«مۇھەببەت»كە ئەگىشىپ…
تەۋە تۈر: باشقىلار | يوللانغان ۋاقتى: 2014/05/19 | ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,203 قېتىم

«مۇھەببەت»كە ئەگىشىپ…

ئاپئاق ساقاللىرى مەيدىسىگە چۈشۈپ تۇرغان ئۈچ بوۋاي بىر ئايالنىڭ ھويلىسى ئالدىدا ئارام ئېلىۋاتاتتى. بۇ ئۈچ بوۋاينىڭ بىرى «بايلىق »، بىرى « مۇۋەپپىقىيەت »، يەنە بىرى « مۇھەببەت » ئىدى. ئايال ئۇلارنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىۋىدى، ئۇلار قاقاھلاپ كۈلگىنىچە ئايالغا «رەھمەت» ئېيتتى ھەم ئازىراقمۇ مىدىرلاپ قويمىدى .ئايال بۇ ئىشتىن تېڭىرقاپ تۇرۇپ قېلىۋىدى، ئۈچەيلەن ئايالغا : - بىز ئۈچىمىز بىرلا ۋاقىتتا بىر ئۆيگە تەڭ كىرەلمەيمىز. سىز بېرىپ ئۆيىڭىزدىكىلەر بىلەن ئويلىشىپ كۆرسڭىز، سىلەر ئۈچىمىزنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن بەك كىمگە ئېھتىياجلىق ؟- دېدى.ئايال ئۆيگە كىرىپ ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئېيتتى. ئېرى بۇنى ئاڭلاپ ھەم ھەيران ھەم خۇش بولغان ھالدا : - راستىنلا شۇنداق بولسا، بىز بايلىق بوۋاينى ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ، ئۆيىمىزنى بايلىق بىلەن توشقۇزايلى، – دېدى .ئايالى بۇنىڭغا قوشۇلمىدى : - سۆيۈملۈكۈم، بىز نېمىشقا مۇۋەپپىقىيەت بوۋاينى تەكلىپ قىلمايمىز؟ قىلغان ئىشىمىزنىڭ ھەممىسى مۇۋاپپىقىيەتلىك بولسا، ئۇ ۋاقىتتا تېخىمۇ ياخشى بولمامدۇ ؟- دېدى.بۇ ۋاقىتتا كېلىنى سۆز قىستۇرۇپ: « بىز يەنىلا مۇھەببەت بوۋاينى تەكلىپ قىلايلى، ئۇنى تەكلىپ قىلىپ  ئائىلىمىزنىڭ ھەممە يېرىنى قويۇق مۇھەببەت بىلەن توشقۇزايلى» دېدى. - ئۇنداقتا كېلىنىمزنىڭ دېگىنىچە بولسۇن، – دېدى ئەر-خوتۇن كېلىنىگە قاراپ باش لىڭشىتقان ھالدا .شۇنىڭ بىلەن ئايال ئۆيدىن چىقىپ مۇھەببەت بوۋاينى ئۆيگە كىرىپ مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلدى. كىم بىلسۇن، مۇھەببەت بوۋاي ئورنىدىن تۇرۇش بىلەن تەڭلا، مۇۋەپپىقىيەت بوۋاي بىلەن بايلىق بوۋايمۇ تەڭ ئۇنىڭغا ئەگەشتى. ئايال ئەجەبلەنگەن ھالدا سورىدى : - بىز تەكلىپ قىلغىنى «مۇھەببەت» تۇرسا، سىلەر ئىككىڭلارنىڭ ئەگىشىۋالغىنى قانداق گەپ ؟ئۈچ بوۋاي خۇشال بولغان ھالدا جاۋاب بەردى :-قەيەردە مۇھەببەت بولسا، شۇ يەردە بايلىق ھەم مۇۋەپپىقىيەتمۇ بولىدۇ .

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)