سودىگەرنىڭ تۆت خوتۇنى
تەۋە تۈر: مەن ياقتۇرغان ئەسەرلەر | يوللانغان ۋاقتى: 2014/04/01 | ئىنكاس: 1 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,376 قېتىم

سودىگەرنىڭ تۆت خوتۇنى

ناھايىتى باي بىر سودىگەر بولۇپ، ئۇنىڭ تۆت خوتۇنى بار ئىكەن. ئۇ تۆتىنچى خوتۇنىنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىكەن، ئۇنىڭغا ھەشەم كىيىم – كېچەكلەرنى كەيدۈرۈپ، ئەڭ ئىسىل تاماقلار بىلەن ئوزۇقلاندۇرىكەن، ئۇنىڭ ھالىدىن ناھايىتى بەك ئەتراپلىق خەۋەر ئېلىپ، ئۇنى چىرايلىق بىزەپ  قويىدىكەن. ھەمدە قانداق ياخشى نەرسە تاپسا ھەممىنى شۇنىڭغا بىرىدىكەن.

بۇ سودىگەر ئۈچىنچى ئايالىنىمۇ بەك ياخشى كۆرىدىكەن، ئۇ بۇ ئايالىدىن پەخىرلىنىدىكەن، دائىم دوسلىرى ئالدىدا ئۇنىڭدىن شەرەپلىنىدىكەن، ئەمما ئۇ ئۈچىنچى ئايالىم باشقىلار بىلەن قېچىپ كىتەرمۇ دەپ دائىم غەم يەيدىكەن.

بۇ سودىگەر ئىككىنچى ئايالىنىمۇ ناھايىتى ياخشى كۆرىدىكەن،چۇنكى ئۇ سودىگەرنىڭ كۆڭلىنى ناھايىتى ئوبدان چۈشىنىدىكەن،سەبىرچان ئىكەن؛ ئەمەلىيەتتە ئۇ سودىگەرنىڭ سىرداش دوستى ئىكەن، سودىگەر ھەر قېتىم قىيىنچىلىققا ياكى ئاۋارچىلىققا دۇچ كەلسە ئىككىنچى ئايالىنى ئىزدەپ بارىدىكەن، ئايالى ئۇنىڭ قىيىنچىلىقتىن ئۆتىۋېلىشىغا ياردەم قىلىدىكەن.

سودىگەرنىڭ بىرىنچى ئايالى ئۇنىڭ ئەڭ سادىق ھەمراھى بولۇپ ئائىلە ئىشلىرىنى باشقۇرىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىغانىكەن، گەرچە بىرىنچى ئايالى سودىگەرنى ئىنتايىن ياخشى كۆرسىمۇ ، سودىگەر ئۇنىڭغا ئۇنچە ئەھمىيەت بەرمەيدىكەن.

بىر كۈنى سودىگەر قاتتىق ئاغرىپ قېلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كىتىدىغانلىقىنى بىلىپتۇ. ئۇ ھەشەمەت تۇرمۇشىنى ئويلاپ ئۆز-ئۆزىگە «ھازىر مىنىڭ تۆت خوتۇنۇم بار، ئەمما ئۆلسەم ئۆزۈم يالغۇز كىتىدىكەنمەن، بۇ نىمە دىگەن ئېچىنىشلىق ھە….» دىگەچ تۆتىنچى ئايالىنى

چاقىرتىپ كىرىپ سوراپتۇ: «مەن سىنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرەتتىم، ساڭا ياخشى كەيگۈزدۈم، سىنى ياخشى يىگۈزدۈم، ساڭا ئەڭ بەك كۆڭۈل بۆلدۈم،ئەمما مەن ھازىر ئۆلۈپ كتىدىغان بولدۇم، مەن بىلەن بىرگە كىتەمسەن؟»، تۆتىنچى ئايالى ئويلانمايلا: « مۇمكىن ئەمەس» دەپ قويۇپلا چىقىپ كىتىپتۇ، بۇ جاۋاپ خۇددى ئۆتكۈر پىچاقتەك ئۇنىڭ يۈرىكىگە سانچىلىپتۇ.

كۆڭلى يېرىم بولغان سودىگەر ئۈچىنچى ئايالىنى چاقىرتىپ سوراپتۇ: « بۇ ئۆمرۈمدە سىنى شۇنداق ياخشى كۆردۈم، ھازىر ئۆلۈپ كىتىدىغان بولدۇم، مەن بىلەن بىرگە كىتەمسەن؟»،ئۈچىنچى ئايالى جاۋاپ بىرىپ: «بۇ دۇنيادىكى تۇرمۇش نىمە دىگەن ياخشى، سەن ئۆلسەڭ مەن يەنە ئەرگە تىگىمەن» دەپتۇ. سودىگەرنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ يۈرىكى مۇزلاپ كىتىپتۇ.

سودىگەر ئىككىنچى ئايالى چاقىرىپ سوراپتۇ: « سىنى ناھايىتى ياخشى كۆردۈم، ھەر قېتىم قېشىڭغا بارسام ماڭا ياردەم قىلىپ قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزدۇڭ، ئەمدى ئۆلۈپ كىتىدىغان بولدۇم، ماڭا ھەمراھ بولامسەن؟»، ئىككىنچى ئايالى جاۋاب بىرىپ: «كەچۈرگىن، بۇ قېتىم ساڭا ياردەم قىلالمايمەن، ئەڭ كۆپ بولغاندا تاۋۇتۇڭنى كۆتۈرۈپ سىنى دەپنە قىپ قويۇپ يېنىپ كىلىمەن»- دەپتۇ. بۇ جاۋابنى ئاڭلىغان سودىگەر خۇددى چاقماق سوققاندەك ئەس ھۇشىنى يوقىتىپتۇ.

بۇ ۋاقىتتا ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغان تۇنجى ئايالى: «مەن سەن بىلەن بىرگە كىتىمەن، مەيلى سەن نەگىلا بارمىغىن ھەرقاچان ساڭا ھەمراھ بولىمەن» – دەپتۇ. سودىگەر بېشىنى كۆتۈرۈپ بىرىنچى ئايالىغا قاراپتۇ، ئۇ ئۇرۇقلىقىدىن ئوزۇقلۇق يىتىشمىگەندەكلا كۆرۈنەتتى،سارغايغان چىرايلىرى دىن مىھرى – شەپقەت چىقىپ تۇراتتى، سودىگەر

ئاچچىق پۇشايماندا بىرىنچى ئايالىغا: «ئىسىت! ساغلام- ساق ۋاقتىمدا ھالىڭدىن ئوبدان خەۋەر ئالسامچۇ» – دەپ ئۆكسىنىپتۇ…

ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشىمىزدا ھەممىزنىڭ تۆتتىن خوتۇنى بولىدۇ، تۆتىنچى خوتۇن بولسا دەل بىزنىڭ بەدىنىمىز، گەرچە قانچىلىك كۆپ ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئۇنى كۈتسەكمۇ، ئۇنى پۈتۈن زىھنىمىز بىلەن بىزەپ چىرايلىق قىلىۋەتسەكمۇ بىز ئۆلگەندە ئۇ بەرىبىر بىزگە ھەمراھ بولالمايدۇ!  ئۇنداقتا ئۈچىنچى ئايال بولسا دەل بىزنىڭ مال – دۇنيارىمىز، ھوقۇقىمىز، ئائىلىمىز بولۇپ، بىز ئۆلگەندە بۇلار ھەممىسى باشقىلارنىڭ بولۇپ كىتىدۇ! ئىككىنچى ئايالىمىز بولسا بىزنىڭ تۇغقانلىرىمىز ۋە دوستلىرىمىز بولۇپ، ئۇلار بىلەن قانچە يېقىن قان- قېرىنداش بولساقمۇ ئەڭ كۆپ بولغاندا پەقەت قەبرە بېشىغىچە بىزنى ئۇزىتىپ قويىدۇ خالاس…! بىرىنچى ئايالىمىز بىزنىڭ روھىمىز، ئىمانىمىز بولۇپ، بىز ماددى بايلىق ۋە نەپسىمىزنى راھەتلەندۈرىۋاتقاندا، راھەت-پاراغەتتىن بەھىرلىنىۋاتقاندا دائىم ئۇنىڭغا سەل قارايمىز…

بىلەمسىز؟ ئىمانىمىز بولسا بىزگە مەڭگۈ ھەمراھ بولىدىغان ئەڭ زور ئەڭگۈشتەرىمىزدۇر!

ناۋادا ھازىردىن باشلاپ روھىمىزغا، ئىمانىمىزغا ھەقىقى ئىتىبار بەرسەك بەلكى سەكراتتىكى پۇشايمان يىنىك بولىشى مۇمكىن…

 

ئابدۇلئەزىز مۇھەممەت تۇرسۇن ناۋاي تەرجىسىمى

 

 

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)