نەۋايى غەزەللىرىگە تەجنىسلەر
تەۋە تۈر: كىلاسسىك ئەسەرلەر | يوللانغان ۋاقتى: 2012/03/06 | ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,013 قېتىم

نەۋايى غەزەللىرىگە تەجنىسلەر


ئابابەكرى توختى ئۇيغۇن
مۇقەددىمە
بەش ئەسىر ئۇيقىدا ياتقان چۆل ئارا بىر ئۈن كېلۇر،
ئۇندا «دىۋان»نى قۇچاقلاپ ھالەتى مەجنۇن كېلۇر.
بىر تەرەپتە تۇغ بولۇپتۇ ھەزرىتىمگە زەر قۇياش،
بىر تەرەپتىن سۇڭدىشىپ ئايسىز تاتارغان تۈن كېلۇر.
ھەر قەدەمدە بىر سوئال تاشلاپ ئۆتەر دۇنياغا ئۇ،
شۇ سوئالنى يەشكىلى مەشرەپ يۈرەكى خۇن كېلۇر.
شۇ سوئالدىن ئويغىنىپ ئەرشى تېپىپتۇ ئەسلىنى،
نەۋبەتى، گۇمنام، زەلىلى …ھەممىسى سۇلغۇن كېلۇر.
خانىقالار ھۆكمىنى سۇندۇردى كۈيلەر نەرىسى،
ئۇشبۇ ۋەھدەتتە قاياقتىن تاپ بېسىپ ئالۋۇن كېلۇر؟
قىز پېتى قالدى جاھان ئۆلگەن يۈرەكلەر تەكتىدە،
ئۇشبۇ قىزنى ئەپكىتىشكە توختىماي پەيتۇن كېلۇر.
ئاشىنالىق ئارمىغان بولدى نەۋائىيدىن بۈگۈن،
ئول پىرىمنىڭ خەزنىسىنى ئاقتۇرۇپ ئۇيغۇن كېلۇر.
(1)
«ماڭا نە مەنزىلۇ مەئىۋا ئەيان نەخانۇمان پەيدا،»
سېنىڭ ھىجرىڭدە بۇ غەمسىز يۈرەكتە لەختە قان پەيدا.
ئەقىلنىڭ قۇشلىرى قوندى سولاشقان بەرگى ياپراققا،
جاھان ھۆسنىدە سۆيگۈمدىن بولۇپتۇ زەپىران پەيدا.
ناۋالار ئەيلىسە بۇلبۇل قىزىل گۈل ئشتىياقىدا،
كى تاڭ چېھرىدە ھىجرەتنىڭ دالاسىدەك تۇمان پەيدا.
شەبىستان كۈيلىرى كەتتى يىراقلاپ ئاستا كۈلبەمدىن،
ھىلالنىڭ كۆز يېشى تامغاچ چىمەندە مۇڭ-پىغان پەيدا.
بۇ تەن پەرۋازىدىن قالدى ئۇنىڭ مولجالى تىمتاسلىق،
سۈكۈت ئەۋجىدە روھىمدا ياراقسىز پەھلىۋان پەيدا.
خىيال دەپتىرىدىن زەر گۈن پەلەكنىڭ شولىسى يۈتتى،
پەلەك دىشىۋارىدىن بولدى گويا ئاخىر زامان پەيدا.
چېچىڭ زۇلمىتىدىن كۆيگەن كېچەڭگە ئاشىنا چۈشلەر،
شۇ چۈشلەر سەتھىدە بولغاچ ھەۋۋادەك مېھرىبان پەيدا.
ئىشىق زەنجىرىدە مەڭگۈ بۇ ئۇيغۇن قەلبى باغلاقلىق،
نەھاجەت ئىستىمەك ئەركنى، يېنىدا ئۇل جانان پەيدا.
(2)
«جان يېتىپ ئاغزىمغا تاپمان دەردى ھىجىراندىن خالاس،»
نەكى ھىجىران بەلكى بولدۇم ئابھايۋاندىن خالاس.
كىرپىكىڭ ئوقياسىدىن سۇلدى چېچەكلەر جىلۋىسى،
ئەيلىگەي كىم باغىباننى ئۇشبۇ غەلياندىن خالاس؟
زۇلفى قەللابىڭ مېنى ئالدى بوغۇپ،يوق ئىختىيار،
كۆزلىرىم بولماس نېرى بىر لەھزە توپاندىن خالاس.
ئاھ، ئىشىق زىندانىدا قىينالغۇچى بىر مەن ئەجەب،
خۇددى قۇش بولغان كەبى پەرۋازى جەۋلاندىن خالاس.
ئىزدىبان سۆيگۈ گۈلىستانى زىمىستان قوينىدىن،
ئىشقى گۈللەرنىڭ دىلىمدا بولمىدى قاندىن خالاس.
بۇ جۇنۇن سەھراسىنىڭ خىلۋەت راباتى قايدىدۇر،
جىلۋىسىز ئازغۇن ۋىسال قىلماس سەراتاندىن خالاس.
مۇڭدىىشىم بولدى پىراقنىڭ ئەۋجىدە تەنھالىقىم،
ۋەھدىتىم جامىدا مەي بولماستا شەيتاندىن خالاس.
بۇ ھاياتقا ساختىلىقتىن ياپما پەردە ئەي پەلەك،
قىل مېنى جاندىن خالاس، قىلغۇچە جاناندىن خالاس.
(3)
«يارەب، ئول يۈزنى دەمى كۆزۈمگە پىنھان ئەيلىمە،»
ئاشنالىق دەستىدىن ھالىم پەرىشان ئەيلىمە.
ئوت قويۇپتۇ بۇجاھانغا مەشۇقىمنىڭ غەمزىسى،
بىرلا مەن تۇترۇق بولاي ئۆزگىنى قۇربان ئەيلىمە.
يايمىسۇن زۇلپىنى ئۇ يالمار قۇياشنى سويلىشى،
تاڭغا تەشنا بۇ يۈرەكنى تىغ ئۇرۇپ قان ئەيلىمە.
باغلىرىمدا گۈل-چېچەكلەر بولمىسۇن زىنھار خازان،
شۇ نىگارىم ھۆسنىنى بۇ باغدا مېھمان ئەيلىمە.
نە ئەجەبكىم مەي بىلەن ئازسام ھوشۇمدىن بىر يولى،
نازىنى ئول پەرىنىڭ ئالدامچى شەيتان ئەيلىمە.
يول سېلىپ چىقتىم بۈگۈن ئەيلەپ ھىلالنى قولۋىقىم،
كۆز يېشىمنى ناگىھان بۇ يولدا ئوكيان ئەيلىمە.
قۇلىقىمنى ئەيلىگىن تەن بىر ئۆزۈمگە تائەبەد،
باش پاناھسىزلا ئۆلەي، شۇل يارنى سۇلتان ئەيلىمە.
جان قۇشى قاقسا قانات قونغاي شېخىغا سۆيگۈنىڭ،
ئاشۇ تەرسانىڭ بىراق كۆكسىنى ئاسمان ئەيلىمە.
ئۇشبۇ ھىجران دەشتىدە ئۆلتۈرۈپ ئۇيغۇننى يار،
گاھ تىرىلدۈرۈپ يەنە تەڭرىمنى ھەيران ئەيلىمە.
(4)
«جۇنۇن تاشى ئۇرۇپ ھەريان ياڭى داغىمنى ئەفكار ئەت،»
ھۆسىن باغىڭغا ئەي رەنا مېنى ئاشىق خېرىدار ئەت.
كۆزۈم بىر لەھزە توختاتسۇن مۇھەببەت زۇلمىدىن توپان،
قارا كاكۇل چېچىڭنىڭ سويلىشىنى بىر ماڭا دار ئەت.
نىتەي سىينەم ئارا كۈلسە يەنە ئىشقىڭ گۈلىستانى،
تېنىم چۆللەرگە پالانسۇن ۋە مەيلى قەترىگە زار ئەت.
يۈرەك ئۆتمە تۆشۈك بولسۇن نىگاھىڭ خەنجىرى بىرلە،
شۇڭا لوقمانمۇ كار قىلماس بىمارلارغا نەمۇدار ئەت.
قاراقلار سەتھىدىن ئۆچسۇن ھىلالسىز توزىغان ئاسمان،
بۇ رەسۋالىق كوچاسىدا ناھاتكى بىر مېنى خار ئەت.
بۇ ھالىمدىن جاھان ئەھلى تۇتۇپ قالسۇن ياقاسىنى،
ۋاپا تەسۋىسىنى ئەمما ھامان بوينۇمدا زۇننار ئەت.
سېنىڭ كۈلپەتلىرىڭ بىرلە ساراڭ، تەلۋە ئاتالساممۇ،
بۇ ئۇيغۇننى ئاداققى رەت لېۋىڭدە ئىرىگەن قار ئەت.
(5)
«ئارەزىڭنى باغ ئارا چۈن كۆردى ھەيران بولدى گۈل،»
قامىتىڭگە ئەي پەرى ئۈنسىز غەزەلخان بولدى گۈل.
بەرگىلەرنى تىترىتىپ ئۆتتى گويا كۈز سەلكىنى،
خۇددى مەندەك نائۈمىد قالدى پەرىشان بولدى گۈل.
رومىلىڭنى قايرىساڭ كۆيدى گۈرۈلدەپ بۇ جاھان،
بۇ مالامەت دەستىدىن بىر پەستە گۈلخان بولدى گۈل.
بىر نېگاھ بىرلە ئېتىلدى شۇ نىگاھتىن مىڭ باشاق،
ھالىغا مىڭ ۋايىكىم، جەڭگاھتا قۇربان بولدى گۈل.
يەنە بىر رەت ئەيلىدىڭ گۈلگۈن نىگاھتىن  بۆسەلەر،
بۇ يۈرەگىمدەك شۇئان قاتمۇ-قات قان بولدى گۈل.
ئۇشبۇ قىسمەتتىن ياقاڭنى  يىرتمىغىن ئەي بۇلبۇلۇم،
ئول نىگارىم ھۆسنىدە مەڭگۈگە مېھمان بولدى گۈل.
گۈل ئۈزەي دەپ تاڭ سەھەر كىرگەندە باغقا ناتىۋان،
شۇندا ھەيران قالدۇرۇپ ئۇيغۇننى ئىنسان بولدى گۈل.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
1995-يىلى 5-6-ئايلار، ئۈرۈمچى

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)