«ئوغۇزنامە» ئېپوسى
تەۋە تۈر: كىلاسسىك ئەسەرلەر | يوللانغان ۋاقتى: 2013/04/15 | ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 3,171 قېتىم

«ئوغۇزنامە » ئېپوسى

(گېڭ شىمىڭ، تۇرسۇن ئايۇپ نەشرگە تەييارلىغان. 14- ئەسىردە قوچۇدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى)

 

…. ئاشۇنداق بولسۇن دېيىشتى. ئۇنىڭ تۇرقى مانا مۇنداق: (بۇ قۇرنىڭ كەينىگە بىر بۇقىنىڭ رەسىمى سىزىلغان ئىكەن) شۇندىن كېيىن شاتلىققا مۇيەسسەر بولدى.

بىر كۈنى ئايخاننىڭ كۆزى يورۇدى، ئۇ بىر ئوغۇل تۇغدى. بۇ ئوغۇلنىڭ يۈز- چىرايى كۆك ئىدى، ئاغزى چوغدەك قىزىل، كۆزلىرى ھال، چاچلىرى، قاشلىرى قارا ئىدى. ئۇ ھۆر- پەرىلەردىنمۇ چىرايلىقراق ئىدى. بۇ ئوغۇل ئانىسىنىڭ ئوغۇزىنى بىر قېتىم ئېمىپلا، ئىككىنچىلەپ ئەممىدى. خام گۆش، ئاش، مەي سورىدى، تىلى چىقىشقا باشلىدى. قىرىق كۈندىن كېيىن، چوڭ بولدى، ماڭدى، ئوينىدى.

ئۇنىڭ پۇتى بۇقا پۇتىدەك، بېلى بۆرى بېلىدەك، مۈرىسى قارا بۇلغۇن مۈرىسىدەك، كۆكسى ئېيىق كۆكسىدەك ئىدى. پۈتۈن بەدىنىنى قويۇق تۈك باسقان ئىدى. ئۇ يىلقىلارغا قارايتتى، ئاتلارنى مىنەتتى، ئوۋ ئوۋلايتتى.

كۈنلەر ئۆتۈپ، تۈنلەر ئۆتۈپ، ئۇ يىگىت بولدى، بۇ چاغدا بۇ يەردە بىر چوڭ ئورمان بار ئىدى، ئۇنىڭدا كۆپ تاغ- ئېقىن بار ئىدى. بۇ يەردە ياۋايى ھايۋانلار كۆپ بولۇپ، قۇشلار ئۇچۇشۇپ يۈرەتتى. بۇ ئورمان ئىچىدە بىر چوڭ قىئات بار ئىدى، ئۇ مال- چارۋا ۋە خەلقنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئىنتايىن ۋەھشى بىر ھايۋان ئىدى، ئۇ ئەل- جامائەتكە زور جەۋرى- جاپا كەلتۈرگەن ئىدى.

ئوغۇز خاقان بىر باتۇر ئادەم ئىدى، ئۇ بۇ قىئاتنى ئوۋلىماقچى بولدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوۋغا چىقتى، نەيزە ئېلىپ، ئوق- يا ئېلىپ، يەنە قىلىچ ئېلىپ، قالقان ئېلىپ ئاتلاندى. بىر بۇغا ئوۋلىدى، ئۇ بۇ بۇغىنى تالنىڭ چىۋىقى بىلەن دەرەخقە باغلاپ قويۇپ كەتتى. ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا كەلگىنىدە كۆردىكى، قىئات بۇغىنى ئېلىپ كېتىپتۇ. ئۇ يەنە بىر ئېيىق ئوۋلاپ، ئۇنى ئالتۇن بەلۋىغى بىلەن دەرەخقە باغلاپ قويۇپ كەتتى. ئىككىنچى كۈنى تاڭ ئاتقاندا كەلگىنىدە كۆردىكى، قىئات ئېيىقنى ئېلىپ كېتىپتۇ.ئۇ ھېلىقى دەرەخنىڭ تۈۋىدە تۇرغىنىدا، قىئات كېلىپ بېشىنى ئوغۇزنىڭ قالقىنىغا ئۇردى. ئوغۇز نەيزىسىنى قىئاتنىڭ بېشىغا ئۇردى، ئۇنى ئۆلتۈردى، قىلىچ بىلەن بېشىنى كەستى، ئۇنى ئېلىپ كەتتى. ئۇ يەنە كەلگىنىدە كۆردىكى، بىر شۇڭقار قىئاتنىڭ ئىچ- باغرىنى يەپ تۇرغان، ئۇ شۇڭقارنى ئوق- يا بىلەن ئۆلتۈردى، ئۇنىڭ بېشىنى كەستى. ئاندىن ئېيتتى: “ قاراڭ، مانا بۇ شۇڭقارنىڭ تۇرقى (بۇ يەرگە بىر شۇڭقارنىڭ رەسىمى سىزىلغان ئىكەن) قىئات بۇغا يىدى، ئېيىقنى يىدى، ئۇ گەرچەتۆمۈردەك قاتتىق بولسىمۇ نەيزەم ئاخىر ئۇنى ئۆلتۈردى، “ سۆزلەپ بولۇپ كېتىپ قالدى. مانا بۇ قىئاتنىڭ تۇرقى (بۇ يەرگەكەركىدانغا ئوخشاپ كېتىدىغان تاق مۆڭگۈزلۈك ھايۋاننىڭ رەسىمى سىزىلغان ئىكەن).

كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوغۇز خاقان بىر يەردە تەڭرىگە سېغىنىۋاتقاندا، ئەتراپ قاراڭغۇلىشىپ، ئاسماندىن بىر كۆك يورۇق چۈشتى، ئۇ كۈندىنمۇ نۇرلۇقراق، ئايدىنمۇ يورۇقراق ئىدى، ئوغۇز خاقان ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ قارىسا، بۇ يورۇقنىڭ ئىچىدە بىر قىز تەنھا ئولتۇرغان. ئۇ ساھىپجامال بىر قىز ئىدى، ئۇنىڭ پىشانىسىدە چوغدەك پاقىراق مېڭى بولۇپ، خۇددى تۆمۈر قوزۇققا (1) ئوخشايتتى، ئۇ قىز شۇنداق گۈزەل ئىدىكى، ئۇ كۈلسە تەڭرىمۇ كۈلەر ئىدى، ئۇ يىغلىسا تەڭرىمۇ يىغلار ئىدى. ئوغۇز خاقان ئۇنى كۆرگىنىدە پۈتۈن بەدىنىنى تىترەك بېسىپ، ھۇشىدىن كەتتى، ئۇنىڭغا كۆيۈپ قالدى، ئۇنى ئالدى، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ياتتى، تىلىگىگە يەتتى. كۈنلەر ئۆتۈپ، تۈنلەر ئۆتۈپ، ئۇنىڭ كۆزى يورۇدى، ئۈچ ئوغۇل تۇغدى، تۇنجىسىغا كۈن دەپ، ئوتتۇرانچىسىغا ئاي دەپ، كەنجىسىگە يۇلتۇز دەپ ئات قويدى.

بىر كۈنى ئوغۇز خاقان ئوۋغا چىقتى، ئالدىدىكى كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تۈپ دەرەخنى كۆردى. بۇ دەرەخنىڭ كاۋىگىدا بىر قىز تەنھا ئولتۇراتتى، ئۇ ئىنتايىن ساھىپجامال ئىدى، ئۇنىڭ كۆزى ئاسماندىنمۇ كۆكرەك، چېچى سۇ ئېقىمىدەك، چىشى ئۈنچىدەك ئىدى. ئۇ شۇنداق ساھىپجامال قىز ئىدىكى، يەر- جاھاندىكى كىشىلەر ئۇنى كۆرسە “ ئاھ، ئاھ! جاننى ئالىدىكەن “ دەر ئىدى. سۈتمۇقىمىزغا ئايلىناتتى. ئوغۇز خاقان ئۇنى كۆرگىنىدە ھۇشىدىن كەتتى، يۈرىكىگە ئوت چۈشتى، ئۇنىڭغا ئاشىق بولدى، ئۇنى ئالدى، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتتى، تىلىكىگە يەتتى. ئۇ قىز ئىككى قات بولدى، كۈنلەر ئۆتۈپ، تۈنلەر ئۆتۈپ ئۇنىڭ كۆزى يورۇدى، ئۈچ ئوغۇل تۇغدى، تۇنجىسىغا كۆك، ئوتتۇرانچىسىغا تاغ، كەنجىسىگە دېڭىز دەپ ئات قويدى.

شۇندىن كېيىن ئوغۇز خاقان چوڭ توي بەردى، ئەل- جامائەتنى تەكلىپ قىلدى، ئۇلار كېلىپ قاتناشتى. قىرىق شىرە، قىرىق بەندۇڭ ياساتتى. كۆپچىلىك تۈرلۈك نازۇ- نېمەتنى يېيىشتى، تۈرلۈك مەي- شاراپنى ئىچىشتى. تويدىن كېيىن، ئوغۇز خاقان بەگلەرگە ۋە ئەل- جامائەتكە يارلىق چۈشۈرۈپ مۇنداق دېدى: “ مەن سىلەرگە بولدۇم خاقان، ئېلىڭلار يا بىلەن قالقان. تامغابىزگە بولسۇن بۇيان (2)، كۆك بۆرى بولسۇن ھەم ئۇران (3)؛ تۆمۈر نەيزىلەر بولسۇن ئورمان، ئوۋلىقتا يۈرۈشسۇن مال- ۋاران؛ ھەم ئاقسۇن دەريا ۋە ئېقىن، قۇياش تۇغ بولسۇن، ئاسمان قورغان.“

ئاندىن كېيىن، ئوغۇز خاقان تەرەپ- تەرەپكە يارلىق چىقاردى. مەكتۇپ يېزىپ ئەلچىلەردىن ئەۋەتتى. بۇ مەكتۇپتا مۇنداق دېيىلگەن“ مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن، مەن پۈتۈن جاھاننىڭ خاقانى بولۇشۇم كېرەك. مەن سىلەرنىڭ ماڭا بوي سۇنۇشىڭلارنى سورايمەن. كىمكى مېنىڭ ئاغزىمغا باقسا، مەن ئۇنىڭغا تارتۇق تارتىپ، ئۇنىڭ بىلەن دوست بولىمەن. كىمكى ئاغزىمغا باقمىسا، غەزەپ بىلەن لەشكەر تارتىپ، ئۇنى ئۆزۈمگە دۈشمەن تۇتىمەن. لەشكەرلىرىم ھەممىلا يەردە سىلەرنى يوقىتىدۇ“. بۇ چاغدا، ئوڭ تەرەپتە ئالتۇن خاقان دېگەن بىر خاقان بار ئىدى، بۇ ئالتۇن خاقان ئوغۇز خاقانغا ئەلچى ئەۋەتىپ، نۇرغۇن ئالتۇن- كۈمۈش، نۇرغۇن ياقۇت، ئۈنچە- مەرۋايىتنى سوۋغا قىلىپ، ئوغۇز خاقانغا بېقىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئوغۇز خاقان ئۇنىڭ ياخشى بەگلىرى بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋەتئورناتتى، ئالتۇن خاقان بىلەن دوست بولدى.

ئىزاھلار: (1) تۆمۈر قوزۇق- شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزى

(2) ئۇران- جەڭگىۋار شۇئار

(3) بۇيان- بەخت، قۇت

 

سول تەرەپتە ئۇرۇم (1) دېگەن بىر خاقان بار ئىدى، بۇ خاقاننىڭ لەشكەرلىرى ۋە شەھەرلىرى نۇرغۇن ئىدى. بۇ ئۇرۇم خاقان ئوغۇز خاقاننىڭ يارلىقىنى قوبۇل قىلمىدى، ئۇنى ھۆرمەتلەپ ئالدىغا بارمىدى، “ بۇ سۆزلەرگە پىسەنت قىلمايمەن“ دەپ يارلىققا بوي سۇنمىدى. بۇنىڭ بىلەن ئوغۇز خاقاننىڭ غەزىۋى كېلىپ، ئۇنىڭغا ئەسكەر چىقىرىشقا تەييارلاندى. تۇغلىرىنى كۆتۈرۈپ، ئەسكەرلىرىنى باشلاپ ئاتلاندى. قىرىق كۈندىن كېيىن، مۇز تاغ دېگەن تاغنىڭ باغرىغا يېتىپ باردى. چېدىر تىكىپ، شۇك بولۇپ ئۇخلاشتى. تاڭ سۈزۈلگەندە ئوغۇز خاقاننىڭ چېدىرىغا كۈندەك بىر يورۇق چۈشتى. ئۇ يورۇق ئىچىدىن كۆك تۈكلۈك، كۆك يايلىلىق چوڭ بىر ئەركەك بۆرى چىقتى. بۇ بۆرى ئوغۇز خاقانغا مۇنداق دېدى: “ ھەي ئوغۇز، سەن ئۇرۇمغا ئەسكەر چىقارساڭ، مەن ئالدىڭلاردا يول باشلاپ ماڭىمەن.“شۇندىن كېيىن ئوغۇزخاقان چېدىرلىرىنى يىغىپ ئاتلاندى. قارىسا، لەشكەرلىرىنىڭ ئالدىدا كۆك تۈكلۈك، كۆك يايلىلىق چوڭ بىر ئەركەك بۆرى يول باشلاپ مېڭىۋاتقان، بۇنىڭ بىلەن ئۇلاربۆرىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ئىلگىرىلىدى.

بىرنەچچە كۈندىن كېيىن كۆك تۈكلۈك، كۆك يايلىلىق بۇ چوڭ ئەركەك بۆرى يولدىن توختىدى، ئوغۇزمۇلەشكەرلىرى بىلەن بىرگە توختىدى. بۇ يەردە ئىتىل (2) دېگەن بىر دەريا بار ئىدى. ئىتىل دەرياسىنىڭ قىرغىقىدىكى قارا تاغ باغرىدا قاتتىق ئۇرۇش بولدى، ئىككى قوشۇن ئارىسىدا ناھايىتى كۆپ جىددى ئۇرۇش بولدى، ئۇرۇش ئەل- جامائەتنىڭ كۆڭلىگە كۆپ قايغۇ سالدى. ئۇرۇش شۇنداق قاتتىق بولدىكى، ئىتىل دەرياسىنىڭ سۈيى قىپقىزىل سىرغا ئايلاندى.ئوغۇز خاقان يەڭدى، ئۇرۇم خاقان قاچتى، ئوغۇز خاقان ئۇرۇم خاقاننىڭ خاقانلىقىنى ئالدى، ئەل- جامائەتنى ئۆزىگە قاراتتى، نۇرغۇنلىغان جانسىز ۋە جانلىق غەنىمەتلەر ئوغۇز خاقاننىڭ ئوردىسىغا كىردى.

ئۇرۇم خاقاننىڭ بىر قېرىندىشى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ئۇرۇس (3) بەگ ئىدى، ئۇرۇس بەگ ئوغلىنى تاغ بېشىغا جايلاشقان، ئەتراپى چوڭقۇر خەندەك بىلەن ئورالغان شەھەرنى قوغداشقا ئەۋەتتى، ھەمدە ئوغلىغا: “ شەھەرنى قوغدىشىڭ كېرەك، ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىنمۇ، شەھەرنى قوغداپ قېلىشىڭ كېرەك“ دېدى. ئوغۇز خاقان ئاشۇ شەھەرگە ئاتلاندى. ئۇرۇس بەگنىڭ ئوغلى ئوغۇز خاقانغا نۇرغۇن ئالتۇن- كۈمۈش ئەكەلدى، ھەمدە: “ ئېخ، سەن مېنىڭ خاقانىمسەن! ئاتام بۇ شەھەرنى ماڭا بەرگەن ھەمدە شەھەرنى قوغدىشىڭ كېرەك، ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىنمۇ شەھەرنى قوغداپ قېلىشىڭ كېرەك، دېگەن. ئەگەر ئاتام خاپا بولۇپ قالسا، مېنىڭ ھالىم نە بولۇر؟ مەن سېنىڭ يارلىقىڭنى ئىجرا قىلىشقا تەييارمەن، بىزنىڭ بەختىمىز، سېنىڭ بەختىڭ؛ بىزنىڭ ئۇرۇغىمىز، سېنىڭ دەرىخىڭنىڭ ئۇرۇغىدىن؛ تەڭرى ساڭا پۈتۈن زىمىننى ئاتا قىلماقتا. مېنىڭ جىسمىم ۋە بەختىم ساڭا مەنسۇپ، مەن ساڭا تارتۇق تارتىپ تۇرۇپ، دوستلۇقتىن چىقمايمەن“ دېدى. ئوغۇز خاقانغا يىگىتنىڭ سۆزى ياقتى، شادلىنىپ كۈلدى، ھەمدە: “ ماڭا كۆپ ئالتۇن تەقدىم قىپسەن، شەھەرنى ياخشى ساقلاپسەن“ دېدى. شۇڭا ئۇنىڭغا “ ساقلاپ“ (4) دەپ ئات قويدى، ئۇنىڭغا دوستلۇق قىلدى.

شۇندىن كېيىن ئوغۇز خاقان لەشكەرلىرى بىلەن بىللە ئىتىل دەرياسىغا كەلدى. ئىتىل دەرياسى چوڭ بىر دەريا ئىدى، ئوغۇز خاقان بۇنى كۆرۈپ ئېيتتىكى: “ ئىتىلنىڭ سۈيىدىن قانداق ئۆتەرمىز؟“ لەشكەرلەر ئىچىدە ئۇلۇس ئوردا بەگ دېگەن بىر ياخشى بەگ بار ئىدى، ئۇ قابىلىيەتلىك ۋە ئېقىللىق ئادەم ئىدى. ئۇ بەگ دەريا بويىدا نۇرغۇن تال- ياغاچلارنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردى، بۇنىڭ بىلەن ھېلىقى بەگ…. ئاشۇ ياغاچلار…. كەستى. ئۇنى سۇنىڭ ئۈستىدە لەيلىتىپ، ئۆزلىرى ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئىتىل دەرياسىدىن ئۆتتى. ئوغۇز خاقان شادلىنىپ كۈلدى، ئېيتتىكى: “ ھەي، سەن بۇ يەرگە بولغىن بەگ، قىپچاق (5) ساڭا ئات بولسۇن. ”

ئۇلار داۋاملىقئىلگىرىلەپ ماڭدى. شۇندىن كېيىن، ئوغۇز خاقان يەنە ھېلىقى كۆك تۈكلۈك، كۆك يايلىلىق ئەركەك بۆرىنى كۆردى. بۇ كۆك بۆرى ئوغۇز خاقانغا ئېيتتىكى: “ ئوغۇز، ئەمدى لەشكەرلىرىڭنى باشلاپ بۇ يەردىن قوزغال، سەن ئەل- جامائەت ۋە بەگلەرنى باشلاپ ماڭ، مەن ساڭا يول باشلاپ ماڭىمەن.“ تاڭ ئاتقاندا ئوغۇز خاقان ئەركەك بۆرىنىڭ لەشكەرلىرى ئالدىدا يول باشلاپ كېتىپ بارغانلىقىنى كۆرۈپ شادلاندى ھەمدە داۋاملىق ئىلگىرىلەپ ماڭدى.

ئوغۇز خاقان بىر چىپار ئايغىر ئاتقا مىنەتتى. ئۇ بۇ ئايغىرنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتى. يولدا بۇ ئايغىر كۆزدىن يۈتتى. بۇ يەردە ئىگىز بىر تاغ بار ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىدە توڭ- مۇزلار بار ئىدى، ئۇنىڭ چوققىسىدا ئاپپاق قارلار بار ئىدى. شۇڭا بۇ تاغ مۇز تاغ دەپ ئاتىلاتتى. ئوغۇز خاقاننىڭ ئېتى مۇز تاغ ئىچىگە كىرىپ كەتتى، بۇنىڭ بىلەن ئوغۇز خاقان ئۇزۇنغىچە ئازاپ چەكتى. لەشكەر ئىچىدە بەستلىك ۋە تەمبەل بىر ئەر بار ئىدى، ئۇ ھېچنېمىدىن قورقماس باتۇر ئادەم ئىدى، جەڭلەرنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بەرگەن ئادەم ئىدى. بۇ ئادەم ئاتنى ئىزدىگىلى تاققا كىردى، توققۇز كۈندىن كېيىن، ئوغۇز خاقانغا ئايغىرنى ھازىر قىلدى. مۇز تاغ ئىنتايىن سوغ بولغاچقا، بۇ بەگنىڭ پۈتۈن ئەت- جانىنى قار- مۇز قاپلىغان ئىدى. ئوغۇز خاقان خۇرسەن بولۇپ كۈلدى، ئېيتتىكى: “ ھەي، سەن بەگلەرگە بولغىن باشلىق، مەڭگۈلۈك ئىسمىڭ بولسۇن قارلۇق (6) ”. ھەمدە ئۇنىڭغا نۇرغۇن دۇنيا تەقدىم قىلدى.

يەنە داۋاملىق ئىلگىرىلىدى. ئۇ يولدا ئىگىز بىر ئۆينى كۆردى، بۇ ئۆينىڭ تېمى ئالتۇندىن، تۈڭلۈكى كۈمۈشتىن، ئىشىگى تۆمۈردىن ياسالغان ئىدى. ئىشىگى قۇلۇپلانغان بولۇپ، ئاچقۇچى يوق ئىدى. لەشكەر ئىچىدە بىر چىۋەر ئۇستام بار ئىدى. ئۇنىڭ ئىسمى تۆمۈردۇ قاغۇل ئىدى، ئوغۇز ئۇنىڭغا: “ سەن بۇ يەردە قال، ئىشىكنى ئاچ، ئىشىكنى ئاچقاندىن كېيىن ئوردىغا قايتىپ بار“ دەپ يارلىق چۈشۈردى ھەمدە ئۇنىڭغا “ قالاچ (7) “ دەپ ئات قويدى.

يەنە داۋاملىق ئىلگىرىلىدى. بىر كۈنى كۆك تۈكلۈك، كۆك يايلىلىق ئەركەك بۆرى يەنە يولدىن توختىدى. ئوغۇز خاقانمۇ يولدىن توختاپ، چېدىرلىرىنى تىكتى. بۇ تېرىلمىغان تۈزلەڭلىك بىر يەر بولۇپ، جۇرچىت (8) دەپ ئاتىلاتتى. ئۇنىڭ ئەل- جامائىتى كۆپ، يەرلىرى كەڭ ئىدى، بۇ يەردە يىلقىلار، پادا- كالىلار، ئالتۇن- كۈمۈش، ئۈنچە- مەرۋايىتلار كۆپ ئىدى. جۇرچىت خاقان ۋە ئەل- جامائىتى ئوغۇز خاقانغا قارشىلىق بىلدۈردى. ئۇرۇش باشلاندى، ئىككى تەرەپ ئوق چىقىرىپ، قىلىچ ئۇرۇشۇپ جەڭ قىلدى. ئوغۇز خاقان جۇرچىت خاقاننى يەڭدى، ئۇنىڭ بېشىنى ئېلىپ ئۆلتۈردى، جۇرچىتنىڭ ئەل- جامائىتىنى ئۆز ئاغزىغا قاراتتى. ئۇرۇشتىن كېيىن، ئوغۇز خاقاننىڭ لەشكەرلىرىگە، نۆكەرلىرىگە ۋە خەلقىغە شۇنداق كۆپ غەنىمەتلەر چۈشتىكى، ئۇنى توشۇشقا شۇنچىلا ئات، قېچىر، كالىلار ئازلىق قىلدى. ئوغۇز خاقاننىڭ لەشكىرى ئىچىدە بىر چىۋەر كىشى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى بارماقلىق يوسۇن بىللىگ ئىدى. بۇ چىۋەر ئادەم بىر ئىگىز ھارۋا ياسىدى. ھارۋا ئۈستىگە جانسىز غەنەمەتلەرنى قاچىلىدى، ھارۋىنىڭ ئالدىغا جانلىق غەنىمەتلەرنى قوشتى، ئۇلارغا ھارۋىنى تارتقۇزدى. نۆكەرلەر، ئەل- جامائەت بۇنى كۆرۈپ ھەيران بولدى، ئۇلارمۇ ھارۋا ياسىدى. ئىگىز ھارۋا ماڭغاندا “ قانغا، قانغا“ دېگەن ئاۋاز چىقاتتى، شۇڭلاشقا ئۇنىڭغا “ قانغا“ دەپ ئات قويدى. ئوغۇز خاقان قانغالارنى كۆرۈپ كۈلدى، ئېيتتىكى: “ قانغا بىلەن جانسىز غەنىمەتنى جانلىق غەنىمەت سۆرەپ ماڭىدىكەن. ئىگىز ھارۋىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن، قانغۇلۇق (9) ساڭا ئات بولسۇن“ سۆزىنى تۈگىتىپ يۈرۈپ كەتتى.

ئاندىن كېيىن، ئوغۇز خاقان يەنە كۆك تۈكلۈك، كۆك يايلىلىق ئەركەك بۆرى بىلەن بىللە سىندۇ (10)، تاڭغۇت (11)، شاغام (12) تەرەپلەرگە يۈرۈش قىلىپ باردى، كۆپ ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشلاردىن كېيىن، ئۇ جايلارنى ئىشغال قىلدى ۋە ئۇ يەرلەرنى ئۆز دۆلەت تېرىتورىيىسىگە قوشتى. ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك، جەنۇپ تەرەپتە بارقان (13) دېگەن يەرنىڭ بارلىقىنى بىلىش كېرەك، ئۇ يەر ناھايىتى مۇنبەت ۋە ئىسسىق يەر ئىكەن. ئۇ يەردە ھايۋانلار ۋە قۇشلار كۆپ ئىكەن، ئالتۇن- كۈمۈش، بايلىق كۆپ ئىكەن. ئۇ يەردىكى خەلقلەرنىڭ چىرايى قاپقارا ئىكەن، خاقانىنىڭ ئىسمى ماسار (14) خاقان ئىكەن. ئوغۇز خاقان شۇ يەرگە ئاتلاندى، ئىنتايىن قاتتىق ئۇرۇش بولدى. ئوغۇز خاقان يەڭدى، ماسار خاقان قاچتى. ئوغۇز خاقان بۇ يەرنى ئىشغال قىلدى، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ دوستلىرى خۇرسەن بولدى، دۈشمەنلىرى زار قاقشىدى. ئوغۇز خاقان ئۇنى يەڭگەندىن كېيىن، پۈتمەس- تۈگىمەس بايلىققا ۋە مال- چارۋىغا ئىگە بولدى ھەمدە ئۇلارنى ئۆز ئېلىگە توشۇپ كەتتى.

 

ئىزاھلار:

 

1) ئۇرۇم- بۇ يەردە شەرقىي رىمنى كۆرسىتىدۇ.

2) ئىتىل- قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا ۋولگا دەرياسىنى كۆرسىتىدۇ.

3) ئۇرۇس- ئورۇس، قەدىمكى رۇسلارنى كۆرسىتىدۇ.

4) ساقلاپ- بۇ سۆز ئەرەپچە ساقالىبا[ سلاۋيان] نىڭ كۆپلۈك شەكلى، سلاۋيانلارنى كۆرسىتىدۇ.

5) قىپچاق- تۈرك قەبىلىلىرى ئىچىدىكى مەشھۇر قەبىلە، مىلادى 9- ئەسىردىلا بۇ نام ئىسلام تارىخلىرىدا كۆرۈلىدۇ، موڭغۇل دەۋرىدە بۇلار ئالتۇن ئوردا خانلىقىنى قۇرغان ئاساسلىق كۈچ ئىدى، شۇنداقلا ھازىرقى قازاقلارنىڭئەجدادى، قازاقىستان “ دەشتى قىپچاق“ دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

6) قارلۇق- تارىختا ئۆتكەن مەشھۇر تۈرك قەبىلىسى، مىلادى 774- يىلى بۇ قەبىلە قەدىمقى ئۇيغۇر، باسمىللار بىلەن بىرلىشىپ شەرقى تۈرك خانلىقىنى يوقاتقان، بۇلار ئەسلىدە ئالتاي تېغىنىڭ غەربىي جەنۇپ رايونىدا ياشىغان. 8- ئەسىردە يەتتە سۇ ۋادىسىنى ئىگەللىگەن، كېيىن تېخىمۇ جەنۇبقا سىلجىپ، قەشقەر ئەتراپلىرىنىمۇ ئىگەللىگەن.

7) قالاچ- ھازىرقى ئىراننىڭ غەربى شىمال قىسمىدا ئولتۇراقلاشقان تۈرك قەبىلىسىنىڭ نامى.

8) جۇرچىت- جۇرجىتلار، جىن سۇلالىسىنى قۇرغان

9) قانغالۇق- قەدىمكى تۈرك قەبىلىسىنىڭ نامى، قازاقلار ئىچىدە ھازىرمۇبىر قەبىلىنىڭ نامى مۇشۇنداق ئاتىلىدۇ، خەنزۇچە مەنبەلەردىكى 高车 قاڭلى، بۇ نامنىڭ مەنەن تەرجىمىسىدۇر.

10) سىندۇ- ھىندىستاننى كۆرسىتىدۇ

11) تاڭغۇت- غەربى شىيانى كۆرسىتىدۇ؛ مەھمۇت قەشقەرى “ بۇ يېقىن چىنغا ئولتۇراقلاشقان تۈرك قەبىلىسى“ دېگەن؛ بەزى تۈركى مەنبەلەردە بۇ نام زاڭزۇلارنىمۇ كۆرسىتىدۇ.

12) شاغام- شام، سۈرىيەنى كۆرسىتىدۇ.

13) بارقان- بۇ ئېنىق ئەمەس، قارا خىتاينى كۆرسىتىدۇ دېگۈچىلەرمۇ بار.

14) ماسار- پىللىئوت بۇ سۆزنى مىسىرنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارايدۇ. لېكىن دەلىل- ئىسپات يېتەرلىك ئەمەس.

 

ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك، كىشىلەرگە بىلدۈرۈش كېرەك. ئوغۇز خاقاننىڭ يېنىدا ئاق ساقاللىق، بوز چاچلىق، قابىلىيەتلىك بىر قېرى كىشى بار ئىدى. ئۇ بىلەرمەن ۋە لىللا ۋەزىر ئىدى، ئۇنىڭ ئىسمى ئۇلۇغ تۈرك ئىدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇ چۈشىدە بىر ئالتۇن يا بىلەن ئۈچ كۈمۈش ئوق كۆردى، بۇ ئالتۇن يا كۈن چىقىشتىن تا كۈن پېتىشقىچە سوزۇلغان ئىدى. ئۈچ كۈمۈش ئوقنىڭ ئۇچى شىمالنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. ئۇيقۇدىن كېيىن، ئۇ چۈشىگە كەچكەنلەرنى ئوغۇز خاقانغا ئېيتىپ مۇنداق دېدى: “ ھەي خاقانىم، ساڭا ئۇزۇن ئۆمۈر يار بولسۇن؛ ھەي خاقانىم، سېنىڭ ئەل- نىزامىڭغا ئادالەت يار بولسۇن؛ كۆك تەڭرى چۈشۈمدە بەردى ماڭا ئىشارەت، ئىشغال قىلغان يەرلىرىنى ئۇرۇغىغا بۆلۈپ بەرسۇن دەپ. ”ئوغۇز خاقان ئۇلۇغ تۈركنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن خۇرسەن بولدى ھەمدە: “ ئېيتقىنىڭ كەلسۇن “ دېدى.

ئىككىنچى كۈنى تاڭ ئاتقاندا، بالىلىرىنى چاقىرىپ كەلتۈرۈپ ئېيتتىكى: “ ھەي ئوغۇللىرىم، ئوۋنى كۆڭلۈم تارتىپ تۇرىدۇ. ياشىنىپ قالغانلىقىم ئۈچۈن ئوۋغا چىقىشقا چامىم يەتمەيدۇ. كۈن، ئاي، يۇلتۇز، ئۈچىڭلار تاڭ ئاتار تەرەپكە بېرىڭلار. ئاسمان، تاغ، دېڭىز ئۈچىڭلار تۈن قاراڭغۇسى تەرەپكە بېرىڭلار.“ بۇنىڭ بىلەن ئۈچەيلەن تاڭ ئاتار تەرەپكە، قالغان ئۈچى تۈن قاراڭغۇسى تەرەپكە كەتتى. كۈن، ئاي، يۇلتۇز نۇرغۇن ھايۋان، قۇشلارنى ئوۋلىدى، ھەمدە يولدىن بىر ئالتۇن يانى تېپىۋالدى، شۇنداقلا ئۇنى ئاتىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئوغۇز خاقان شادلاندى ھەمدە ئالتۇن يانى ئۈچ بۆلەككە بۆلدى ۋە ئېيتتىكى: “ ھەي ئاكىلار، بۇ يا سىلەرگە مەنسۇپ بولسۇن، سىلەر ياغا ئوخشاش ئوقنى كۆككە ئېتىڭلار.“

يەنە شۇندىن كېيىن، ئاسمان، تاغ، دېڭىز نۇرغۇن ھايۋان ۋە قۇشلارنى ئوۋلىدى، يولدىن ئۈچ كۈمۈش ئوق تېپىۋالدى ھەمدە ئۇنى ئاتىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئوغۇز خاقان شادلاندى ھەمدە ئوقلارنى ئۈچىگە بۆلۈپ بەردى، ئېيتتىكى: “ ھەي ئىنىلەر، بۇ ئوق سىلەرگە مەنسۇپ بولسۇن، يا ئوقنى توغرىلايدۇ، سىلەر ئوققا ئوخشاش ياغا بوي سۇنۇڭلار“.

شۇندىن كېيىن ئوغۇز خاقان چوڭ قۇرۇلتاي چاقىردى. نۆكەرلىرىنى، ئەل- جامائەتنى چاقىرتتى، ئۇلار كېلىپ بامەسلىھەت ئولتۇرۇشتى. ئوغۇز خاقان چوڭ چېدىردا……،…. ئوڭ تەرىپىگە، قىرىق غۇلاچلىق ئۇزۇن بىر ياغاچنى قاداتتۇردى، ئۇنىڭ ئۇچىغا بىر ئالتۇن توخۇنى ئاستى، ئۇنىڭ تۈۋىگە بىر ئاق قوينى باغلىدى. سول تەرىپىگە قىرىق غۇلاچلىق ئۇزۇن بىر ياغاچنى قاداتتۇردى، ئۇنىڭ ئۇچىغا بىر كۈمۈش توخۇنى ئاستى، تۈۋىگە بىر قارا قوينى باغلىدى. ئوڭ تەرەپتە بۇزۇقلار (1) ئولتۇردى، سول تەرەپتە ئۈچ ئوقلار (2) ئولتۇردى. قىرىق كېچە- كۈندۈز توي بولدى.

ئىچىشتى، يېيىشتى، خۇرسەن بولۇشتى. شۇندىن كېيىن ئوغۇز خاقان ئوغۇللىرىغا يۇرتنى ئۈلەشتۈرۈپ بەردى، ئېيتتىكى: “ ھەي ئوغۇللىرىم، مەن كۆپ ياشىدىم، كۆپ ئۇرۇشلارنى باشتىن كەچۈردۈم. يا بىلەن كۆپ ئوق ئاتتىم، ئايغىر بىلەن كۆپ يوللارنى كەزدىم. دۈشمەنلەرنى زار يىغلىتىپ، دوستلارنى شاد ئەيلەتتىم، تەڭرى ئالدىدا مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلدىم. ئەمدى يۇرتنى سىلەرگە بۆلۈپ بېرىمەن…………….

 

ئىزاھلار:

 

1) بۇزۇقلار- ئەرەپ تارىخچىسى ئىبنال ئاتخىرنىڭ 12- ئەسىردىكى بىر ماتىرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، تۈركلەرنىڭ گۇس قىسمى بۇزۇق ۋە ئۇچۇق (ئۈچ ئوق) دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدىكەن.

2) ئۈچ ئوق- < كۆلتېگىن مەڭگۈ تېشى> دا غەربى تۈركلەر “ ئون ئوق“ دەپ ئاتالغان. < مويۇنچۇر مەڭگۈ تېشى> دا تىلغا ئېلىنغان “ ئۈچ قارلۇق“ مۇشۇ ئۈچ ئوقنى كۆرسىتەمدۇ قانداق؟

[بۇ نۇسخىسى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى نۇسخىسىدىن قۇرمۇ قۇر تەرجىمە قىلىنغان، ئوشۇق پەرداز بېرىلمىگەن، بۇ نۇسخا يەنە " شامان تۈسلۈك ئوغۇزنامە" دېيىلىدۇ. 1980- يىلى بېيجىڭ 1- باسمىسى]

 

«ئوغۇزنامە » ئېپوسى [2]

 

(«دەدە قورقۇت» ھېكايىلىرىدە خاتىرىلەنگەن نۇسخىسى، تەخمىنەن 15- ئەسىرلەردە قەلەمگە ئېلىنغان)

 

بىزنىڭ نەپادىشاھنىڭكىدەك پەرمانىمىز، نە لوقماننىڭكىدەك دەرمانىمىز يوق. سازدىن- سۆزدىن ئاڭلىغانلارغا، ئاق- قارىنى ئايرىغانلارغا داستانلارنىڭ بېشى بولغان بىر داستانىمىز- ئوغۇزداستانى بار. بۇ داستان بىر يايلاق…. بۇ داستان بىر بۇلاق…. تارىخلار بۇ يايلاقتىن كېچەر، رىۋايەتلەر بۇ بۇلاقتىن سۇ ئىچەر. سىزمۇ ئىچىڭ بىر يۇتۇم بۇ ئابىھاياتتىن مەرھەمەت…..

بۇرۇنقى زاماندا ئوغۇزخان دېگەن بىر ئۇلۇغ خاقان ئۆتكەن ئىكەن، تاغۇ- تاشقا ھۆكمى، بۆرە- قۇشقا سۆزى ئۆتىدىكەن.

ئۇ دۇنياغا كەلگەندە دۇنيا يېڭىۋاشتىن بىر ياشقا كىرىپتۇ، گۈزەللىكىگە گەپ كېتەمدىغان، ئۇنى ئانىدىن تۇغۇلغان دېيىشكە تىل بارماسمىش….. ئانار دانىسى، نۇر دانىسى، تەڭرى تېغىنىڭ بىر دانىسى. قاشلىرى قەلەم قارىسى، كۆزلىرى ئاھۇ يازمىسى، ئېغىزى ئويماق كەبى، داستان بولغۇدەك قالغان يېرى. پىشانىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆپكۆك نۇرى، كۆكسىدە بارمىش ئۈچ تال مويى: بىرى ئارسلان، بىرى يولۋاس، بىرى بۆرە تۈكى. ھېچكىمگە ئوخشىمەسمىش مىجەز- خۇيى. كۈلسە گۈللەر ئېچىلارمىش، يىغلىسا ئۈنچىلەر چېچىلارمىش. ئاجايىپ بىر ئىنسانمىشكەنكى، كىمنىڭمۇ كۆرگىسى كەلمىسۇن ئۇنى………..

ئانىسىنىڭ سۈتىنى بىر شوراپلا، ئىككىنچى ئەممىگەنمىش، قۇرۇق نان يەپ، سۇيۇق ئاش ئىچەرمىش. گەپ قىلسا ئاغزىدىن بال ئېقىپ، تىلىدىن قايماق تامارمىش. كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقۇچە چوڭ بولۇپ، قىرقىغا توشماي ماڭغانمىش. ئايىغى يەتكەن يەرلەردە لالە- سۇمبۇللار ئۈنەرمىش، خۇش پۇراقلار چاچارمىش……. نە يېشىغا باقماپتۇ، نە بېشىغا، نە ئويۇنغا قېتىلماپتۇ، نە تاماشىغا……… بىر كۈنى ئات چاپتۇرسا، بىر كۈن ئوق ئېتىپتۇ. ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قۇشنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋالالايدىغان ئادەم يىرتقۇچ ھايۋاننىڭ پېيىگە چۈشمەي قالسۇنمۇ!

گاھ ئېقىن بولۇپ ئېقىپ، گاھ دەريا بولۇپ تېشىپ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە قىرىق پالۋانغا باش بولۇپتۇ. ئەمدى ئۇ ئۆيگە، يۇرتقا سىغسۇنمۇ! قىرىق پالۋاننى كەينىگە سېلىپ، يايلاقنىڭ قارلىقى، يات ئەلنىڭ قانلىقى دېمەپتۇ. تاغدىن تاغقا، يۇرتتىن يۇرتقا سۇدەك ئېقىپ، چۈشكەن باشلارنى كۆتۈرۈپ، ئۆچكەن ئوچاقلارنى يېقىپتۇ…….

ئۇياقلاردا بىر ئورمانلىق بولۇپ، ئىچىدە قىزىل تۇمشۇق كەكلىكلەر، سۈرمە كۆزلۈك كىيىكلەر ئوينىشىپ يۈرىدىكەن. شارقىراپ ئاققان سۇلارنىڭ، شىلدىرلىغان ياپراقلارنىڭ، شاختىن شاخقا قونۇپ سايراشقان قۇشلارنىڭ سادالىرى قوشۇلۇپ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىكەن. بۇ ئورمانلىقتا يەتتە باشلىق بىر دىۋە بولۇپ، ئۇ يەرگە كىرگەن نەرسە ساق چىقمايدىكەن. بۇ دىۋە سۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا زوڭ ئولتۇرىۋېلىپ، ئاغزى ئېچىلغان ھامان قۇربانلىرى كەلتۈرۈلمىسە، بىر يۇتۇم سۇغا “ سۈف“ دەپ، قانچىلىغان غۇنچە بويلۇقلارنى چاينىماي يۇتىۋېتىدىكەن. ئادەم يەردىن ئۈنمەيدۇ- دە! بۇ ۋەجدىن قانچىلىغان ئوچاقلارنىڭ كۈلى توزۇپ، قانچىلىغان زىمىنلار قۇرۇپ چۆل بوپتۇ. يۇرت- يايلاقلار بۇنىڭغا چىدىسۇنمۇ!

زامانلاردىن بۇيان نى- نى پالۋانلار توپلىشىپ بېرىشىپتۇ، لېكىن ئۇنىڭ تېرىسى تۆمۈردىن، باغرى پولاتتىن قاتتىق ئىكەن. ئوق ئېتىپتۇ، تەگمەپتۇ؛ قىلىچ چېپىپتۇ، كەسمەپتۇ؛ نەيزە سانچىپتۇ، تەشمەپتۇ. تاغۇ- تاشنى بېشىغا بېشىغا ياغدۇرۇپتۇ، بىر تال مويىمۇ تەۋرىمەپتۇ.

ئانىلار تاش يۈرەك بولغان بىر كۈنى ئوغۇز ئورمانغا قاراپ يول ئاپتۇ. ئۇنىڭ نىيىتىنى كۆزىدىن پەم قىلغانلار:

- ئەي ئوغۇل، پۈتۈن جاھاننى كەزسە، باتۇرلۇقتا سېنىڭ ئالدىڭغا ئۆتۈدىغىنى يوق. لېكىن بۇ دىۋە ئوينىشىدىغان مەخلۇق ئەمەس، جېنىڭدىن تويدۇڭمۇ سەن!- دەپ يولدىن قايتۇرماقچى بوپتۇ. لېكىن ياش يىگىت:

- مەن بۇنىڭغا ئەھدە قىلدىم، ئۆلسەم يەر خوش بولار، قالسام ئەل-….دەپ مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ، جىلغىلاردىن سەلدەك، تۆپىلەردىن يەلدەك ئۆتۈپ، بارماقچى بولغان يېرىگە يېتىپ بېرىپتۇ. ئۇ كۈنى بىر كىيىكنى تۇتۇپ سۆگەت تېلى بىلەن بىر دەرەخقە باغلاپ قويۇپتۇ. ئەتىسى تاڭ سەھەردە بېرىپ قارىسا، كىيىكنىڭ ئورنىدا بورانلار ئۇچۇۋېتىپتۇ. بۇ كۈنىمۇ بىر جانىۋارنى قولغا چۈشۈرۈپ، ئۇنىمۇ كۈمۈش كەمىرى بىلەن دەرەخقە باغلاپ قويۇپتۇ. ئەتىسى يەنە بېرىپ قارىسا، ئۇنىڭ ئورنىدىمۇ شاماللار چىقىۋېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ دىۋىنى بۇ يەرگە ئۈگىتىۋاپتۇ. بۇ كېچە ئوغۇز بېشىنى ئالقىنىغا ئېلىپ دەرەخنىڭ تۈۋىدە ماراپ يېتىپتۇ. قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلاپتۇ. ئۇ نە قورقسۇن، نە قورۇنسۇن، يۈرىكى ئېغىپمۇ قويماپتۇ. ئورماندا بىر ۋاراڭ- چۇرۇڭ كۆتۈرۈلۈپ، دەل- دەرەخلەر باشلىرىنى ئېگىپ، ياپراقلىرى يەرنى قاپلاپتۇ…. ئامان- زامان دېمەپتۇ، شۇ ئەسنادا قارا دىۋە قارا بوراندەك ئېتىلىپ كېلىپ ئوغۇزنىڭ قالقىنىغا تېگىپتۇ. قالقان تىلىنىپ، ساۋۇتى پارچىلىنىپتۇ، لېكىن ئوغۇزنىڭ بىر تال مويىمۇ تەۋرىمەپتۇ. ئۇ ياراتقان ئىگىسىگە سېغىنىپ، شاپ پىچىقىنى قولىغا ئېلىپ، دىۋىنىڭ بېشىغا بىر ئېتىپتىكەن، ئاۋۋىلى خۇدا، دىۋە جەھەننەمگە راۋان بوپتۇ. ئوغۇز قاراپ تۇرسۇنمۇ! شۇئان دىۋىنىڭ كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىپتۇ…..

بۇ خەۋەر تارقالغاندا يايلاقنىڭ، يۇرتنىڭ جامالى كۈلۈپتۇ، شۇنداق بىر ھېيت- مەرىكە قىلىشىپتۇكى، پەلەكمۇ خوش بوپتۇ. شۇ كۈندىن كېيىن خالايىق پالۋانلار بېشى ئوغۇزنى خانلاردىن ئۈستۈن بىلىپ باشلىرىغا تاج قىلىشىپتۇ….

كۈنلەردىن بىر كۈنى ئوغۇز بىر تاغنىڭ چوققىسىدا ئىبادەت قىلىپ ئولتۇرغىنىدا، بىردىن ئەتراپنى قاراڭغۇلۇق بېسىپ، كۆز كۆزنى كۆرگىلى بولماي قاپتۇ. بۇ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە كۆپكۆك بىر نۇر پەيدا بوپتۇ. ئۇ بېرىپ قارىسا نە ئاي ئەمەس، نە يۇلتۇز ئەمەس، ئايمىكىن دېسە كۈن بولۇپ تۇغقان بىر قىز ئىكەن. ئۇ كۈلسە نۇرمۇ كۈلەرمىش، ئۇ يىغلىسا نۇرمۇ يىغلارمىش. ئوغۇز بىر قاراپ ئەس- ھۇشىنى يوقىتىپتۇ، يەنە بىر قاراپ ئېسىگە كەپتۇ.

ئۇلار بىر- بىرىنىڭ پىشانىسىگە يېزىلغان بولسا كېرەك، قىرىق كېچە- كۈندۈز توي قىلىپ مۇرادىغا يېتىشىپتۇ…… ئايلار، يىللار ئۆتۈپتۇ. ئوغۇز بۇ نۇر جامالدىن ئۈچ ئوغۇل تېپىپتۇ، بىرى قۇياش، بىرى ئاي، بىرى يۇلتۇز بوپتۇ….

كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوغۇز شىكارغا چىقىپتۇ. چىمەنلىكلەرنى كېزىپ لالە- سۇمبۇل تېرىپتۇ، ساي- جىلغىلار ئېشىپتۇ، ئالدىدا كۆپكۆك بىر كۆل پەيدا بوپتۇ. كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تۈپ دەرەخ، دەرەخنىڭ ئۈستىدە بىر قىزنى كۆرۈپتۇ. ئۇ قىزنى گۈزەل دېسە دېگۈچىلىكى بار ئىكەن. بېقىشلىرى ئاھۇ كىيىكتەك، يېقىشلىرى قىپقىزىل چوغدەك ئىكەن. ئۇ كۈلسە كۆلمۇ كۈلەرمىش، يىغلىسا كۆلمۇ يىغلارمىش…. ئادەمنى كۆرسە چىراي ئاچماسمىش، قىمىزدەك ئېرىپ ئاقماسمىش. خوجا ئوغۇزنىڭ يۈرىكىگە شۇنداق بىر ئوت چۈشۈپتۇكى، كۆيۈپ كۈل بولۇشقا ئاز قاپتۇ. “ قانداق قىلاي، ئۇ پىشانەمگە يېزىلغان بولسا، بۇمۇ يۈرىكىمنىڭ بىر ئاغرىقى!“ دەپ ئۇنىڭ بىلەن ۋىسال ئارزۇسىغا يېتىپتۇ. ئايلار، يىللار ئۆتۈپتۇ. بۇ ئاھۇ كۆزلۈكتىنمۇ ئۈچ پەرزەنت كۆرۈپتۇ. بىرى ئەرش، بىرى تاغ، بىرى دېڭىز بوپتۇ…..

تەڭرى ئوغۇزنى ھەممە مۇرادىغا يەتكۈزۈپتۇ. لېكىن ئۇنىڭ ھاسىل بولمىغان بىر مۇرادى قاپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ئەلگە كاتتا داستىخان سېلىپ توي بېرىپتۇ، يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ھەممە بەگلەرنى تەكلىپ قىلىپ، چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلىگەندىن كېيىن:

- ئەي باتۇرلىرىم، پالۋانلىرىم،- دەپتۇ،- تەڭرى خالاپتىكەن، سىلەرگە خان بولدۇم، خاقان بولدۇم. تەختكە چىققان كۈنۈمدىن بېرى زىممەمگە چۈشكەننى قىلدىم. ئۆيۈڭلارنى ئۆيۈم، ئوچىقىڭلارنى ئوچىقىم بىلىپ، يىغلىغانلار بىلەن يىغلىدىم، كۈلگەنلەر بىلەن كۈلدۈم. بۇ تۇپرىقىمىزنى شۇنداق بىر تىرىكچىلىك تەرتىپىگە ئېرىشتۈردۈمكى، ئەمدى نە دىۋە كېلەلمەس، نە جىن- شەيتان تېگەلمەس بولدى…… لېكىن يايلىقىمىز بىر غېرىچ، يۇرتىمىز بىر غۇلاچ. بۇ يەرلەرگە سىغماس بولدۇق…. بىلىكىمگە بىلەك، يۈرىكىمگە يۈرەك بولساڭلار، شۇ دۇنيانى ئالقىنىمغا ئېلىپ، يەتمىش ئىككى مىللەتنى بىر تۇغ ئاستىغا توپلاشنى ئويلايمەن. تىلىڭلارنىڭ تېگىدىكىنى ئېيتىڭلار، قانداق دەيسىلەر؟

بۇنداق خانغا كىم قۇربان بولماس…. ئوغۇز بەگلىرى بىر ئېغىزدىن:

- ئەي خانلار خانى،- دەپتۇ،- كۆڭلىڭىزگە شۇ ئوي كەلگەن بولسا، ھەممىمىز ئاغزىڭىزغا قارايمىز. نامىڭىز نامىمىز، مۇرادىڭىز مۇرادىمىز. ئۆل دېگەن يەردە ئۆلىمىز، تۇر دېگەن يەردە تۇرىمىز!

بۇئەھدۇ پەيمان بىلەن ئوغۇز تۆت ئەتراپقا قۇشنىڭ قانىتى بىلەن خەۋەرلەر يەتكۈزۈپ، ھەممە خانلارنى تۇغى ئاستىغا چاقىرىپتۇ:

- بۇيرۇقۇمغا باش ئەگكەنلەرنى بېشىمغا ئالىمەن، بېرىپ يەنە ئۆز دۆلىتىنى سۈرسۇن. لېكىن، باش ئەگمىگەنلەرنىڭ جېنىغا ۋاي، ئەجىلىگە ھازىر بولسۇن!….

ئۇ چاغلاردا ئوغۇزلارنىڭ ئوڭ قانىتىدا “ ئالتۇن خاقان“ (1)، سول قانىتىدا “ كۈمۈش خاقان“ (2) دېگەن خانلار بار ئىكەن. ئالتۇن خان پەرماننى ئالغىنىدا ئۇنى سۆيۈپ بېشىغا قويۇپتۇ ۋە:

- تاج- تەختىمگە تەگمىگەندىن كېيىن بار- يوقۇم سېنىڭ بولسۇن!- دەپ ئوغۇزنىڭ تۇغى ئاستىغا كىرىپتۇ. لېكىن كۈمۈش خان:

- مەن ھېچكىمنىڭ تۇغى، بويۇنتۇرۇغىئاستىغا كىرمەيمەن، كەلگۈچى بولسا كۆرىدىغىنى بار!- دەپ مەيدانغا چىقىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئوغۇزخان دەرغەزەپكە كەپتۇ:

- ئەمرىمگە قارشى چىققان سەنمۇ!- دەپ ئۇنىڭغا قارشى ئاتلىنىپتۇ. لەشكەر ئۈستىگە لەشكەر يېغىپ، نەيزىلەر ئورمان بوپتۇ. قارا تاغدىن كەلگەن قارا سەلدەك ئېقىپ قۇش ئۇچماس، كارۋان كەزمەس بىر يەرگە كەپتۇ. ئوغۇزخان كېلىپ ئولتۇرا- ئولتۇرمايلا چېدىرنىڭ ئىچىگە بىر يورۇقلۇقنىڭ شولىسى چۈشۈپتۇ. بۇ شولا ئىچىدىن كۆك تۈكلۈك، كۆك يايلىلىق بىر بۆرە چىقىپ:

- نېمە تىلىكىڭ بولسا تىلە،- دەپ ئالدىغا چۈشۈپتۇ. ئۇلار مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ….“ئىدىل“ دېگەن دەريانىڭ بويىغا يېتىپتۇ. دەريا بويىدا بۆرە توختاپتىكەن، ئۇلارمۇ توختاپتۇ. ھالبۇكى، كۈمۈش خانمۇ تاغۇ- تاشنى توپلاپ ئۇ يەرگە كەپتىكەن، شۇنداق بىر جەڭ بوپتۇكى، يازسا- يازسا تۈگىمەس بىر داستان بوپتۇ……. دەريا قان بولۇپ ئېقىپ، ئاتلارنىمۇ سۇغارغىلى بولماپتۇ. قېنى ئۇ يوغان گەپ قىلغان كۈمۈش خان! تاتلىق جېنىنى ئېلىپ قېچىپتۇ. تاج- تەختى ئوغۇزلارنىڭ قولىغا چۈشۈپتۇ.

بۇ قانلىق جەڭدىن كېيىنمۇ توپىلاڭ بېسىلماپتۇ. “ شائىر سۆزى ئۇز بولۇر، كۆپ ئۇزارتساق سۆز بولۇر“. ئوغۇزخان يەنە بىرنەچچە ئۆتكىلى بولماس سۇلاردىنئېشىپ، ئاشقىلى بولماس تاغلارنى ئېشىپ، يېڭىلمەس ياۋلارنى يېڭىپ، ئېچىلماس قەلئەلەرنى ئېچىپ، يەتتە ئىقلىم، تۆت ئەتراپنى بىر تۇغ ئاستىغا توپلاپتۇ. ئۆز تۇغى ئاستىغا ئالغان يەرلەرنى بىلىكى ھەم يۈرىكىگە ئىشەنگەن خان، خانىمانلارغا تاپشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ بىرىگە:

- بۇ يېشىل يۇرتنى ساڭا ھەدىيە قىلدىم، ئال، ساقلا!- دەپتۇ. شۇ كۈندىن ئېتىبارەن بۇ ئۇرۇقنىڭ نامى “ ساقلىغۇچ“ (3) بوپتۇ. يەنە بىرىگە:

- بۇ يەردە تۇر، بۇ يۇرتتا كۆپەيگىنىڭچە كۆپەي!- دەپتۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ جەمەتنىڭ نامى “ تۇرغۇچ“ (4) بوپتۇ. يەنە نېمىلەر بولغانلىقىنى كىم بىلسۇن، خانلار خانى قىلىچنىڭ قۇۋۋىتى بىلەن قولغا كەلگەن، تاپىنى يەتكەن يەرلەردە يىگىرمە نەچچە بەگلىك قۇرۇپ، ئۆز يۇرت- يايلىقىغا قايتىپتۇ. دەرۋەقە ئۇنىڭ چاچلىرى شۇ يوللاردا ئاقىرىپتۇ….

شۇ زامانلاردا “ قۇتلۇق “ (5) دېگەن ياشانغان ئاقساقاللىق بىر خوجا ئۆتكەنىكەن. ئۇ ئەقىل- پاراسەتلەك كىشى بولۇپ، دۇنيادا بىلمەيدىغىنى يوق، ھەر ئىشقا ئاقىل ئەر ئىكەن. ئوغۇزخان ئۇنى بېشىدا كۆتۈرۈپ، ھەر سۆزىنى بىر كارامەت ھېسابلايدىكەن.

بىر كۈنى بۇ ئاقساقاللىق خوجا چۈشىدە بىر ئالتۇن يا بىلەن بىر كۈمۈش ئوق كۆرۈپتۇ. ئالتۇن يانىڭ كىرىچى كۈندۈز تەرەپكە ئېتىلسا، كۈمۈش ئوق كېچە تەرەپكە ئۇچۇپتۇ. ئۇ تاڭ سەھەردە ئوغۇزخاننىڭ ئالدىغا بېرىپ، چۈشىگە خەيرلىك تەبىر بەرگەندىن كېيىن ئوغۇزغا بىشارەت قىلىپتۇ. خانلار خانىمۇ ئۇنىڭ تەلىپى بويىچە ئوغۇللىرىنى چاقىرتىپ:

- ئەي ئوغۇللىرىم، ھەر ئىشنىڭ ۋاقتى غەنىمەت. چوڭ ئوغۇللىرىم ئەتىلا كۈن چىقىشقا قاراپ مېڭىڭلار، كىچىك ئوغۇللىرىم كۈن پېتىشقا قاراپ مېڭىڭلار. قىسمىتىڭلاردا نېمە بولسا تەلىيىڭلارغا شۇ چىقار!- دەپ ئۇلارغا بەخت تىلەپتۇ….

قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار كۈن چىقىش تەرەپكە، ئەرش، تاغ، دېڭىزلار بولسا كۈن پېتىش تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ، ئوي- دالا، ساي- دالا دېمەپتۇ. ئالتە ئاي بىر كۈن مېڭىپتۇ. كۈن چىقىشقا ماڭغان چوڭ قېرىنداشلار بىر ئالتۇن يا تېپىپتۇ، كۈن پېتىشقا ماڭغان كىچىك قېرىنداشلار بىر كۈمۈش ئوق تېپىپتۇ.

“ مانا بۇ دۇنيادىكى نېسىۋىمىز!“ دېيىشىپ، ئەكىلىپ ئاتىسىنىڭ ئالدىغا قويۇپتۇ. ئوغۇزخان خۇرسەن بوپتۇ ۋە ئالتۇن يانى ئۈچكە بۆلۈپ چوڭ ئوغۇللىرىغا بېرىپ:

- ئەي چوڭ ئوغۇللىرىم،- دەپتۇ،- يا سىلەرنىڭ بولسۇن. يادۇر ئوقنى ئاتقان، سىلەرمۇ يادەك بولۇڭلار. بۇنىڭدىن كېيىن “ كۆك ئوق“ (6) بولسۇن نامىڭلار،- دەپتۇ.

كۈمۈش ئوقنىمۇ ئۈچكە بۆلۈپ كىچىك ئوغۇللىرىغا بېرىپ:

- ئەي كىچىك ئوغۇللىرىم،- دەپتۇ،- ئوق سىلەرنىڭ بولسۇن. ئوقتۇر كۆكلەرگە ئېتىلغان. سىلەرمۇ ئوقتەك بولۇڭلار. بۇنىڭدىن كېيىن “ ئۈچ ئوق “ (7) بولسۇن نامىڭلار،- دەپتۇ.

بۇ ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن ئوغۇزخان كاتتا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، خاندىن چوپانغىچە ھەممەيلەننى يىغىپتۇ ۋە ئوڭ يېنىغا قىرىق غۇلاچ ئىگىزلىكتە بىر خادا تىكتۈرۈپ، ئۇچىغا بىر ئالتۇن توخۇ قوندۇرۇپ، تۈۋىگە بىر ئاق قوي باغلاپتۇ…. سول يېنىغىمۇ شۇنداق بىر خادا تىكتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۇچىغا بىر كۈمۈش توخۇ قوندۇرۇپ، تۈۋىگە بىر قارا قوي باغلاپتۇ. ئوڭ يېنىدا كۆك ئوقلارنى، سول يېنىدا ئۈچ ئوقلارنى ئولتۇرغۇزۇپ قىرىق كېچە- كۈندۈز توي- مەرىكە قىلغاندىن كېيىن، خانلار خانى ئوغۇز خان ئوغۇللىرىغا مۇنداق ۋەسىيەت قىپتۇ:

- ئەي ئوغۇللىرىم، قاناتلىرىم، قوللىرىم! كۆپ ياشىدىم، كۆپنى كۆردۈم. دۈشمەنلىرىمنى يىغلىتىپ، دوستلىرىمنى كۈلدۈردۈم. ئەمدى ئۆمرۈم ئاخىرلاشتى، ساناقلىق كۈنلىرىم قالدى…. پانىي دۇنيا كىمگە قالسۇن، يۇرت- يايلىقىمنى سىلەرگە ئامانەت قىلىمەن. سۇلار قۇرۇسا قۇرۇسۇنكى، نەسلىمىز قۇرۇمىسۇن. بۇ دۇنيادا نامىمىز ئۆچمىسۇن…..

ۋەسىيەت ئاياغلىشىش بىلەنلا ئوغۇزخان ئارىدىن غايىپ بوپتۇ.

بۇ ئۇلۇغلار ئۇلۇغى سىر بولدىمۇ، نۇر بولدىمۇ، ئۇيېرى نامەلۇم، ئەمما ئوغۇزخاننىڭ ۋەسىيىتى ئەمەلگە ئېشىپتۇ. دۇنيادا نى- نى دەريا- دېڭىزلار قۇرۇپتۇ، ئوغۇز نەسلى قۇرۇماپتۇ. زامانلار كېلىپتۇ، كېتىپتۇ، كۆك ئوقلار كۆپىيىپ، ئۈچ ئوقلار ئۇلغىيىپ بوي تارتىپ پۇتاقلاپتۇ، پىلەك تارتىپ خەمەكلەپتۇ. پۇتاقلار شاخلاپ، ئۇ يايلاقتىن بۇ يايلاققا كۆچۈپتۇ. ھايات- ماماتلىق چاغلاردىمۇ ھاياتلىق بۇلىقىدىن ئىچىپ مەڭگۈلۈككە قاراپ مېڭىپتۇ……

 

ئىزاھلار:

 

1) ئالتۇن خاقان- قوچۇ نۇسخىسىغا ئوخشاش جىن سۇلالىسىنى كۆرسىتىدۇ.

2) كۈمۈش خاقان- قوچۇ نۇسخىسىدىكى ئۇرۇم خاقان

3) ساقلىغۇچ- شۇ سىلاۋيانلارنى كۆرسىتىدۇ، “ ساقلاپ“ بىلەن ئوخشاش

4) تۇرغۇچ- بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىزاھ بېرىلمىگەن

5) قۇتلۇق- قوچۇ نۇسخىسىدا ئۇلۇغ تۈرك دېيىلىدۇ، بۇنىڭدا قۇتلۇق، “ تۆت ئۇلۇس تارىخى “ دا خاتىرىلەنگەن ئوغۇزنامىدە بولسا ئارقىل خوجا دېيىلىدۇ.

6) كۆك ئوق- ئىچ ئوغۇزلارغا سىمۋول

7) ئۈچ ئوق- سىرت ئوغۇزلارغا سىمۋول

 

قوشۇمچە:

« ئوغۇزنامە » نىڭ ۋارىيانتلىرى خاتىرىلەنگەن ئەسەرلەر مۇنۇلار-

«جامىئۇل تەۋارىخ » (ئىران تارىخچىسى راشىددىن پەيزۇللاھ، 1247-1318)

«تارىخى شەجەرەئى تۈرك » (خىۋە خانى ئوبۇلغازى باھادىرخان، 1603-1644)

«تارىخى سالجۇقىيە » (يازچىزادە ئالى)

 

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)