جالالىدىن رومى رۇبائىيلىرى
تەۋە تۈر: كىلاسسىك ئەسەرلەر | يوللانغان ۋاقتى: 2012/06/29 | ئىنكاس: 2 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,297 قېتىم

 

جالالىدىن رومى رۇبائىيلىرى

مەن زەررەيۇ خۇرشىدلىقا سەنسەن،
مەن خەستەيۇ،ئەينى داۋا سەنسەن.
قاناتسىز،ئاياقىڭدا ئۇچارمەن ،
مەن قەدەھمەن،يار،قەھرەبا سەنسەن.

ئەگەر ئۆلسەم تېنىمنى كەلتۈرۈڭ دوستلار،
ۋۇجۇدۇمنى نىگارىمغا بېرىڭ دوستلار.
لېۋىمدىن سۆيۈپ ئالسا ئول مەسىھىم،
تىرىلسەم گەر-ياقا تۇتماي تۇرۇڭ دوستلار.

ۋاھ،دىلىمنى غەمگە بەندە قىلدى يار،
كېچە-كۈندۈز دىلنى تىغسىز تىلدى يار.
كېچە-كۈندۈز نالە قىلسام قايغۇرۇپ،
پىنھان-پىنھان،شىرىن-شىرىن كۈلدى يار.
ئىشقىمدىن پاكراق ئابى-زىلال يوقتۇر،
ئىشقىمدەك غەمۇ دەردى ھالال يوقتۇر.
ئۆزگىلەر ئىشقى پەقەت ھال بولسا گەر،
مېنىڭ ئىشقىم نىگارىمغا زاۋال يوقتۇر.

لۇتىپ ئەتسەڭ تاشمۇ جانانە بولغاي،
ئاشۇ دەم شوخلۇقى مەستانە بولغاي.
زۇلفىنىڭ زەنجىرى گەر بولسا زاھىر،
لوقمانى ھەكىممۇ دىۋانە بولغاي.

ئىشقىڭ ئاتىشىدىن مەن تامچىغا زار،
خىيالىڭ چۈشلىرىمدە ماڭا يادىكار.
سۈيىڭ شاراپ يەڭلىغ ياندۇردى مېنى،
چارق پەلەكتەك ئايلۇنۇرمەن نالەكار.

دىلدار ماڭا ئېيىتتى:ئاينىڭ ئۆزىمەن،
نە بېرۇرسەن سۆيسەم،يارنىڭ كۆزىمەن؟
تىللا:-دېدىم،دېدى:-تىللا نە كېرەك؟
جاننى:-دېدىم،دېدى:-مەيلى،رازىمەن.

زۇلفىنىڭ ھەر دانىسىنىڭ جېنى بار،
زۇلفىنىڭ دەردىدە مەن بولدۇم خۇمار.
سەن دېمە:ۋاھ،مۇنچە كۆپ غەم-ھەسرىتىڭ؟
ھەسرىتىم ھۆرىلىقا نازىچە بار.

ياشناپ،ئېچىلىپ،ماڭا قاراپ كەلدىڭمۇ؟
مېھرىڭنى تەبەسسۇمغا ئوراپ كەلدىڭمۇ؟
ئول كۈن كەتكەن ئىدىڭ ئېلىپ قەلبىمنى،
بۈگۈن يەنە جېنىمنى سوراپ كەلدىڭمۇ؟

ئىشىق ئول خەلق ئۈچۈن سائادەت بولسۇن،
بۇ ئىشق ھەم سائادەت تا قىيامەت بولسۇن.
ئول ئىشىق مېنى تۇغدى ئەسلىدە،ئانا ئەمەس،
ئول ئانىغا مىڭ تەشەككۇر-رەھمەت بولسۇن.

ئول يار ھەۋىسىدە دىل رۇبابدۇر-رۇباب،
ئىشىق ئوتىدا قورۇلۇپ كاۋبدۇر-كاۋاب.
دەردىم ئېشتىپ سۈكۈت قىلسا دىلدارىم،
شۇل جىملىقى ماڭا مىڭ جاۋابدۇر-جاۋاب.

قىل ياخشىلىق،ياخشىلىقنى بىلگەي دۇنيا،
مەڭگۈدۇر ئۇ ياخشىلىق تۈپەيلى تەنھا.
مال قالدىغۇ ھەممىدىن،قالار سەندىنمۇ،
قالدۇردى بېخىل-مال،ياخشىلىقنى دانا.

ئىشقىڭدا غەم ئىچرە ئۇشلىدىم كۆڭۈلنى،
قار لەھزە ئىزىڭغا باشلىدىم كۆڭۈلنى.
شامال ماڭا ئېلىپ كەلدى ھىد-بۇيىڭنى،
شۈكۈر ئېيىتتىم، شامالغا تاشلىدىم كۆڭۈلنى.

ئالەمدە ۋاپاسى يوق كىشى كەم بولسۇن،
ھەر كۈنى بىۋاپاغا قايغۇ-ماتەم بولسۇن.
ياد ئەتمىدى غەمدىن باشقا ھېچكىم مېنى،
مىڭ تەشەككۇر-رەھمەت ساڭا ئەي غەم،بولسۇن.

ناگاھ ئىشىكىم ئاتلىدى ئول دىلبەرى مەست،
ئولتۇردى.مەي ئىچتى،تۇتۇشۇپ مەڭگۈ ھەۋەس.
يار ساچىنى كۆرۈپ ۋە تۇتۇپ ئاھ،ئۇ نەپەس،
ئايلاندى يۈزۈم كۆزگە،كۆزۈم قولغا ئەبەس①.

ئىزاھ:① ئەبەس ـــــ بوش،بىھۈدە.

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 
    • ئەسسالامۇئەلەيكۇم بوۋا
      ھويلىڭىز قالتىس ئىسىل گۈللەر بىلەن بىزىلىپتۇ .مەنمۇ كىلاسسىك ئەسەرلەر شەيداسى

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى چ ب 06:49
    • مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى تەقدىم ئەتكىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت ،ئىشلىرىڭىز ئويلۇغىنىڭزدىنمۇ ياخشى نەتىجە بەرگەي!

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى چ ب 05:06

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)