«نەۋايى خەزىنىسى»دىن جاۋاھىراتلار
تەۋە تۈر: كىلاسسىك ئەسەرلەر | يوللانغان ۋاقتى: 2013/04/07 | ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,418 قېتىم

«نەۋايى خەزىنىسى»دىن جاۋاھىراتلار

★★★★★

كەتمەنباينىڭ بايانى:
«نەۋايى خەزىنىسى بلوگى» – پۈتۈن تۇرك دۇنياسىنىڭ شەرەپ يۇلتۇزى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پارلاق قۇياشى نىزامىدىن مىرئەلىشىر نەۋايى ھەزرەتلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا دائىر تەتقىقات نەتىجىلىرىنى جەملەش مەقسىتىدە 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى قۇرۇلغان ئىدى. بۈگۈن بۇ بلوگنىڭ قۇرۇلغىنىغا مانا ئىككى ئاي بوپتۇ ۋە 2011-يىلنىڭ داۋانىدىن غەلىبىلىك ئاتلاپ، 2012-يىلنىڭ بوسۇغىسىغا قەدەم قويۇپتۇ. ئۆتكەن ئىككى ئايغا نەزەر سالسام، «نەۋايى خەزىنىسى بلوگى»غا ئالتە سەھىپە بويىچە 37 تىما يوللاپتىمەن. لىكىن، بلوگنىڭ زىيارەت ۋەزىيىتىدىن قارىسام، خېلى كۆپ تىمىلارنىڭ «نەۋايى خەزىنىسى»گە جەملەنگىنىدىن تورداشلار بىخەۋەر قالغان چىراي؟ سەۋەبى چۈشىنىشلىك؟
ئەلىشىر نەۋايى – جەلىپكار ساھىبجامال ئەمەس، بەلكى سەردار مۇتەپەككۇر شائىر!
ئەلىشىر نەۋايى – يۇمۇرلۇق ئىنسان ئەمەس، بەلكى غۇرۇرلۇق ئىنسان!
ئەلىشىر نەۋايى نازۇك تەبىئەتلىك، ھەقىقەت، شەرىئەت، تەرىقەت يولىدا نۇر چاچقان، شېئىرىيەت بوستانىدا يول ئاچقان پىشىۋايىمىز!
شۇڭا ئەلىشىر نەۋايى ئەسەرلىرىگە ۋە تەتقىقاتىغا ھىرىسمەن تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، «نەۋايى خەزىنىسى»دىكى ماقالە-ئەسەرلەرنى رەتلەپ، ئۇلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم.
تورداشلار يەنە خەۋەردار بولۇپ قالغايكى، «نەۋايى خەزىنىسى»گە دوكتۇر ئەسەت سۇلايماننىڭ «شەرق مۇتەپەككۇرلىرىدىن(5) – ئەلىشىر نەۋائى» ناملىق كىتابى يوللىنىۋاتىدۇ. گەرچە بۇ كىتاب 2008-يىلى «ئورخۇن تارىخ مۇنبىرى»گە يوللىنىپ، تور دۇنياسىغا تارقالغان بولسىمۇ، لىكىن، بەزى ئىسىم-ئاتالغۇلار توغرا ئېلىنماسلىق، بەزى سۆزلەر چۈشۈپ قېلىش، بەزى مەزمۇنلار ئالمىشىپ كېتىش، بەزى باب ماۋزۇلىرى ئېنىق ۋە رەتلىك بولماسلىق…دىگەندەك، شۇنداقلا نۇرغۇن ئىملا خاتالىقلىرى ساقلانغان ئىكەن. بۇ قىتىم مەن «ئورخۇن تارىخ مۇنبىرى»دىن ساقلىۋالغان بۇ ئەسەرنى ئەسلى كىتاب بىلەن بىرمۇبىر سېلىشتۇرۇپ، كەم يەرلىرىنى تولۇقلاپ، يۇقارقى سەۋەنلىكلەرنى تۈزەتكەن ھالدا يوللاۋاتىمەن. پۈتۈن كىتاب مۇقەددىمە، خاتىمە ۋە سەككىز باب مەزمۇندىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئىككى كۈندە بىر بابتىن يوللاشنى پىلانلىدىم. تۈنۈگۈن بۇ كىتابنىڭ مۇقەددىمەسىنى يوللىدىم. 1-بابى ئاللاھ ئاسان قىلسا ئەتە يوللىنىدۇ.
«نەۋايى خەزىنىسى»دىكى جاۋاھىراتلارغا ئىھتىياجلىق دوستلارنىڭ بۇلارنى ساقلىۋىلىشىنى سورايمەن. شۇنداقلا باشقا توربىكەت، مۇنبەرلەرگە يۆتكەش ئارزۇسى ۋە ھەۋىسى بار تورداشلارنىڭ ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورلىرىنى، تەرجىمانلىرىنى، تەييارلىغۇچىلىرىنى ۋە كىتاب، تور مەنبەلىرىنى تولۇق ئەسكەرتكەن ھالدا يوللاشلىرىنى ئۈمىت قىلىمەن.
ھۆرمەت بىلەن: كەتمەنباي (2012-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى)
★★★★★

ئەسەت سۇلايمان: «شەرق مۇتەپەككۇرى – ئەلىشىر نەۋائى»

http://newayi-570.blogbus.com/logs/185280187.html

ئەلىشىر نەۋايى: «نەۋادىرۇش-شەباب»دىن تاللانغان غەزەللەر

http://newayi-570.blogbus.com/logs/183123442.html

تۇرسۇن قۇربان تۈركەش: «نەۋايى چەتئەلدە ۋە دىيارىمىزدا»

http://newayi-570.blogbus.com/logs/182274327.html

مەنزۇرى: «نەۋايى غەزەللىرىگە تەخمىسلەر»

http://newayi-570.blogbus.com/logs/181275778.html

ئەلىشىر نەۋايى: «بەدايىئۇل-ۋەسەت» تىن تاللانغان غەزەللەر

http://newayi-570.blogbus.com/logs/180564163.html

ھۆرمەتجان ئابدۇرەھمان فىكرەت: «نەۋائىي 570 ياشتا »

http://newayi-570.blogbus.com/logs/179455394.html

فەرىدە ئەمىن: «ئەنئەنىۋى نەۋايىشۇناسلىقنىڭ قىسقىچە تەسۋىرى»

http://newayi-570.blogbus.com/logs/178868989.html

ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي: «بېيجىڭدا ئەلىشىر نەۋائىي تەنتەنىسى»

http://newayi-570.blogbus.com/logs/178715979.html

خۇرشىد دەۋران: «نەۋايىنىڭ ئارمانى»(2)

http://newayi-570.blogbus.com/logs/178242174.html

خۇرشىد دەۋران: «نەۋايىنىڭ ئارمانى»(1)

http://newayi-570.blogbus.com/logs/178238990.html

ئەلىشىر نەۋايى: «مەنتىقۇت-تەيىر»(3)

http://newayi-570.blogbus.com/logs/177753959.html

ئەلىشىر نەۋايى: «مەنتىقۇت-تەيىر»(2)

http://newayi-570.blogbus.com/logs/174220743.html

ئەلىشىر نەۋايى: «مەنتىقۇت-تەيىر»(1)

http://newayi-570.blogbus.com/logs/172884490.html

تۇرسۇن قۇربان تۈركەش: «شەرق رىۋايەتلىرىدە ئەلىشىر نەۋايى»

http://newayi-570.blogbus.com/logs/175976844.html

مىرسۇلتان ئوسمانوف: «ئەلىشىر نەۋايىنىڭ يىڭىدىن بايقالغان غەزەللىرى»

http://newayi-570.blogbus.com/logs/175976220.html

غازى ئەھمەد: «نەۋايى ھەزرىتىم»

http://newayi-570.blogbus.com/logs/175602879.html

ئايشەگۈل سەرتقايا: «سەمەرقەندلىك شەيخزادە ئابدۇرەززاق باخشىنىڭ ئەلىشىر نەۋايىغا يازغان نەزىرەلىرى»

http://newayi-570.blogbus.com/logs/175591281.html

مۇھەممەت شاۋۇدۇن: «نەۋايى ئەنگۈشتەرى»

http://newayi-570.blogbus.com/logs/174906976.html

لۇتپۇللا مۇتەللىپ: «تەسىراتىم»

http://newayi-570.blogbus.com/logs/174633631.html

دەمىن جۈمەقۇل: «سەددى ئىسكەندەر» داستانىنىڭ باش قەھرىمانى كىم؟

http://newayi-570.blogbus.com/logs/173144236.html

ئۇيغۇن: «ئەلىشىر نەۋايى غەزەللىرىگە تەجنىسلەر»

http://newayi-570.blogbus.com/logs/172981018.html

ئابلەت ياسىن بابا: «فەرھاد-شېرىن» داستانىدا خوتەن تەسۋىرى ۋە فەرھاد ئوبرازى

http://newayi-570.blogbus.com/logs/172683318.html

ئې.ئې. بېرتېلس: ئەلىشىر نەۋايىنىڭ «فەرھاد ۋە شىرىن» داستانى ھەققىدە(2)

http://newayi-570.blogbus.com/logs/171939850.html

ئې.ئې. بېرتېلس: ئەلىشىر نەۋايىنىڭ «فەرھاد ۋە شىرىن» داستانى ھەققىدە(2)

http://newayi-570.blogbus.com/logs/171939097.html

ئەلىشىر بىلەن بۇلبۇل

http://newayi-570.blogbus.com/logs/171937509.html

ئەلىشىر نەۋايى تۇيۇقلىرى

http://newayi-570.blogbus.com/logs/171742140.html

ئەلىشىر نەۋايى: «بەدايىئۇل-بىدايە»دىن رۇبائىلار

http://newayi-570.blogbus.com/logs/171741310.html

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ئەلىشىر ناۋايى ھەققىدە»

http://newayi-570.blogbus.com/logs/171736515.html

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ناۋايى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە مەلۇمات»

http://newayi-570.blogbus.com/logs/171618186.html

ئەلىشىر نەۋايى ئەسەرلىرىنىڭ كاتالوگى

http://newayi-570.blogbus.com/logs/171613087.html

ئەلىشىر نەۋايى ھاياتىنىڭ ۋە ئىجادىنىڭ قىسقىچە سالنامىسى

http://newayi-570.blogbus.com/logs/171610962.html

ئەسەت سۇلايمان: «نەۋايى ۋە ئانا تىل غۇرۇرى»

http://newayi-570.blogbus.com/logs/171608797.html

كەتمەنباي: نەزەرىڭىز «نەۋايى خەزىنىسى»دە بولسۇن

http://newayi-570.blogbus.com/logs/171421009.html

ئەلىشىر نەۋايى: «غەرايىبۇسسىغەر»دىن تاللانغان غەزەللەر(3)

http://newayi-570.blogbus.com/logs/171401408.html

ئەلىشىر نەۋايى: «غەرايىبۇسسىغەر»دىن تاللانغان غەزەللەر(2)

http://newayi-570.blogbus.com/logs/171400051.html

ئەلىشىر نەۋايى: «غەرايىبۇسسىغەر»دىن تاللانغان غەزەللەر(1)

http://newayi-570.blogbus.com/logs/171395384.html

ئەلىشىر نەۋايى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىنى خاتىرىلەش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى

http://newayi-570.blogbus.com/logs/171311496.html

★★★★★
«نەۋايى خەزىنىسى بلوگى»نىڭ مەنزىلى:

http://newayi-570.blogbus.com/

★★★★★

http://ketmenbay.blogbus.com/logs/185550621.html

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)