تۈلكىنىڭ تەقسىماتى
(مەسەل)
بۇرۇنقى زاماندا بىر ئورمانلىققا يولۋاس پادىشاھ ئىكەن تۈلكە ۋەزىر ئىكەن .
كۇنلەر نىڭ بىرىدە يولۋاس تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈز مەكچى بولۇپ ،بۆرە بىلەن تۈلكىگە دەپتۇ: ئەتە مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم سىلەر ماڭا ياخشى سوۋغىلارنى تەييارلاڭلار . ئۇلار بولىدۇ تەقسىر ؛دەپ چىقىپ كېتىپتۇئەتىسى بۆرە بىر كىيىكنى تۈلكە بىر توشقان بىلەن بىر قىرغاۋۇلنى ئېلىپ كەپتۇ ؛يولۋاس ئۇلاردىن مەمنۇن بولۇپ بۆرىگە دەپتۇ؛سەن بۇ سوۋغىلارنى تەقسىم قىلىپ باق .بۆرە خۇشال بولۇپ <<بولىدۇ تەقسىر،كىيىكنى ئالىلىرى ئۆزلىرى يىسە مەن توشقاننى يەي تۈلكە قىرغاۋۇلنى يىسۇن ،>>دەپتۇ.بۇنىڭدىن دەرغەزەپكە كەلگەن يولۋاس ،بۆرىنىڭ يۈزىگە بىر شاپىلاق ساپتىكەن ،بۆرىنىڭ بىر كۆزى تۈلكىنىڭ ئالدىغا چاچراپ چۈشۈپتۇ،ئاغرىق دەستىدىن بۆرە ئۆي بۇلىڭىدا تىپىرلاپ يېتىپتۇ،ئەمدى سەن تەقسىم قىل دەپتۇ ؛يولۋەس تۈلكىگە.تۈلكە كاتتا بىر تازىم بىجا كەلتۇرگەندىن كېيىن؛ ئالىلىرى كىيىك سىلنىڭ ناشتىلىقلىرى بولسۇن، توشقان چۈشلۈك تاماقلرى بولسۇن، قىرغاۋۇل كەچلىك تاماقلىرى بولسۇن. دەپتۇ؛بۇ تەقسىماتتىن ناھايىتى خۇشال بولغان يولۋاس <<يارايسەن ،سەن بۇنداق ياخشى تەقسىمات قىلىشنى نەدىن ئۆگەنگەن >>دەپتۇ؛تۈلكە ھېلگەرلىك بىلەن .<< بۆرىنىڭ چاچراپ چىققان كۆزىدىن ئۆگەندىم تەقسىر دەپتۇ>>
- يازما سانى: 530 پارچە
- باھا سانى: 90 پارچە
- تۈر سانى: 6 پارچە
- خەتكۈش سانى: 24 پارچە
- قۇرۇلغان ۋاقىت:
- تور بېكەت ئېچىلغىلى 16526 كۈن بولدى
- يېڭىلانغان ۋاقتى: 2015-03-25