مەشرەپ غەزەللىرى
تەۋە تۈر: كىلاسسىك ئەسەرلەر | يوللانغان ۋاقتى: 2012/12/22 | ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,180 قېتىم

بابا رەھىم مەشرەپ غەزەللىرى

خەلقىمىز ئەسىرلەردىن بۇيان چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە مۇھەببەت بىلەن ياد ئېتىپ كەلگەن يالقۇنلۇق شائىر، ئاتەش نەپەس غەزەلخان بابارەھىم مەشرەپ كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا ناۋائىيدىن كېيىن بارلىققا كەلگەن بۈيۈك نامايەندە. ئۇ ئۆزىنىڭ سۇنماس ھاياتىي ئېتىقادى، يىمىرىلمەس ئىسيانكارلىق روھى ۋە ئاجايىپ يۈكسەك بەدىئىي كامالىتى بىلەن كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئۆچمەس بەدىئىي ئىز قالدۇردى.

بابارەھىم مەشرەپ 1653 – يىلى پەرغانە ۋادىسىدىكى نەمەنگان شەھىرىنىڭ ئەنجان يېزىسىدا بىر ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 12 يېشىغىچە ئۆز يېزىسىدىكى موللىلاردىن، 18 يېشىغىچە نەمەنگاندىكى ئۆلىمالاردىن تەلىم ئېلىپ ئەرەب ۋە پارس تىللىرىنى پىششىق ئۆگەنگەن. ئۇ 1672 – يىلى ئادالەت ۋە مەرىپەت ئىزدەپ ئۆز دەۋرىنىڭ ئىلىم – ئىرپان مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان قەشقەرگە كېلىپ، 18 يىل تۇرۇپ ۋە ئىلىم تەھسىل قىلىپ، 37 يېشىغاكەلگەندە ئۆزىنىڭ 20 يىللىق سەيياھلىق ۋە سەرگەردانلىق ھاياتىنى باشلىغان. مەشرەپ تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى بىرمۇنچە شەھەر ۋە يۇرتلارنى كېزىپ، ماۋەرائۇننەھىر ۋە خۇراسان قاتارلىق جايلارنى ئايلىنىپ، ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئازاب – ئوقۇبەتلىك ھاياتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، جاھالەت ۋە تەڭسىزلىك بىلەن تولغان زۇلمەتلىك دۇنيانىڭ ماھىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەقىدە، ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇپ، جاھالەت ۋە ئادالەتسىزلىكنى شەپقەتسىز پاش قىلغىنى ئۈچۈن 1711 – يىلى بەلىخ ھاكىمى ماھمۇتخان تەرىپىدىن دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

بابا رەھىم مەشرەپ غەزەللىرى

1

كۆڭۈل دەردىنى بىركۆڭلى بۇزۇلغان ياردىن سورغىل،

بۇ ئىشىق ئوتىغە كۆيگەننى دىلى ئەفگاردىن سورغىل.

سېنىڭ ئەجرىڭنى،ئەي جانا،نە تىل بىرلە بايان ئەيلەي،

كى،ھەر شەب دىيدەدىن خۇنابە تۆك،بىداردىن سورغىل.

بەناگاھ مىھرىبانىدىن جۇدا بولغان كىشىن ھالىن،

سەھەر ئاھۇ پىغان ئەيلەپ،مېنىڭدەك زارىدىن سورغىل.

شەھىدى ئىشىق بولغان ئاشىقى بىچارە ئەھۋالىن،

ئوشۇل دەم مەنسۇرى مەستان ئاسىلغان داردىن سورغىل.

بۇ مەشرەب،قان يۇتۇپ ھەردەم تۆكەر خۇنابەئى ھەسرەت،!

كى خۇنلار ئەجرىنى مەھشەر كۈنى سەتتاردىن سورغىل.

2

دىۋانەدۇرمەن شەمئى شەرەر جىلۋە سەنەمگە،

قۇربان بولاي ئاتەشكەدەئى شۇئلە ئەدەمگە.

زىبا سەنەمىم بادە ئىچىپ،يۈزىنى ئاچىپ،

ئوت قويدى پەرىزاد گۈلىستانى ئىرەمگە.

بىر ھۇ بىلە مەن لەيلىنى مەجنۇن قىلا دەيمەن،

دىۋانەلىقىم شانە ئېرۇر زۇلفى سەنەمگە.

يۈز جانىم ئەگەر بولسە ئاڭا ھېچ ئايىماسمەن،

مەن تەلپىنىبان جان بېرەي ئول قاشى قەلەمگە.

زاھىدكى ئەگەر ئىچسە ئىدى بادەئى مەئشۇق،

سەرمەست بولۇبان بارماس ئىدى مەككە-ھەرەمگە.

مەشرەب،نە بەلادۇر شىكەنى تۇررەئى كاكۇل،

بەرباد بولادۇر كىشىۋەرى دىن ئۈشبۇ ھەشەمگە.

3

سەھرا يۈزۈ كۆكەرمەس تا ياز بولماگۈنچە،

بۇلبۇل تەرەننۇم ئەتمەس تا غۇنچە بولماگۈنچە.!

كۆزدىن چۇنان سۇۋ تۆكغىل،ئىمانىڭ بەھرە ئالسۇن،

بۇغۇ چەمەن كۆكەرمەس،يامغۇر قۇيۇلمەگۈنچە.

مەكرى رەقىب بىرلە ھەسرەت ئۆيىگە تۈشتۈم،

غەم رىشتىسى ئۈزۈلمەس تا يار كەلمەگۈنچە.

يۈز يىل تىرىك يۈرۈسەڭ،ئاخىر بىر كۈن ئۆلۈرسەن،

ئەپسۇس،ئىلە كېتۇرسەن تا ۋاسىل ئۆلمەگۈنچە.

ئەي مەشرەبى قەلەندەر،ياخشىغە بەندە بولغىل،

ھەلۋە ئېتەرگە بولماس شەككەر قوشۇلمەگۈنچە.

4

بارۇرمەن ئاستانىگە سەھەر ئاھىستە-ئاھىستە،

سۈرەرمەن كۆزلەرىمگە خاكى دەر ئاھىستە-ئاھىستە.

ئۆتەر بىر-بىر باسىپ ئول شوخ،باقماس بىۋاپالىقتىن،

ئېرۇر ئانداق ۋاپاسىز ئۆمۈر ئۆتەر ئاھىستە-ئاھىستە.

كىچىكلىكدە،نىگارىم ئاچچىق ئايتسا ئەيىب ئېرمەسدۇر،

كى پەسلىدە بولۇر شېرىن سەمەر ئاھىستە-ئاھىستە.

جامالىڭ بەر كامال ئولدى،بولۇر بىر-بىر خەتىڭ پەيدا،

باھار بولسا ئۆسەرلەر سەبزەلەر ئاھىستە-ئاھىستە.

بارۇ مىسكىن بۇ مەشرەب گۈل يۈزۈڭنى كۆرگەلى ئەمما،

كۆرەلمەي گۈل يۈزۈڭ يىغلاپ تۇرار ئاھىستە-ئاھىستە.

5

بارچەلەر ياندى گۇنەھدىن،مەنكى يانماسمەن ھەنۇز،

خابى غەفلەتدىن ئوياندى،مەن ئويانماسمەن ھەنۇز.

تەۋبەئى تەۋفىق بىلەن يىغلاپ تۇرۇرلەر زار-زار،

ئاخىرەت ئامالىن ئايتىپ مەن قۇتۇلماسمەن ھەنۇز..

بەندەلەر كىم لۇتفىڭە ھەردەم سۆيەنىپ ئولتۇرۇر،

بىدەۋا نەفسىمنى ئىزلەپ مەن سۆيەنمەسمەن ھەنۇز.

ئارىفۇ سادىق ھەمە پەندۇ نەسىھەت ئالدىلار،

بارچە پەندىڭ ئالدىلار،پەندىڭنى ئالماسمەن ھەنۇز.

بەندىلىك قىلساڭ تەكەببۇر قىلما،شەيتان فىئلىدۇر،

مەن تەكەببۇردىن زەمانى خالى ئەرمەسمەن ھەنۇز.!

دۇنيانى كۆپ يىغدى قارۇن كەتتى ئول يەر قەئرىگە،

دۇنيادىن بىردەم زەمان كۆڭۈل ئۈزەلمەسمەن ھەنۇز.

بەندىلىك قىلماي ئەزازىل بولدى سەركەش ئەمرىگە،

راندەئى دەرگھ بولدى،مەنكى يانماسمەن ھەنۇز.

بۇنداق بولساڭ،مەشرەبا،كەچكىل ھەۋايى ھىرسىدىن،

كەچتى بارچە ھىرسىدىن،ھەرگىز كېچەلمەسمەن ھەنۇز.

6

جەھاندا تاپمادىم ھەمدەرد،قالدىم ناتىۋان يالغۇز،

سەرا پا غەم سەۋارى ئىچرە قالمىشمەن نىھان يالغۇز.

كۆزۈڭ يەغما قىلۇر بىكس كۆڭۈلنى ،ھېچ ئەجەپ ئەمەس،

قاراقچى قورقاتۇر ھەر يەردە تاپسا كارۋان يالغۇز.

نەچە مەندەكنى گەردۇن مۇبتەلائى دەردۇ غەم قىلدى،

دېمەم مۇنچە جەفانى ماڭا قىلدى ئاسمان يالغۇز.

سېنىڭ تەئرىفىڭە ھەر بەندۇ بەندىم نالەلەر قىلمىش،

قاچان ئەسرارى ئىشقىڭ ئايتائالغاي ھەر زەبان يالغۇز.

ئاتالار ھەر تەرەفتىن شوخلار مۇژگانلاردىن ئوق،

قىلىبدۇرلا مېنىڭ كۆسۈمنى ھەرياندىن نىشان يالغۇز.

بۇ كۈن دوستلار،مەتائى سەبرۇ ئارامىمنى ئالدۇردۇم،

قىلالماس ھىفز مەھزۇن بولسە راۋىي داستان يالغۇز.

مەن،ئەي مەشرەب،سېنىڭ كويۇڭ سارىغە بارماغىم مۇشكىل،

نې بولغاي گەر ئۆزۈڭ كۇلبەمگە بولساڭ مېھمان يالغۇز.

7

ماڭا ئېرشاد بەرسەڭ،ئادەمۇ ھەۋۋانى ھازىر قىل ،

غەرىبۇ خەستەئى نۇھى نەبىيۇللانى ھازىر قىل.

كىرىپ نەمرۇد ئوتىغا قىلدىلەر ئاتەشنى چۇن گۈلزار،

ھەقىقەت يولىنى تاپقان خەلىلۇللانى ھازىر قىل.

تېنىنىى رەخنە قىلدى گەرمى ماتەم كەيفىيەت ئىچرە،

مەقامى سەبردە ئەييۇبتەك دانانى ھازىر قىل.

باشىغا ئەررە كەلدى،زىكرى ھەقدىن بولمادى غافىل،!

خۇدانىڭ ئاشىقى ئول رۇھى زىكرىيانى ھازىر قىل.

مۇدام ئۈممەت ئۈچۈن چۇن دىيدە خۇن ئالۇدە ئىردىلەر،

مۇھەممەد-ئەھمەد ئول رۇھى ھەبىبۇللانى ھازىر قىل.

ھەسەن بىرلە ھۈسەيىننىڭ رۇھىدىن دائىم مەدەد ئىزلەپ،

مۇھەممەد كۆزىنىڭ ئاقى ئاشۇ زۇھرانى ھازىر قىل.

ئالارنى ھازىر ئەتكىل،سوڭرە خەت بەرگىل بۇ مەشرەبكە،

مەقامى نۇردىن ئىشائى ئەھلۇللانى ھازىر قىل.

8

سەن،ئەي زاھىد، بارىپ مىرابقە قىل نازۇك ئەدالىقنى،

جاھاندا كۆرمەدىم ھەرگىز كىشى سەندەك رىيالىقنى.

زەلالەت پىشەلىقنى ئەھلى دۇنلار سەندىن ئۆرگەنگەي،

مۇناپىق بەد پىسەندلىق ھەم تەمەگەر،رو سىيالىقنى.

رىيا تائەت قىلىپ كۈندۈزلەرى ئۆزىنى دەبان مۇرشىد،

كېچەدىن تاڭ قەدەر قىلغۇڭ ئۆزۈڭدەك يۈز قارالىقنى.

ئايا مەشرەب،دېدى زاھىد گۇناھىڭ بېھىساب ئەرمىش،

ئەگەر ئەفۋ ئەيەسە سەتتار،كېچەر سانسىز گۇنالىقنى.

9

مەئرەفەت بازارىنىڭ دىۋانەسى،.

بول ھەقىقەت ئىشقىنىڭ مەيخانەسى،

ئاھ ئۇرۇپ چىقسە جاھاننى كۆيدۈرەر،

ئاشىق ئەھلىن زىينەتۇ سەرمايەسى.

ئىككى دۇنيانى كۆزۈمگە ئىلمادىم،

مەنكى ئول دىيدارنىڭ ھەيرانەسى.

ئەيلەدى كۆڭۈلنىڭ ئۆيىنى خەراب،

بۇل ئېرۇر تەن مۇلكىنىڭ ۋەيرانەسى.

ماسىۋانى تەرك قىلدىم ئىشقىڭدا،

بول جاھانۇ ئول جاھان بىگانەسى.

مەشرەبى دىۋانەنى ھەيران ئېتىپ،

قەددى مەۋزۇن ئەگمە قاشىڭ قارەسى.

10

مېنى دەۋران بۇ كۈن دەردۇ ئەلەمگە مۇپتىلا قىلدى،

جەفاجۇ نازەننىلەر بىرلە يارۇ ئاشنا قىلدى.

ئەلىفدەك جان ئاراسىدا نىھالى قامەتىن ئاسراپ،

غەمىدىن ئاقىبەت قەددىمنى نۇن يەڭلىغ دۇتا قىلدى.)

بۇرادەر،سەن بۇ كۈن مەندىن ئۈمىدى ئافىيەت قىلمە،

يۈرەك باغرىم ئاقىپ كۆزدىن ئەجەل يۈزىنى ۋا قىلدى.

كىشىگە ئايتە ئالماي باشغە تۈشكەن تەبئى ھالىمنى،

بۇ ھەسرەت بارا-بارا ئۆزىنى باغرىمچە جا قىلدى.

بۇ ھالىمغە تەرەھھۇم قىلغۇدەك بىر مىھرىبانىم يوق،

مېنى بىچارە قىلدى،زار قىلدى،بىنەۋا قىلدى.

بۇ بىشەپقەت پەلەك سالدى مېنىڭ باشىمغە سەۋدالار،

چۇ ئاندىن نېكى كەلدى،بارى تەقدىرى خۇدا قىلدى.

خالايىق دۇنى بولسام ھەم جەھان ئىچرە غەنىمەتمەن،

بۇ كۈن تاڭلا ئەيىتۇرلاركى،مەشرەب ھەم قەزا قىلدى.

دەرمەن

ئىشقىڭ ئوتىغە ئۆرتەپ ھەردەم چۇ كۆيەي دەيمەن،

ئول شەمئى جامالىڭغا پەرۋانە بولاي دەرمەن.

مۇژگانىڭ ئوقىن ئاتىپ،قانىمنى تۆكەر بولساڭ،

قانىم بىلە،ئەي جانا،ئالەمنى بۇياي دەرمەن.

يۈزۈڭ بىلە قاشىڭدىن ئۆزگىگە نەزەر سالسام،

خەنجەر ئالىبان قولغە كۆزۈمنى ئوياي دەرمەن.

رەھم ئەيلەسە گەر دىلبەر ھەم ئاچسا نىقابىنى،

مەن خەستاسىمەن،دوستلار،تويغۇنچە كۆرەي دەرمەن.

مەن دەشتۇ مۇھەببەتدە تەشنە بولۇبان يۈردۈم،

سۇن ۋەسلى شەرابىدىن،ئەي ساقى،توياي دەرمەن.

مەشرەب سېنى دەپ،دىلبەر،كەچتى ئىككى ئالەمدىن،

رەھم ئەيلەگىل،ئەي جانا،ۋەسلىڭگە يېتەي دەرمەن.

ئۆتتۈم

قەلەندەر مەشرەبىڭمەن،ئىككى ئالەمنى تاپىپ ئۆتتۈم،

بىھۇشتۇ ھۇرى غىلمانىڭ پۈچەك پۇلغە ساتىپ ئۆتتۈم.

نە ئەيلەي ئابى كەۋسەرنى نىگارىم بولماسە ساقى،

خەرابات ئىچرە باردىم قەترە مەي ئاندىن تاتىپ ئۆتتۈم.

ئايا،دەۋزەخ مېنى كۆيدۈر،خەلايىق كۆيمەسۇن ھەرگىز،

تامۇغدىن ئىشىق ئوتى پۇر زور،ئانىڭ زەھرىن يۈتۈپ ئۆتتۈم.

كى جان ئالغۇچىنى كۆردۈم،دېدىم:<ئالغىل بۇ جانىمنى>،

ئەجەل قاچتى،ئۇرۇپ-قوغلاپ مەن ئانى قورقۇتۇپ ئۆتتۈم.

سالىپ بازارى ئىشقىڭغە مەتائى جىسمۇ جانىمنى،

خەرىدار سورمادى ھەرگىز،بۇ جانىمدىن كېچىپ ئۆتتۈم.

ۋىسال ئەييامى بولغاندا،كۆزۈڭ بەختى سىياھىمنى،

باشىمغە كەلسە يارىم،مەن يانىپ ئۇخلاپ،بۇكۈپ ئۆتتۈم.

كۆيۈپ ئوتقە مەنى دىۋانە مەشرەبنى سورار بولساڭ،

نە يەردە ئەھلى دەرت تاپدىم،كۆزۈم ياشىن سېپىپ ئۆتتۈم.

ئىشقىڭدا ئۆلدۈم

شاھى جەھانىم ئىشقىڭدا ئۆلدۈم،

ئارامى جانىم،ئىشقىڭدا ئۆلدۈم.

كىمدىن ئۆرگەندىڭ مۇنچە جەفانى،

ئەي نۇكتەدانىم،ئىشقىڭدا ئۆلدۈم.

تا قەبە قەۋسەين شەرھى قاشىڭدۇر،

ئەبرۇ كەمانىم،ئىشقىڭدا ئۆلدۈم.

قەقنۇسغە ئوخشاپ،نالە قىلۇرمەن،

ئۆرتەندى جانىم،ئىشقىڭدا ئۆلدۈم.:

بىر رەھىم قىل،ھالىمنى سورغىل،

نامىھرىبانىم،ئىشقىڭدا ئۆلدۈم.

يارىم،ساڭا مەن چاكار بولايىن،

ساھىبقىرانىم،ئىشقىڭدا ئۆلدۈم.

مەشرەپكە بىر باق،جان لەۋگە يەتتى،

رۇھى رەۋانىم،ئىشقىڭدا ئۆلدۈم.

كەلدىم

جانان يۈزۈڭنى كۆرگەلى كەلدىم،

شەككەر لەبىڭنى سورغالى كەلدىم.

ئوتتەك تۇتاشىپ ياندى يۈرەكىم،

كۆيە-كۆيە كۈل بولغالى كەلدىم.

ئەي ماھى تابان زۇلفى پەرىشان،

ئايدەك يۈزۈڭنى كۆرگەلى كەلدىم.

شەمئى جامالىڭ پەرۋانە قىلدى،

ئوتقا ئۆزۈمنى ئۇرغالى كەلدىم.

مەن سارى باقغىل ئەي گۈل ئۇزارىم،

رازى دىلىمنى ئاچقالى كەلدىم.

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)