سېرگىي يېسنىن شېئىرلىرىدىن تاللانما
تەۋە تۈر: كىلاسسىك ئەسەرلەر | يوللانغان ۋاقتى: 2012/12/05 | ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,239 قېتىم

شېئىرىيەتكە يېڭىدىن ئىشتىياق باغلاپ يۈرگەن ئاشۇ يىللاردا چەتئەل شائىرلىرىدىن سىرگىي يېسىنىن، پوشكىن، ئاننا ئاخماتاۋا…قاتارلىقلارنىڭ شېئىرلىرىنى ئۇچرىتىپ قالغۇدەك بولسا كېچە ئۇخلىماي خاتىرىلەرگە كۆچۈرۈپ ۋە قايتا-قايتا ئوقۇپ كېتەتتۇق.سەۋەبى:ئۇ چاغلاردا چەتئەل شېئىرلىرىنى ھازىرقىدەك كۆپ تاپقىلى بولمايتتى. شۇ ئىشتىياقنىڭ ئوتى سەۋەپلىك ھازىرمۇ ئېسىل چىققان چەتئەل شېئىرلىرىنى ئۇچراتسام يىغىپ ئوقۇيدىغان خۇيۇم بار. تۆۋەندىكىسى شائىر قەيسەر تۇرسۇن تەرجىمە قىلغان شېئىرلار بولۇپ،بۇ شېئىرلارنىڭ بىر قىسمىنى ھەرقايسى گېزىت- ژۇرناللاردىن،بىر قىسمىنى توردىن يىغىپ كەلگەن ئىدىم.دوستلار بىلەن تەڭ بەھىرلىنىش ئۈچۈن تور خاتىرەمگە يوللاپ قويدۇم.

سېرگىي يېسنىن شېئىرلىرىدىن

*****************************

قەيسەر تۇرسۇن تەرجىمىسى

ئالتۇن رەڭ دەرەخزار تىمتاس شۇ قەدەر

********************************

ئالتۇن رەڭ دەرەخزار تىمتاس شۇ قەدەر،

ئاق قىيىن سۆزلىمەس بۇندا شاد -خۇرام.

تۇرنىلار پەرىشان كەتتى يىراقلاپ،

كىمدىندۇر مېھرىنى ئۈزەلمەي تامام.

قىيالماس ئايرىلىپ كېتىشكە كىمدىن،

ئىنسانلار دۇنياغا مېھمانغۇ پەقەت!

سىردىشىپ كۆكتىكى تۇلۇن ئاي بىلەن،

كەندىرلىك سېغىنار ھەممىنى قەۋەت.

مەن تەنھا تۇرىمەن دالىدا ئۇزاق،

تۇرنىلار سېپىنى ھەيدەيدۇ شامال.

سېغىندىم شادىمان چاغلىرىمنى مەن،

سۈرمەيتتىم ئۇ چاغدا ئازابلىق خىيال.

ئۆكۈنۈپ يۈرمەيمەن ئۆتمۈشۈمگە، ھەم

قەلبىمنىڭ غۇنچىسى چەكسە نادامەت.

قىپقىزىل گۈلخاندەك دولانا گۈلى

بېرەلمەس ھېچقانداق دىلغا ھارارەت.

نۇرلانغان دولانا كۈل بولماس كۆيۈپ،

سارغايغان ئوت _ چۆپلەر بولمايدۇ خازان.

تۆكۈلەر دەرەخنىڭ ياپراقلىرىدەك

سۆزلىرىم ئاغزىمدىن شۇنچە پەرىشان.

بەئەينى شامالدەك غۇيۇلداپ ۋاقىت

سۆزۈمنى ئۇچۇرۇپ كەتسە گەر يىراق،

ئېيت ئاڭا: ئالتۇنرەڭ ئورمانلار يەنە

سالمايدۇ يۈرەكنىڭ ئۈنىگە قۇلاق.

 

ئاپئاق قارنى ئەگەشتۈرۈپ كەلگەن شاماللار

*************************************

ئاپئاق قارنى ئەگەشتۈرۈپ كەلگەن شاماللار

ئۆتمۈشۈمنى قېنى تېزرەك تاشلاڭلار كۆمۈپ.

بولۇپ قالاي خۇشاللىققا ھەمدەم بىر بالا،

ياكى چىقاي چۆپلۈك ئارا گۈل بولۇپ ئۈنۈپ.

پادىچىنىڭ نەي ئۈنىگە سالغىم بار قۇلاق،

قىلاي بارچە ئادەملەرگە جاننى تەسەددۇق.

پۈركەنمەكتە گۇگۇمدىكى قارغا ھەممە يەر،

ياڭرار ئۈنى قوڭغۇراقنىڭ شۇنچىلىك ئوچۇق.

دىل تارىنى چېكەر لەرزان نەينىڭ ساداسى

ھەسرەت بىلەن گىرەلىشىپ قارلىق شامالدا.

تۇرغۇم كېلەر يول بويىدا بىر پۇتۇم بىلەن،

بىر چوڭ دەرەخ تۇرغاندەك قەد كۆتۈرۈپ گويا.

تىۋىشىنى ئاڭلىغىم بار ئاتلارنىڭ يەنە،

تىنىقلىرى چاتقاللارنى ئۆتكەن قۇچاقلاپ.

ئاھ، ئاي نۇرى چايقاپ ئۆتكىن قەلبىمنى بىر پەس،

ۋۇجۇدۇمدىن چىقىپ كەتسۇن ھەسرەت ۋە ئازاب.

 

ئالدىغىم يوق ئۆزۈمنى پەقەت…

****************************

ئۆزۈمنى ئالدىغىم يوق ئىدى، تەشۋىش −

پەرىشان قەلبىمگە كىردى باستۇرۇپ.

نېمىشقا ئالدامچى دەيدۇ خەق مېنى؟

نېمىشقا ئاتالدىم جىدەلخور بولۇپ.

مۇتىھەم ئەمەسمەن خەقنى بۇلىغان،

بىگۇناھ مەھبۇسنى تاشلىغان ئېتىپ.

ئاھ، پەقەت سەرگەردان كوچا _ كويلاردا،

يۈرۈيمەن خەق ئۆتسە مەسخىرە قىلىپ.

بىر بىكار تەلەتمەن موسكىۋادىكى

تۋېردا بىچارە يۈرگەن لاغايلاپ.

دوقمۇشتا تۇرغان ئىت-كۈچۈكلەر مېنى

شۇ قەدەر پىششىقتۇر تېپىشقا پۇراپ.

بېشىنى لىڭشىتىپ بېرىدۇ سالام،

ھارغىن ھەم پاسكىنا ھەر بىر ئات ماڭا.

ئەڭ يېقىن دوستىمەن ھايۋانلارنىڭلا،

شېئىرىم ئۇلارنىڭ روھىغا داۋا.

شىلەپە كىيىشىم قىز ئۈچۈن ئەمەس،

ئەسەبىي ھېسلاردىن يىراقلا يۈرەك،

ئازابىم يېنىكلەر كىيسەم شىلەپە،

ئالتۇن رەڭ ئارپىمۇ ئاتلارغا كېرەك.

قول ئۈزدۈم تۇتۇشتىن كىشىلەرنى دوست،

باشقا بىر خاقانغا قىلدىم ئىتائەت.

ئۆزۈمنىڭ ئەڭ ئېسىل گالاستۇكۈمنى

ئاسىمەن ئەركەك ئىت بوينىغا پەقەت.

ناۋادا قايغۇدىن بولسام مەن خالاس،

يورىغان بولاتتى پەرىشان دىلىم.

شۇڭلاشقا سۆز _ چۆچەك ئەگەشتى ماڭا،

ئالدامچى، جىدەلخور بولۇپ ئاتالدىم.

 

دېرىزىسى كۆكۈش راملىق پاكار ئۆي…

*************************************

دېرىزىسى كۆكۈش راملىق پاكار ئۆي،

سېنى ئۇنتۇپ كېتەلمەيمەن ئاداققا.

گاھ كۈلدۈرۈپ، گاھ يىغلىتىپ بۇ ئۆمۈر

قىسقىرايدۇ، ئۇزارمايدۇ زادىلا.

ھازىرغىچە چۈشلىرىمگە كىرگىنى،

بىزنىڭ يايلاق، ئورمان، دالا بىپايان،

شىمالدىكى نامرات ۋەتەن ئاسمىنى،

گويا يېشىل ياغلىق بولۇپ يېپىلغان.

مەن ئۇلارغا ياڭراتمايمەن قەسىدە،

تۇرغۇممۇ يوق ئورمانلىقتا پىچىرلاپ،

ئەمما روسنىڭ مەيۈس، نازۇك روھىنى

ياشىغىم بار مەڭگۈ دىلدىن باغاشلاپ.

زوقلىنىمەن قاراپ، ئۇچسا تۇرنىلار

نامرات ھەمدە يىراق جايغا پەرىشان.

چۈنكى چەكسىز كەتكەن دالا بېرەلمەس،

ئاچلىقىغا دال بولغىدەك بىرمۇ دان.

كۆردۈم پەقەت ئاق قىيىننى، گۈلنى ھەم،

تىترىمەكتە يوپۇرماقسىز سۆگەتلەر.

قاراقچىنىڭ ئىسقىرىتقان ئۈنلىرى،

كىشىلەرگە ئەجەلدەكلا بىلىنەر.

مەيلى خالاي ئەمدى قانداق سۆيۈشنى،

يوق بەرىبىر ئۆگەنگىدەك ئىقتىدار.

بەكمۇ ئاددى بۇ لىباسنىڭ ئاستىدا،

ئانا يۇرتۇم ئۆكسىگەندەك تۇيۇلار.

شۇڭا يىللار ياشلىقىمنى يۈگەنلەپ،

چاچار ئۆتمۈش ھىدلىرىنى دائىما…

دېرىزىسى كۆكۈش راملىق پاكار ئۆي،

سېنى ئۇنتۇپ كېتەلمەيمەن زادىلا.

ئېيتقىن، ئېيىت ئەگىشىپ ئۆلگۈر گىتارغا

***************************************

ئېيتقىن، ئېيىت، ئەگىشىپ ئۆلگۈر گىتارغا،

ئىگىلسۇن چۈشكەندەك ئۇسسۇلغا بارماق.

ئاھ، مېنىڭ جانجىگەر، ئاخىرقى دوستۇم،

ئۆلەي مەن قانغىدەك ئىچىپ بىر قاپاق.

قارىما سەن ئۇنىڭ قوللىرىغا ھەم،

بوينىغا ئېسىلغان يىپەك شارپىغا.

بۇ گۈزەل ۋەسلىگە يېتىشنى ئىستەپ،

پالاكەت غارىغا يىقىلدىم مانا.

نە بىلەي شەھۋانىي ھەۋەسنىڭ چۇما،

ۋە يەنە يۇقۇملۇق كېسەللىكىنى.

قېشىنى ئوينىتىپ كەلگەندە سەتەڭ،

يىرتىلىپ كېتەتتى يۈرەكنىڭ قېپى.

ئېيتقىن، ئېيىت، تەسەللىي تاپسۇن بۇ يۈرەك،

شاللاقلىق قالدۇرغان جاراھەت ئارا.

خالىسا ئۇ سەتەڭ سۆيسۇن قايتىدىن،

ياش ھەمدە كېلىشكەن گاداينى راسا.

ھاقارەت قىلمىدىم، بولما بىتاقەت،

يۈرمىدىم يا لەنەت ياغدۇرۇپ ئاڭا.

سازىڭنىڭ بوشقىنە رېتىمى بىلەن،

ھېسلىرىم بىرلىشىپ كەتسۇن ئۆزئارا.

ياشلىقىم كەتمەكتە سۇدەكلا ئېقىپ،

ئالتۇنرەڭ بىر چۈش بار قەلبىمدە بىراق،

مەن نۇرغۇن قىزلارنىڭ تېنىنى سىلاپ،

خىلۋەتتە قۇچاقلاپ باققانتىم ئۇزاق.

ئاڭلىنار قۇلاققا بۇ گەپ بەكمۇ سەت،

تۇرغانتىم مەن سەبىي كۆزۈمدە قاراپ،

ئاھ، بىر توپ ئەركەك ئىت نۆۋىتى بىلەن،

يۈرگەندەك كۈيلىگەن قانجۇقنى يالاپ.

نېمىشقا ئۇلارغا قىلاي مەن ھەسەت،

قايغۇرۇپ يۈرۈشكە ئەرزىمەس ھامان.

بۇ ھايات بىر كىرلىك، بىر كارۋات گويا،

بۇ ھايات سۆيۈشتىن قاينىغان قازان.

ئېيتقىن، ئېيت، يوشۇرار بەختسىزلىكنى،

بەختسىز پۇلاڭلاپ بىلەكلەر ھامان.

مەن ساڭا دەپ قوياي، يوقالسۇن ئۇلار…

مەن ھالاك بولمايمەن ئۇنداقلا ئاسان.

كەتسەك بۈگۈن ئايرىلىپ ئەگەر

****************************

كەتسەك بۈگۈن ئايرىلىپ ئەگەر،

تىنىچ ھەمدە گۈزەل ئەل تامان.

ئاتلىنىشقا قىلاي تەرەددۇت،

تەييارلىقىم پۈتەر شۇ ھامان.

مەن يۈرەكتىن سۆيگەن قىيىنزار،

چەكسىز زېمىن، بىپايان قۇملۇق.

ئايرىلىشقا قىيالمىدىم مەن،

سېغىنىشقا ياپالماي يوپۇق.

دۇنيادىكى ھەممە نەرسىگە

مەپتۇن قىلغان مېھرىمنى يۈرەك،

ۋىسال تاپسۇن خىيالغا پېتىپ،

شاخلىرىنى كەڭ يايغان تېرەك.

سېغىنىمەن تىمتاسلىق ئارا،

ئۆزۈم يازغان ناخشىنى ئېيتىپ،

بۇ پەرىشان ئادەملەر بىلەن،

ياشاشنى ھەم بەخت ھېس قىلىپ.

بەختلىك مەن سۆيگەچكە شۇنداق،

گۈل، چىمەندە بىر قىزنى قېنىپ،

ھايۋانلارنىڭ دىلىغا ئازار

بەرمىگەندەك قېرىنداش بىلىپ،

مەنزىلگاھىم بۆك ئورمان ئەمەس،

بۇغداي جىمجىت ئەگكەن بوينىنى.

خوشلىشىشنىڭ ئالدىدا شۇڭا،

ئىختىيارسىز تىترەيمەن تېخى.

ئايان ماڭا يوقلىقى ئۇندا،

تۇماندىكى ئالتۇنرەڭ ئېتىز.

بىللە ياشاپ تۇرغان كىشىلەر

بىلىنىدۇ ماڭا ئەڭ ئېزىز.

شۇنداق، بۈگۈن ئاياغلاشتى ھەممىسى

*********************************

شۇنداق، بۈگۈن ئاياغلاشتى ھەممىسى،

خوشلاشتىم مەن ئەل _ يۇرت بىلەن تائەبەت.

تېرەك شېخى تەگمەس ئەمدى بېشىمغا،

غازاڭلارنى قانات قىلىپ بىر قەۋەت.

مەن يوق ئەمدى پاكار، ئەبجەق كەپىدە،

قېرى ئەركەك ئىتىم نىكەم بەردى جان.

مۇسكۋانىڭ ئەگرى _ توقاي يولىدا

ئۆلۈش بەلكىم پىشانەمگە يېزىلغان.

شەيدا ئىدىم بۇ نەقىشتەك شەھەرگە،

زاۋاللىققا يۈزلەنمەكتە ئۇ بىراق.

ئالتۇن دەۋرى مۈگدەۋاتقان ئاسىيا،

ئۇخلىماقتا قۇببىلەردە بەك ئۇزاق.

نۇرلىرىنى چاچقاندا ئاي تۈن ئارا،

بېرەر ھامان سۈزۈكلۈكتە كاپالەت.

مەن ماڭىمەن تار كوچىدا باش سېلىپ،

ئەڭ تونۇش بىر مەيخانىغا بىتاقەت.

قورقۇنۇچلۇق بۇ ئۇۋىنى بىر ئالار،

شاۋقۇن _ سۈرەن، ۋاراڭ _ چۇرۇڭ ھەمىشە.

جالاپلارغا شېئىر ئوقۇپ بېرىمەن،

كەيپ بولۇپ يامان بىلەن تاڭغىچە.

ئېچىنمايمەن، زارلىمايمەن، يىغلىمايمەن ھەم

****************************************

ئېچىنمايمەن، زارلىمايمەن، يىغلىمايمەن ھەم،

يىتسە ھەممە، توزىغاندەك شېخىدا چېچەك.

كۈزنىڭ زەئىپ نۇرلىرىغا بولدۇم مەن ئەسىر،

ئېچىلمايدۇ قايتا باھار گۈللىرىم دېمەك.

شىۋىرغاندا ئۈششۈك تەگكەن مېنىڭ يۈرىكىم،

سوقالمايسەن ئەمدى كۈچلۈك رېتىمىڭ بىلەن.

دىلدا پەيدا قىلالمايدۇ خۇشاللىق نۇرى،

قىيىنزارلىق، يېشىللىققا پۈركەنگەن ۋەتەن.

قىلالماسسەن سۆزلىرىمگە قايناقلىق ئاتا،

ئەي، سەرگەردان روھىم، ئاستا ئاجىزلاپ ھامان.

ۋۇجۇمدىن بولدى غايىپ باھارىم، يەنە

نۇرلۇق كۆز ھەم ئۇرغۇپ تۇرغان قايناق ھاياجان.

 

ھايات ساڭا باقتىم ھارغىن ئۈمىدتتە شۇدەم،

ئايلىنامسەن مېنىڭ شىرىن چۈشۈمگە قايتا؟

دۇلدۇلۇمنى مىنىپ پەرۋاز قىلغان ئەرىشتە،

ياڭراق ئەكس سادا يانغان باھاردا گويا.

ئۇستىخانغا ئايلىنىمىز ھەممىمىز ھامان،

تۆكۈلگەندەك يوپۇرماقلار سارغىيىپ غەمكىن.

ئالەمدىكى ئاھ، تىنىمسىز بارچە شەيئىلەر

مەڭگۈ گۈزەل بولسا دەيمەن سىلەرنى لېكىن.

پۇشكىنگە

**********

مەن تۇرىمەن تېۋىردىكى باغچىدا،

مەڭگۈلۈك بىر مەپتۇنكارغا يۈزلىنىپ.

ئۇ ئايلانغان پۈتكۈل رۇسنىڭ جېنىغا،

تۇرماقتىمەن سېغىنىشتا ئۆرتىنىپ.

ئاقارماقتا ئۇنىڭ ساغۇچ چاچلىرى،

خەق يۈرەركەن ئۇ ئېزىتقۇ دېيىشىپ،

ئالىكساندىر سەن بىر كونا ئالىقاپ،

بولدۇم ساڭا لۈكچەكلىكتە يېتىشىپ.

ئەرمەك ئۈچۈن دېيىلگەن بۇ سۆز _ كالام،

يەتكۈزەلمەس ئوبرازىڭغا زەررە داغ.

شان _ شەرەپلەر ئويۇلغان شۇ مىس ئارا،

كۆتۈرۈلگەن بېشىڭ گويا ئىگىز تاغ.

پەيغەمبەرنىڭ داستىخىنى ئالدىدا

تۇرغاندەكلا ساڭا خىتاپ قىلىمەن:

بولسام نائىل سەندەك ئۇلۇغ ئاتاققا،

خۇشاللىقتىن جايىمدا جان بېرىمەن.

تۇرسىمۇ گەر تەقدىر بۇندا مەجبۇرلاپ،

ناخشىلىرىم داۋاملىشار بەك ئۇزۇن…

ئېيتاي يايلاق ناخشىسىنى سەن ئۈچۈن،

برونزىدەك جاراڭلىسۇن _ ياڭرىسۇن.

 

ئېتىز ناخشىسى

**************

ئۇ شۇنداق سۆزلەيدۇ كەسكىنلىك بىلەن،

ئىنسانلار نېمىشقا چېكىدۇ جاپا.

ئورغاقلار باشاقنى تاشلايدۇ ئۈزۈپ،

قۇشقاچنىڭ بوينىنى ئۈزگەندەك گويا.

ئەزەلدىن ئاۋغۇستتا ئېتىزلىرىمىز

سەھەردە تىترەشتىن كەتمەيدۇ قورقۇپ.

ياتىدۇ ساپسېرىق جەسەتتەك گويا

بۇغدايلار بىر باغلام _ بىر باغلام بولۇپ.

بېسىلىپ كوزۇپلۇق ھارۋىغا ئۇلار

يول ئالار قەبرىسى − خامانلىق تامان.

ماتەمنى باشلايدۇ ئاكۇلىت كەبى

ھارۋىكەش ۋارقىراپ بايتالغا شۇئان.

ئاۋايلاپ يەرگە باش قويغاندا ئۇلار

گەۋدىلەر يۆلىنىپ تۇرار ئۆزئارا.

ياغۇنچاق ئۇلارنى مىڭ پارە قىلىپ،

ئەۋرىشىم تېنىدىن قىلىدۇ جۇدا.

بۇغداينىڭ غولىمۇ گويا بىر بەدەن،

باقمايدۇ ھېچ كىشى تەسەۋۋۇر قىلىپ.

ئېغىز بىر دان ئاقلاش ماشىنىسىدۇر،

ئۇستىخان تالقانغا چىقار ئايلىنىپ،

ئۇن قىلار ئادەملەر دانلارنى ئىزىپ،

ۋە يەنە بىساناق لەززەتلىك غىزا.

شۇندىلا ئۆچمەنلىك ئۇرىقى بىلەن

ئاشقازان لىقلىنار زەھەرگە راسا.

ئاپتاپقا قاقلانغان قارا بۇغدايلار،

قوپال _ سەت جۇۋازدا چىقار ياغ بولۇپ،

ئاھ، ئۇنى لەززەتلىك تائامدەك تېتىپ،

ئۈچەيلەر زەھەرگە كېتىدۇ تولۇپ.

ئالدامچى، ساختىپەز، قاتىللار گويا،

زەئىپ كۈز پەسلىدە سالىدۇ چوقان،

سەۋەبى ئورغاقلار باشاقنى ئۈزەر،

ئۈزگەندەك قۇشقاچنىڭ بوينىنى ئىنسان.

تىللىما، نېمە بار ئەجەبلەنگۈدەك

*****************************

تىللىما، نېمە بار ئەجەپلەنگۈدەك،

سودىگەر ئەمەسمەن ماختاپ مال ساتار.

ئالتۇن رەڭ چاچلىرىم بولسىمۇ قويۇق،

ھەمىشە پەرىشان ساڭگىلاپ تۇرار.

سۆيمەيمەن يېزىنى، شەھەرنىمۇ ھەم،

ئاداققا سۆيۈشكە مەندە نە ئامال.

ھەممىدىن ۋاز كېچەي، بولۇپ سەرگەردان،

كەزمەككە رۇسىيە ئېلىنى ئاۋال.

ئۇنتاي مەن شېئىر ۋە كىتاپلىرىمنى،

مۆرەمگە ئېسىلسۇن بوغجىمام ئاران.

دالىدا تۈنىگەن پادىچى ئۈچۈن،

شامالنىڭ ناخشىسى ھوزۇردۇر ھامان.

تويۇندۇم پىياز ۋە تۇرۇپ ھېدىگە،

ئۈركىتەر گۇگۇمنىڭ مەيىن دولقۇنى.

تاشلايمەن بۇرنۇمنى ئاۋاز چىقىرىپ،

ئاخماقتەك ئىش قىلىپ بۇندا ھەر كۈنى.

ئەمەسمەن تەلەي ۋە ئامەتكە مۇھتاج،

ئىزدەيمەن نىچۈندۇر نىدالىق شامال.

ئۆكسىگەن بىمەنە چاقچاقلار بىلەن

ياشاشقا تاپالماي قالدىم مەن ئامال.

 

كاۋكازدا

********

ئەزەلدىن بىزنىڭ رۇس شېئىرىيىتىدە

بىر جاي بار ھەممىمىز كەلگەن ئىنتىلىپ،

كاۋكاز، تەڭ قىلمايمەن ھېچكىمنى ساڭا،

مانانلار سېھرىدە تۇرساڭ جىلمىيىپ.

پوشكىننىڭ ئىلھامى سەندە ئوت ئېلىپ،

كۆرۈمسىز بىر قىزغا پۈتەتتى نەزمە:

ئەي سەتەڭ، ئالدىمدا گروزنىيىنىڭ

ئەلەملىك كۈيىگە غىڭشىما يەنە.

ياتقاندا لېرمۇنتوف كېسەلگە پېتىپ،

ئارزوماتوف كەچمىشنى قىلاتتى بايان،

ئالغانمىش ئۇ پەقەت بىر ئاتنى سېتىپ،

كازبىچقا ھەدىسىنى بېرىپ بىر زامان.

چىقاتتى چېھرىدىن ئاداۋەت _ ئەلەم،

ئۇ گويا دولقۇنلۇق دەريادۇر شۇتاپ،

شائىر ۋە گېنرالغا ئايلىنىش ئۈچۈن،

دوستىنىڭ ئوقىغا تۇراتتى چىداپ.

گېربىدوف بۇ يەرگە قىلىنغان دەپنە،

سوۋغىسى بوپ پارس تۇمانلىرىنىڭ،

پۈشتەكنىڭ ئۈنىگە سالار ئۇ قۇلاق،

بۇزۇلماس مەڭگۈلۈك ئۇيقىسى ئۇنىڭ.

ئىگىز _ پەس بۇ جايغا كەلدىم مەن بۈگۈن،

نېمىشقا كەلدىم مەن بىلمەيمەن بىراق؛

ئېھتىمال، دوستۇمغا قىلىمەن تاۋاپ،

ئۆلۈمىم ھەققىدە ئويلىنىپ ئۇزاق.

مەن ئۈچۈن بەرىبىر بۇنىڭ ھەممىسى،

ئەسلەيمەن رەھمەتلىك شۇ زاتلارنىلا،

شۇ قوپال دەريا ۋە جىلغاڭنىڭ ئۈنى

ئۇلارغا مەڭگۈلۈك مەلھەمدۇر گويا.

قۇتۇلۇپ دۈشمەننىڭ قولىدىن ئۇلار

كەلدى ھەم دوستلارنىڭ يېنىدىن قېچىپ،

كىشەننىڭ ئۈنىنى ئاڭلىماق ئۈچۈن،

تۇرىمەن تاغلاردىن يىراققا بېقىپ.

كۈلپەت ۋە بالادىن قاچتىم مەنمۇ ھەم،

خوشلاشتىم مەشھۇرلار تۇرمۇشى بىلەن،

ھەرقانداق تېمىدا يازالايدىغان

شائىرنى تەربىيلەپ چىقتى بۇ بەدەن.

باقىمەن روس مېھرى يانغان شېئىرغا،

بار ئۇندا شائىرلار، ماياكىۋىسكى،

ئۇ موسلىپولوما پۇرۇپكىسىنى

ناخشا قىپ ئېيتقان شۇ نەققاشلار پىرى.

بار كېرېلوف، لادوگا باياناتچىسى،

ئايالچە جىلىتكە ئۇنىڭ شېئىرى.

مەن ئۇنى تۆنۈگۈن چىققانتىم ئوقۇپ،

سېرىق قۇش قەپەزدە جان ئۈزگەن ئىدى.

بىھاجەت بىر _ بىرلەپ مىسالغا ئېلىش،

تاۋلىغان ئۇلارنى قىشنىڭ ئاپتىپى.

بەك خۇنۇك بويايدۇ قەغەزنى ئۇلار،

بولمايدۇ زادىلا توسۇپ قالغىلى.

كەچۈرگىن، مەن سېنىڭ ئالدىڭدا كاۋكاز

مەقسەتسىز ئېپ قالدىم ئۇلارنى تىلغا،

ئۆگىتىپ قوي ماڭا كورنۇس سۈيىنى

سىڭدۈرۈپ ئۆتۈشنى شېئىرلىرىمغا.

خالايمەن قايتقاندا موسكۋاغا مەن،

چىقىشنى مۇكەممەل بىر داستان يېزىپ،

ئورۇنسىز غەملەرنى ئۇنتۇپ تامامەن،

ماڭمايمەن زاتلارغا مەڭگۈ ئەگىشىپ.

ئويلايمەن ۋەتەندە تۇرۇپ مەن ھامان،

جۇدالىق ھەققىدە يېزىشنى بەزمە:

ئەي سەتەڭ، ئالدىمدا گروزنىيىنىڭ

ئەلەملىك كۈيىگە غىڭشىما يەنە.

 

سەن يىغلايسەن ئۆكسۈپ جىمجىت گۇگۇمدا

****************************************

سەن يىغلايسەن ئۆكسۈپ جىمجىت گۇگۇمدا،

كۆز ياشلىرىڭ چۈشەر يەرگە تاراملاپ.

بىز چۈشىنىپ بولالمىدۇق ئۆزئارا،

مەن دەرد تارتىپ، چېكىپ ھەمدە سەن ئازاب.

بىز ئايرىلدۇق، كەتتىڭ يىراق سەن شۇئان،

بەربات بولدى غايە _ ئارزۇ بىراقلا.

ھېچكىم ماڭا بەرمەس بۇندا تەسەللى،

مەن يەنىلا قالدىم چەكسىز ئازابتا.

يول ئالىمەن گۇگۇمدىلا ھەمىشە،

بىز ئۇچراشقان ئاشۇ كونا جايغا يار.

خىيالىمدا قىلسام سېنى تەسەۋۋۇر،

سۈكۈت ئارا ئۆكسۈشلىرىڭ ئاڭلىنار.

قارايمەن ئېتىزغا، قارايمەن كۆككە

*******************************

قارايمەن ئېتىزغا، قارايمەن كۆككە،

يەر _ زېمىن جەننەتكە ئايلانغان گويا.

تۇرسىمۇ ھەممە يەر ئاشلىققا تولۇپ،

مېنىڭلا يىرىم يوق بۇندا زادىلا.

ھېچكىمنىڭ كارى يوق ئورماندا ئەنە،

بىمالال ئوتلىشىپ يۈرەر قوي _ كالا.

ياپيېشىل تاغلاردىن كېلىدۇ ئېقىپ،

ئالتۇنرەڭ بىر ئېرىق شىلدىرلاپ راسا.

مەن شۇنداق ئىشەنچتە باقىمەن يەنە،

ئۈمىدسىز دېھقانغا بېغىشلاپ قانات،

بىر ئىللىق قول ھامان سۇنۇلار گويا،

ئاپئاق سۈت ئادەمگە بەرگەندەك ھايات.

 

ئىت ناخشىسى

************

سەھەردە، پاخالدىن پۈتكەن ئۇۋىدا،

ئالتۇن رەڭ بورىنىڭ ئۈستىدە يېتىپ،

ئانا ئىت يەتتىنى چىقتى كۈچۈكلەپ،

كۈچۈكلەر تۇغۇلغان قوڭۇر رەڭ ئېلىپ.

ئانىلىق مېھرىنى بېرىپ ئۇ ھامان،

چىقاتتى كەچكىچە ئۇلارنى يالاپ.

ئىرىگەن قار كەبى مېھىرلىك سۈتى

ئاقاتتى يېلىنى تەرەپكە قاراپ.

ۋە لېكىن كەچقۇرۇن سەكرەپلا توخۇ

ئوچاقنىڭ ئالدىدىن ئالدى جاي _ ماكان.

مۇز تەلەت خۇجايىن چىقىپ ئالدىراپ،

كۈچۈكنى تاغارغا سالدى شۇھامان.

يۈگىرەپ تەشۋىشتە قارلارنى بويلاپ،

ئانا ئىت ئۇنىڭغا ئەگىشەر بىراق،

تېخىچە قاتمىغان تىپتىنىچ دەريا،

مۇشۇنداق تىترەيتتى ئۇزاق _ بەك ئۇزاق.

ياندى ئىت دەلدەڭشىپ، باشلىرى قېيىپ،

سۈرتمەكتە ئاققان شۇ تەرلەرنى يالاپ،

كۆكتىكى پاتقىلى تۇرغان ئاي ئاڭا

كۆرىنەر بىر كۈچۈك بولۇپ يالتىراپ.

ئۇ زار _ زار يىغلايدۇ چېكىپ داد _ پەرياد،

تىپتىنىچ ئاسمانغا ئۈمىدتە بېقىپ،

خىرە ئاي تۇيدۇرماي دالىلار ئارا،

پاكار دۆڭ كەينىگە كېتىدۇ پېتىپ.

ئالغاندا ئانا ئىت ئاشقان نەرسىنى،

خەقلەر تاش ئاتقاندەك مەسخىرە قىلىپ،

ئاپئاق قار ئۈستىگە تۆكىلەر يېشى،

كۆكتىكى يۇلتۇزلار چۈشكەندەك ئېقىپ.

 

يۇلتۇزلار

********

نۇرانە يۇلتۇزلار، يىراق يۇلتۇزلار،

نە سىر بار سىلەردە پىنھان شۇقەدەر؟

تۇرساڭلار بىر چوڭقۇر خىيالغا پېتىپ،

كۆڭۈللەر نېمىشقا مەپتۇن ئەيلىنەر؟

ساناقسىز يۇلتۇزلار، قويۇق يۇلتۇزلار،

سىلەردە بار قانداق قۇدرەت، لاتاپەت؟

تاپتىڭلار ئاھ، سىلەر نە چارە بىلەن،

مۇشۇنداق جەلىپكار ئوتلۇق جاسارەت.

نە ئۈچۈن چاچقاندا سىلەر نۇر _ زىيا،

كائىنات زوقۇمنى تارتىپلا تۇرار.

مېھرىڭلار يۈرەككە تەسەللىي بېرەر،

كۆكتىكى يۇلتۇزلار، يىراق يۇلتۇزلار.

 

كەتكەن نەرسە مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدۇ ئەسلا

*****************************************

كېلەلمەيمەن ئاشۇ سوغۇق تۈننى قايتۇرۇپ،

ئامالىم يوق سۆيگىنىمنى كۆرۈشكە بىر رەت.

كۈيچى بۇلبۇل ئەيلەپ مېنىڭ سۆيگۈمنى ئىزھار،

ئېيتقان ناخشا قۇلىقىمغا كىرمىدى پەقەت.

كەتتى ئاشۇ باھار تۈنى مەڭگۈلۈك يىراق،

ئۇنى«قايتىپ كەل»دېيىشكە يوق مەندە ئىمكان.

كۈز قاپلىدى بىردەمدىلا ئالەمنى ئاخىر،

سىم _ سىم يامغۇر قوزغىتىدۇ دىلىمدا پىغان.

ئۇخلىماقتا يارىم جىمجىت قەبرىدە يېتىپ،

مۇھەببەتنى دىل قېتىدا چەكسىز قۇچاقلاپ.

ئۇنىڭ ئۇزۇن چۈشلىرىنى بۇزالماس جۇدۇن،

ئۇرغۇتالماس ھەمدە ئىسسىق قېنىنى قوزغاپ.

بۇلبۇل كۈيى ئۆزلىكىدىن قالدى بېسىقىپ،

بۇلبۇلمۇ ھەم كەتتى يىراق ئەللەرگە قاراپ.

ئاشۇ سوغۇق تۈندە ئەيلەپ سۆيگۈمنى ئىزھار،

ئېيتىلغان شۇ لىرىك ناخشا تۇرماس جاراڭلاپ.

ۋۇجۇدۇمدا خۇشاللىقتىن قالمىدى ئەسىر،

ئاتا قىلغان ئەينى چاغدا تۇرمۇشقا مەنا.

قالدى پەقەت يۈرىكىمدە مۇزدەك بىر سېزىم،

كەتكەن نەرسە مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدۇ ئەسلا.

 

كېچە

*****

دەريا جىمجىت كەتتى ئۇيقىغا،

شاۋقۇنلىماس بولدى قارىغاي.

بېسىقتى ھەم بۇلبۇلنىڭ ئۈنى،

توختاپ قالدى جۇغۇر سايرىماي.

 

تۈن بىلەن تەڭ جىمىقتى ئالەم،

ناخشا ئېيتار ئېرىقلا پەقەت.

ئاي ئەتراپقا سۈزۈك نۇر چېچىپ،

كۈمۈش نۇرغا تولدۇردى قەۋەت.

يالتىرايدۇ دەريادا يۇلتۇز،

كۈمۈش دولقۇن تەۋرەر ئېرىقتا.

يامغۇر سۆيۈپ ئۆتكەن چىمەنمۇ

يالتىرايدۇ كۈمۈشتەك گويا.

كېچە، ئەتراپ جىمجىت شۇ قەدەر،

تاتلىق ئۇخلاپ ياتار تەبىئەت.

ئاي ئەتراپقا سۈزۈك نۇر چېچىپ،

كۈمۈش نۇرغا تولدۇردى قەۋەت.

 

بىر چۈش كۆردۈم، يوللار قاراڭغۇ …

*****************************

بىر چۈش كۆردۈم يوللار قاراڭغۇ،

چاپار تىنماي ئاپئاق ئارغىماق.

مەن تەرەپكە كېلەر ئېتىلىپ،

ئۇنى مىنىپ بىر قىز بەك ئوماق،

توختىماستىن چاپقان نازىنىن،

مېنىڭ يارىم ئەمەستۇر بىراق.

ئاھ، روسىيە ئاق قىيىنلىرى،

ئورمانلىقنىڭ يولى بەكمۇ تار،

چەبدەس قوللار سوزۇلغان كەبى،

شاخلىرىڭنى چىقارغىن _ چىقار،

چۈشتەك گۈزەل مەلىكىنى توس،

مېنىڭ سۆيگەن باشقا«يارىم»بار.

ئايدىڭ كېچە، شىرىن چۈش، پەلەك،

يېنىك دەسسەپ چاپار ئارغىماق.

قىلار ئايدىڭ ئەقىللەرنى لال،

شۇ قىزنىڭلا ئۈستىدە بىراق،

يالتىرايدۇ سۈزۈك ئاي نۇرى،

ئەمما ئۇ قىز دۇنيادىن يىراق.

مەن لايغەزەل، مەن بىر لايغەزەل،

شېئىر يېزىپ ئېزىقتىم بۈگۈن.

ئارغىماقنى چاپتۇرۇش ئۈچۈن،

روسىيىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن،

قالمىسۇن دەپ قەلبىمنى مۇزلاپ،

كەچتىم باشقا ھەممە سۆيگۈدىن.

 

تۇنجى قار

*********

بەردىم مەن ئېتىمنى دالىغا قويۇپ،

تاقىلداپ ماڭغىنى ئاڭلىنىپ تۇرار.

ۋە لېكىن ئالەمنى بېشىغا كىيىپ،

ئوتلاقتا ئەگىشەر بىر توپ قاغىلار.

ئورمانلار سېھرىنى نامايان قىلىپ،

خىيالىي چۆچەكتە مۈگدەيدۇ پىنھان.

ئۈستىگە ئاق رومال ئارتقاندەك گويا،

ئاق قارغا پۈركىنەر قارىغاي شۇئان.

ئۇ گويا ياشىنىپ قالغان بىر موماي،

بەللىرى مۈكچەيگەن، قولىدا ھاسا.

بىر تۆمۈر تۇمشۇقلا تۇرار يېپىشىپ،

ئاھ، ئۇنى تىنىمسىز شوراپ بىر ھازا.

ھەريانغا چېپىشار ئاتلار بەھوزۇر،

ئاق قاردىن ئاق رومال يېپىنار زېمىن.

بۇ يوللار بىر ئۇزۇن لېنتىدۇر گويا،

ئاھ، ئۇنىڭ ئاخىرى چىقمايدۇ لېكىن.

 

تۇرمۇش بىر تۇيغۇدۇر دەردلىك، جەلىپكار

************************************

تۇرمۇش بىر تۇيغۇدۇر دەردلىك، جەلىپكار،

شۇڭلاشقا تۇرمۇش ئەڭ قۇدرەتلىك ھامان،

ئۇ ھەتتا يىرىك _ سەت قوللىرى بىلەن،

چىقىدۇ تەقدىرنى يېزىپلا ئاسان.

ھەر قېتىم كۆزۈمنى يۇمغان ۋاقىتتا،

مەن دەيمەن ھەمىشە:«قىلغىن ئېھتىيات،

تۇرمۇش بىر تۇيغۇدۇر، بىراق بەزىدە،

يالغان گەپ ئارقىلىق قىلار بىزنى شاد».

قاراپ باق ئاسمانغا تىكىلىپ ئۇزاق،

ئاي ساڭا بىر ئوبدان پال ئېچىپ بېرەر.

سەن ئاڭا ئارتۇقچە قويمىغىن تەلەپ،

ئەي ئادەم، بىلگىنىڭ يېتەرلىك _ يېتەر.

شۇمۇرتنىڭ چېچىكى قالسا بوراندا،

يوللارغا پايدىلىق دەپ قىلغىن خىيال،

سۆيگىنىڭ ئالدىسا كەتمە ئاھ ئۇرۇپ،

دوستلىرىڭ خائىنلىق قىلار ئېھتىمال.

مەيلى تاپ ئەڭ شىرىن گەپتىن تەسەللىي،

ۋە ياكى ئاڭلىغىن قاتتىق ئاھانەت.

قويدۇم مەن ھەممىگە تەييارلىق قىلىپ،

ھېسداشلىق قىلمايمەن ھېچكىمگە پەقەت.

چوقىلار قەلبىمنى سۇۋۇتۇپ بارار،

يۇلتۇزلار باغرىمنى ئىللىتار ئاران.

سۆيگىنىم باغرىدىن بەرمىدى ئورۇن،

ئۇ مېنى پۈتۈنلەي ئۇنۇتتى ئاسان.

قارايمەن يەنىلا تاڭلارغا كۈلۈپ،

بولايمەن سەرگەردان قوغلىنىپ يىراق.

سۆيۈملۈك زېمىننىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ،

تەشەككۈر ئېيتىمەن تۇرمۇشقا بىراق.

مەن پادىچى، مېنىڭ ئوردا _ سارىيىم…

********************************

مەن پادىچى، مېنىڭ ئوردا _ سارىيىم

يېشىل دولقۇن مەۋج ئۇرغان ئېتىزلار،

ياپيېشىل تاغ تۇرسا كۆزگە تاشلىنىپ،

لايخورەكنىڭ ئاۋازىلا ئاڭلىنار.

چاچراندىدىن ھاسىل قىلار جىيەكلەر،

بۇلۇت ئورمان ئۈستىگىلا توپلىشىپ.

مەن تۇرىمەن تىك قىيانىڭ باغرىدا،

قارىغاينىڭ شاۋقۇنىغا زەن سېلىپ.

شەبنەملەردىن تۇن يېپىنغان تېرەكلەر

مانان ئارا مەرۋايىتتەك يالتىرار.

مەن پادىچى، مېنىڭ ئوردا _ سارىيىم

يېشىل مەخمەل يېپىنغان شۇ دالىلار.

ئىنەك ماڭا بايان ئەيلەپ كۆڭلىنى،

باش لىڭشىتىپ مۇڭدىشىدۇ بىر ھازا.

ياپراقلىرى خۇشپۇراقلىق دەرەخلەر

باشلاپ بارار مېنى دەريا بويىغا.

دۇنيادىكى كۈلپەتلەرنى ئۇنتۇيمەن،

سۇنغان دەرەخ شاخلىرىغا يۆلىنىپ.

دۇئا قىلدىم قاراپ قىزغۇچ شەپەقكە،

سۇ بويىدىكى زىياپەتكە يول ئېلىپ.

ئاق قىيىن دەرىخى

****************

دېرىزەمنىڭ ئالدىدا مېنىڭ،

تۇرار پەقەت بىر تۈپ ئاق قىيىن،

كۈمۈش بىلەن ئورالغان گويا،

ئاپئاق قارنى يېپىنىپ قېلىن.

ئاپئاق كەشتە تۇتۇلغان جىيەك،

زىننەتلەنگەن يۇمران ئارچىلار،

دەستە _ دەستە گۈل بەرگىلىرى

ئاق پۆپۈكتەك ساڭگىلاپ تۇرار.

خىرە _ شىرە جىمجىتلىق ئارا،

قەد كۆتۈرۈپ تۇرار ئاق قىيىن،

يالتىرايدۇ قار ئۇچقۇنلىرى

ئالتۇن نۇرغا پۈركىنىپ بىردىن.

ئەتراپىدا ئايلىنار شەپەق

كېلەلمەستىن ۋاقتىدا پەقەت.

ئاپئاق دەرەخ شاخلىرىنى ئۇ

ئالتۇن نۇرغا ئوراپ بىر قەۋەت.

 

تەقلىدىي ناخشا

**************

ئېتىڭنىڭ چۇلۋۇرىنى تارت، سۇغارغىن ئالقىنىڭ بىرلە،

ئۈزۈلدى ئاق قىيىن ناملىق دەرەخنىڭ شولىسى كۆلدە.

كۆكۈش گاز ياغلىقىڭنى مەن كۆرۈپ قالدىم رۆجەكتىن ھەم،

يىلاندەك چاچلىرىڭنى يار شامال يەلپۈپ ئۆتەر بۇدەم.

خىياللار ئەيلىدىم سۇنىڭ يۈزىدە پارلىغاندا نۇر،

سېنىڭ شىرىن لىۋىڭگە يار سۆيۈشنى بىر قېتىم مەغرۇر.

بىراق سەن كىشنىتىپ ئاتنى كېتىپ قالدىڭ چېپىپ _ تاقلاپ،

تەبەسسۇم ئەيلىدىڭ يالغان، ماڭا كەتكەندە سۇ چاچراپ.

ۋاقىت كۈن نۇرلىرى بىرلە توقۇلغان تورنى بۇزماقتا،

دېرىزەم ئالدىدىن ئۆتتى سېنى لەھەتكە ئالغاندا.

سېلىپ ئىسرىق تىلاۋەتتە يىغا ئالەمنى بىر ئالسا،

ماڭا ئاڭلاندى ھەر دائىم يېقىملىق قوڭغۇراقتەكلا.

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)