مەشرەپ غەزەللىرىدىن تاللانما
**************************
1
كۆرسەت جامالىڭ مەستانەلەرگە ،
ئىشقىڭدا كۆيگەن پەرۋانەلەرگە .
مەندىن دۇئايى سەندىن ئىجابەت ،
جانىم تەسەددۇق جانانەلەرگە ..
ئەي باغرى قاتتىق رەھىم ئەيلىمەسسەن ،
قىلغىن نەزارە(1) بىچارەلەرگە .
مەشرەپ سېنى دەپ كەچتى جاھاندىن ،
باشىنى قويدى ئاستانەلەرگە(2) .
2
كۆردۈم يۈزۈڭنى دىۋانە بولدۇم ،
ئەقلى ھۇشۇمدىن بىگانە بولدۇم .
تارتسام جاپالار ، ئۆلسەم كويۈڭدە ،
تاپماي مەن ئۇنى جۇيانە(3) بولدۇم .
كەۋسەر شارابى يادىمغا كەلمەس ،
لەئىلى لېۋىڭدىن مەستانە بولدۇم.
كۆردۈم چۈشۈمدە شەمئى جامالىڭ ،
كۆيدۈمۇ – ياندىم پەرۋانە بولدۇم .
يۇمدۇم كۆزۈمنى سەندىن بۆلەكتىن ،
كەچتىم بارىدىن ، رىندانە (4)بولدۇم .
ئىشقىڭ مەيىغە پۇر بولدى جىسمىم ،
ھەمساقىيۇ ھەم پەيمانە بولدۇم .
بولدۇم فەنا مەن تۇپراق ئىچىدە ،
بىر دانە ئەردىم مىڭ دانە بولدۇم .
ئول يۈز ئوتىدىن تەن بولدى نابۇت ،
جان جانغە يەتتى ، جانانە بولدۇم .
كافىر(5) كۆزىڭدىن ھەريانە بىر ئوق ،
تەگدى يۈرەككە ، ۋەيرانە بولدۇم .
قويماس دېدىلەر مەئمۇر(6)بولدۇم ،
ئاۋات ئەردىم مەن، ۋەيرانە بولدۇم .
مەشرەپكە مەي سۇن ، كىرسۇن قەدەھكە ،
مەسچىت ئىچىدە بۇتخانە بولدۇم .
3
ھەركىشىنىڭ دەردى بولسا يىغلاسۇن يار ئالدىدا ،
قالمىسۇن ئارمان يۈرەكتە ، ئەيتسۇن ئىزھار ئالدىدا .
ئەندەلىپى (7)بى نەۋادەك نالەيۇ ئەفغان بىلە ،
دائىمە يىغلاپ تۇرارمەن ئەيىن (8)گۈلزار ئالدىدا .
مەنسۇرى ھەللاجىدەك ئىچىپ شارابى ئەنتەھۇر (9)،
چەرخ ئۇرۇپ يىغلاپ تۇرارمەن ئۇشبۇ دەم دار ئالدىدا .
ھەركىشى بىر جۇرئەتى 10)نۇش ئەيلىسە بۇ بادەدىن ،
ئول قىيامەتتە قىلۇر ئەرزىنى جەببار 11))ئالدىدا.
تەلبە مەشرەپ قىلمىغىل سىرىڭنى زاھىدغە ئايان ،
ئەيتىپ – ئەيتىپ يىغلاغايسەن ئاشىقى زار ئالدىدا .
4
ھەزرەتى ئادەم بىنا بولغاندا مەن بىللە ئىدىم ،
ھەقرەسۇل مىراجىغە (12)چىققاندا مەن بىللە ئىدىم .
چۇن خەلىل ئاتەشكە كىردى ، ئوتنى پەرۋا قىلمىدى ،
ئوتنى بوستان ئەيلەگەن ، گۈلشەندە مەن بىللە ئىدىم .
ھەزرىتى ياقۇپنى كۆر ، يۈسۈپ ئۈچۈن قان يىغلادى ،
تاجۇ – تەختى دەۋلەتىن قىسقاندا مەن بىللە ئىدىم .
زىكرىيانىڭ باشىغە ھەرە قويۇپ پارە ئەيلىدى ،
زىكرى ھەقنى دىلغا جا قىلغاندا مەن بىللە ئىدىم .
چۇن ئەنەلھەق دېدىلەر ، مەنسۈرنى دارغا ئاستىلەر ،
قان بىلەن مەنسۈر يۈزىن يۇۋغاندا مەن بىللە ئىدىم .
مەشرەبا لاپ ئۇرمەغىل ، قىلغان سۆزۈڭگە تۆۋبە قىل ،
گەر خۇدا لۇتف (13)ئەيلەسە،روھىمدا مەن بىللە ئىدىم .
___________________
(1)نەزارە-قارىماق ،باقماق .
(2)ئاستانە-بوسۇغا.!
(3)جۇيانە – ئىزلىگۇچى .
(4)رىندانەبولدۇم – ئازات بولدۇم ،قۇتۇلدۇم .
(5)كافىر – نېمەتكە شۈكۈر قىلمىغۇچى .
(6)مەئمۇر – ئاۋات.
(7)ئەندەلىپ – بۇلبۇل .
(8)ئەيىن – ھەقىقى ، كۆز ، بۇلاق .
(9)ئەنتەھۇر – جەننەت ، شارابى ئەنتەھۇر – جەننەت شارابى .
(10)جۈرئە – يۇتۇم .
(11)جەببار – ھۈكۈميۈرگۈزگۈچى (خۇدانىڭ بىر ئىسمى).
(12)مېراج – ئەرش .
(13)لۇتف – رەھىم – شەپقەت ، ئىلتىپات .
- يازما سانى: 530 پارچە
- باھا سانى: 90 پارچە
- تۈر سانى: 6 پارچە
- خەتكۈش سانى: 24 پارچە
- قۇرۇلغان ۋاقىت:
- تور بېكەت ئېچىلغىلى 16526 كۈن بولدى
- يېڭىلانغان ۋاقتى: 2015-03-25