سىرىنى يوشۇرغان مۇرادىغا يېتىدۇ
تەۋە تۈر: مەن ياقتۇرغان ئەسەرلەر | يوللانغان ۋاقتى: 2014/05/23 | ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 859 قېتىم

ساقلىۋىلىشقا تىگىشلىك ھېكمەتلەر

1. ساڭا يامانلىق قىلغانغا ياخشىلىق قىلىش ئارقىلىق، ئۇنى ”جازالا“.

2. ھەقىقەتنى چۈشەنگىنىڭچىلىك، دىن قېرىندىشىڭنىڭ مۇئامىلىلىرىنىمۇ ياخشى چۈشەنگىن.

3. مۇسۇلمان قېرىندىشىڭنىڭ ئاغزىدىن چىققان بىر ئېغىز غۇدۇراشقا قارىتا، ياخشى باھا بېرىشكە مۇمكىن بولسىلا، ھەرگىزمۇ يامانلىققا ئۆرىمە.

4. ئۆزىنى تۆھمەتكە قويىدىغان ئىشلارنى قىلماقچى بولغان بىرى، ئۆزى ھەققىدە خاتا چۈشەنچىدە بولغۇچىلاردىن ئاغرىنمىسۇن.

5. سىرىنى يوشۇرغان مۇرادىغا يېتىدۇ.

6. سادىق دوستلىرىڭ بولسۇن، سايىسىدا سالقىندايسەن. چۈنكى، سادىق دوستلار، ھۇزۇرلۇق ۋاقىتلاردا سېنىڭ زىننىتىڭ، قىيىنچىلىق ۋاقىتلىرىڭدا قۇرالىڭدۇر.

7. سېنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان ئىش بولسىمۇ، توغرىلىقتىن ھەرگىزمۇ ئايرىلما!

8. ساڭا مۇناسىۋەتسىز بولغان ئىشلارغا ئارىلاشما.

9. تېخىچە ئوتتۇرىغا چىقمىغان ئىشلارنى سۈرۈشتۈرمە.

10. تەلەپ قىلمىغان كىشىلەرنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرىمەن، دېمە.

11. يالغان ئىشلارغا قىلىنغان قەسەمگە سەل قارىما، ئاللاھ سېنى ھالاك قىلىدۇ.

12. يامانلىقلارنىڭ تېگى تەكتىنى بىلىپ بېقىش مەقسىدىدە بولسىمۇ،  يامان ئىنسانلار بىلەن دوست بولما!

13. دۈشمەنلىرىڭدىن يىراق تۇر.

14. ئىشەنمىگەن دوستلىرىڭغا ئەھمىيەت بەرگىن! ئىشەنچلىك بىرى ئاللاھتىن قورققان بىرىدۇر.

15. قەبرىستانلىقلاردا چوڭقۇر ھۆرمەت تۇيغۇسى بىلەن تۇر.16، تائەت- ئىبادەت ۋاقىتلىرىدا ئۆزەڭنى بىچارە ھېس قىل.

17. گۇناھ ئىش قىلماقچى بولساڭ ئاقىۋىتىنى ئويلا.

18. ھەرقانداق بىر ئىشتا ئاللاھتىن قورقىدىغانلار بىلەن مەسلىھەتلەشكىن.ئاللاھ: ئاللاھنىڭ قۇللارى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ، دەيدۇ.

(ساھابىلار ھاياتىدىن)

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)