-ۋاي… سارىخان،
بەكمۇ چاققان بولاپتۇ ۋاي… سارىخان.

يارنىڭ ئۆيى جەينەكتە ۋاي-ۋاي… سارىخان،
قەستىم يارنى سۆيمەكتە ۋاي… سارىخان.
يار ئۆزىنى داڭلايدۇ ۋاي-ۋاي… سارىخان،
قالاپ باقسۇن ئەينەككە ۋاي… سارىخان.

ئوسما قويدۇم مەن دەيسەن ۋاي-ۋاي… سارىخان،
ئوسما قويغىنىڭ يالغان ۋاي… سارىخان.
ساڭا كۆيدۈم مەن دەيسەن ۋاي-ۋاي… سارىخان،
ماڭا كۆيگنىڭ يالغان ۋاي… سارىخان.

ئوسما قويدۇڭ قاشىڭگە ۋاي-ۋاي… سارىخان،
يىلىم چاپتىڭ باشىڭگە ۋاي… سارىخان.
پەدىزىڭنى تاماملاپ ۋاي-ۋاي… سارىخان،
ئەمدە كېلەرسەن قاشىمگە ۋاي… سارىخان.
ۋاي-ۋاي سارىخان.

⑥«سارىخان»نىڭ «كىلياڭ مەشرىپى» دىكى ئاتىلىشى «ئوسما ئۇسۇلى»بولۇپ ، بىرخىل ھەجىۋىي ھەركەتلىك ئۇسۇلدىن ئېبارەت .

جان ئاكام بىلەن خېنىكامنىڭ ئىيتىشىشى

ئەر:قېنى خېنىكام قېنى باشىڭىز
قېنى قېنى باشىڭىز قېنى ،
قېنى قېنى باشىڭىز قېنى؟
ئايال:مانا جان ئاكام مانا باشىمەي ،
مانا مانا باشىمەي مانا.
ئەر:مەن ئەپ بەرگەن دوپپىلارنى،
كەيمەي كەپسىز خېنىكام قېنى؟
ئايال:سىز ئەپ بەرگەن دوپپالىرىڭىز ،
شاپاق چىقتى جان ئاكام، ئۆزىمىزدە باركەن،
كەيگەچ كەلدۇق مانا.
مانا مانا باشىمەي مانا.
ئەر:ئۆزىڭىز شاپاقكەن،ئۆزىڭىز كىيەلمەس،
ئەپ بەرمىسەم بوپتىكەن ئېسىت،
زايە كەتكەن پۇللىرىم ئېسىت.
ئايال:ئېسىت باشىمەي ، ئېسىت باشىمەي،
شاپاق كەيگەن باشىمەي ئېسىت،
شاپاق كەيگەن باشىمەي ئېسىت.
ئەر:خاپا بولماڭ ، كۆپ يىغلىماڭ،
ئەپ بېرىمەن خېنىكام يانا،
ئەپ بېرىمەن خېنىكام يانا.

ئەر:قېنى خېنىكام قېنى قاشىڭىز،
قېنى قېنى قاشىڭىز قېنى،
قېنى قېنى قاشىڭىز قېنى؟
ئايال:مانا جان ئاكام مانا قاشىمەي ،
مانا مانا قاشىمەي مانا،
مانا مانا قاشىمەي مانا.
مەن ئەپ بەرگەن ئوسمىلارنى ،
قويماي كەپسىز خېنىكام قېنى،
قېنى ، قېنى خېنىكام قېنى؟
ئايال:سىز ئەپ بەرگەن ئوسمالىرىڭىز،
كۆمە چىقتى جان ئاكام ئۆزىمىزدە باركەن،
قويغاچ كەلدۇق مانا.
مانا،مانا قاشىمەي مانا.
مانا ، مانا جان ئاكام مانا.
ئەر:ئۆزىڭىز كۆمەكەن ، ئۆزىڭىز قويالماس،
ئەپ بەرمىسەم بوپتىكەن ئېسىت،
زايە كەتكەن پۇللىرىم ئېسىت.
ئايال:ئېسىت قاشىمەي ، ئېسىت قاشىمەي،
كۆمە قويغان قاشىمەي ئېسىت،
كۆمە قويغان قاشىمەي ئېسىت.
ئەر:خاپا بولماڭ كۆپ يىغلىماڭ،
ئەپ بېرىمەن خېنىكام يانا،
ئەپ بېرىمەن خېنىكام يانا.

ئەر:قېنى خېنىكام قېنى قۇلقىڭىز،
قېنى قېنى قۇلقىڭىز قېنى،
قېنى قېنى قۇلقىڭىز قېنى؟
ئايال:مانا جان ئاكام ، مانا قۇلۇقۇم،
مانا ، مانا قۇلۇقۇم مانا،
مانا مانا قۇلۇقۇم مانا.
ئەر:مەن ئەپ بەرگەن ئالتۇن زىرىنى،
سالماي كەپسىز خېنىكام قېنى،
قېنى ، قېنى خېنىكام قېنى؟
ئايال:سىز ئەپ بەرگەن ئالتۇن زىرىڭىز،
تۆمۈر چىقتى جان ئاكام ،ئۆزىمىزدە باركەن،
سالغاچ كەلدۇق مانا.
مانا مانا جان ئاكام مانا.
ئەر:ئۆزىڭىز تۆمۈركەن ، ئۆزىڭىز سالالماس،
ئەپ بەرمىسەم بوپتىكەن ئېسىت،
زايە كەتكەن پۇللىرىم ئېسىت.
ئايال:ئېسىت قۇلۇقۇم،ئېسىت قۇلۇقۇم
تۆمۈر ئاسقان قۇلۇقۇم ، ئېسىت
تۆمۈر ئاسقان قۇلۇقۇم ، ئېسىت.
ئەر:خاپا بولماڭ كۆپ يىغلىماڭ،
ئەپ بېرىمەن خېنىكام يانا،
ئەپ بېرىمەن خېنىكام يانا.

ئەر:قېنى خېنىكام قېنى قولىڭىز،
قېنى ، قېنى قولىڭىز قېنى،
قېنى،قېنى قولىڭىز قېنى؟
ئايال:مانا جان ئاكام ، مانا قولۇم،
مانا ، مانا قولۇمەي مانا،
مانا ، مانا قولۇمەي مانا.
ئەر:مەن ئەپ بەرگەن ئالتۇن بىلەيزۈكنى،
سالماي كەپسىز خېنىكام قېنى،
قېنى،قېنى خېنىكام قېنى؟
ئايال:سىز ئەپ بەرگەن ئالتۇن بىلەيزۈك،
يالغان چىقتى جان ئاكام ئۆزىمىزدە باركەن،
سالغاچ كەلدۇق مانا.
مانا، مانا جان ئاكام مانا.
ئەر:ئۆزىڭىز يالغان ،ئۆزىڭىز سالالماس،
ئەپ بەرمىسەم بوپتىكەن ئېسىت،
زايە كەتكەن پۇللىرىم ئېسىت.
ئايال:ئېسىت قولۇمەي ، ئېسىت قولۇمەي،
يالغان سالغان قولۇمەي ئېسىت،
يالغان سالغان قولۇمەي ئېسىت.
ئەر:خاپا بولماڭ، كۆپ يىغلىماڭ،
ئەپ بېرىمەن خېنىكام يانا،
ئەپ بېرىمەن خېنىكام يانا.

ئەر:قېنى خېنىكام قېنى بېلىڭىز ،
قېنى ، قېنى بېلىڭىز قېنى،
قېنى ، قېنى بېلىڭىز قېنى؟
ئايال:مانا جان ئاكام ، مانا بېلىم،
مانا ، مانا بېلىمەي مانا،
مانا ، مانا بېلىمەي مانا.
ئەر:مەن ئەپ بەرگەن شايى ياغلىقنى،
چەگمەي كەپسىز خېنىكام قېنى،
قېنى ، قېنى خېنىكام قېنى؟
ئايال:سىز ئەپ بەرگەن شايى ياغلىق،
شوينا⑦ چىقتى جان ئاكام ، ئۆزىمىزدە باركەن،
چەگكەچ كەلدۇق مانا.
مانا، مانا جان ئاكام مانا.
ئەر:ئۆزىڭىز شوينا، ئۆزىڭىز چىگەلمەس،
ئەپ بەرمىسەم بوپتىكەن ئېسىت،
زايە كەتكەن پۇللىرىم ئېسىت.
ئايال:ئېسىت بېلىمەي ، ئېسىت بېلىمەي،
شوينا چىگكەن بېلىمەي ئېسىت،
شوينا چىگكەن بېلىمەي ئېسىت.
ئەر:خاپا بولماڭ ، كۆپ يىغلىماڭ،
ئەپ بېرىمەن خېنىكام يانا،
ئەپ بېرىمەن خېنىكام يانا.

⑦شوينا ـ يۇڭدا ئېشىلىدىغان  يىپنىڭ تومراق بىرخىلى.

مەنبە:كىلياڭ بلوگى

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)