ئۇرۇشتىن كېيىنكى«قەھرىمان»لار
تەۋە تۈر: مەن ياقتۇرغان ئەسەرلەر | يوللانغان ۋاقتى: 2014/05/10 | ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 2,122 قېتىم

ئۇرۇشتىن كېيىنكى«قەھرىمان»لار

 

بىر كۈنى قوي ئۆزى يالغۇز تاغ باغرىدا ئوتلاۋاتقان ئىكەن ،ئۇشتۇمتۇت ئورمانلىق ئىچىدىن بىر بۆرە ئېتىلىپ چىقىپ قوينى يىمەكچى بوپتۇ ،قوي بىر تەرەپتىن سەكرەپ بار كۈچىنى ئىشلىتىپ مۆڭگۈزى بىلەن قارشى تۇرسا يەنە بىر تەرەپتىن ۋارقىراپ دوستلىرىنى ياردەمگە چاقىرىپتۇ.

كالا ئورمانلىق ئىچىدىن ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراپتۇ ،بىراق بۆرىنى كۆرۈپلا قورۇققىنىدىن كېتىپ قاپتۇ.

ئاتمۇ شۇنداق بىر قارىۋېتىپ بۆرىنى كۆرۈپلا بەدەر تىكىۋېتىپتۇ.

ئېشەك قەدەملىرىنى توخىتىتىپ ئۇياققا نەزەر تاشلاپتۇ بىراق بۆرىنى كۆرۈپلا چاندۇرماي تىكىۋېتىپتۇ.

چوشقا دەل شۇ ۋاقىتتا شۇ جايدىن ئۆتىۋاتقان ئىكەن ،ئۇمۇ بۆرىنى كۆرگەن ھامان دەرھال تاغ باغرىدىن قېچىپ كېتىپتۇ .

توشقانمۇ بۆرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپلا چاقماق تىزلىكىدە ئۆزىنى دالدىغا ئاپتۇ.

تاغنىڭ پەس تەرىپىدە يۈرگەن ئىت قوينىڭ ۋاقىرغىنىنى ئاڭلاپ تاغ باغرىغا قاراپ يۈگرەپتۇ، شۇنداقلا ئېتىلىپ كېلىپ بۆرىنىڭ بوينىدىن ئاپتۇ، بۆرە ئاغرىققا چىدىماي ئىڭراپ كېتىپتۇ ،بىراق بۆرە ئىتنىڭ دەم ئالغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ يۇلقۇنۇپ چىقىپ قېچىپ كېتىپتۇ.

ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن قوينىڭ دوستلىرى ئۇنىڭ ئەتراپىغا يېغىلىپ بەس -بەستە سۆزلەشكە باشلاپتۇ.

كالا دەپتۇ ”نېمىشقا مېنى چاقىرمىدىڭ؟مېنىڭ مۆڭگۈزۈم بۆرىنىڭ قورسىقىنى تېشىۋېتەتتى ئەمەسمۇ!“

ئات دەپتۇ:“نېمىشقا مېنى چاقىرمىدىڭ؟مەن تۇياقلىرىم بىلەن تېپىپ بۆرىنىڭ مىڭىسىنى چۇۋىۋىتەتتىم“

ئېشەك دەپتۇ:“نېمىشقا مېنى چاقىرمىدىڭ؟مەن  بار كۈچۈم بىلەن ھاڭراپ بۆرىنى قورقۇتۇپ يۈرىكىنى ئالاتتىم“

چوشقا دەپتۇ:“نېمىشقا مېنى چاقىرمىدىڭ؟مەن  تۇمشۇقۇم بىلەن بىرنى ئۈسسۈپ بۆورىنى تاغدىن دومىلىتىۋېتەتتىم“

توشقان دەپتۇ:“نېمىشقا مېنى چاقىرمىدىڭ؟ مەن تىز سۇرئەتتە باشقىلارغا خەۋەر بىرىپ ياردەمگە چاقىراتتىم ئەمەسمۇ؟“

بۇ تالاش تارتىشلاردا پەقەت ئىتلا زۇۋان سۈرمەپتۇ.

ھەقىقى دوست شېرىن-شىكەر سۆزلەر بىلەن كۆڭلۈڭنى ياسىغان ئادەم بولماستىن ،ھالقىلىق پەيتتە ساڭا ياردەم قولىنى سۇنالىغان ئادەمدۇر.

كۈن بويى ئەتراپىڭدا يۈرۈپ سېنى ئاز تولا خوش قىلغان ئادەم سېنىڭ ھەقىقى دوستۇڭ بولماستىن بەلكى قارىماققا يىراقتەك كۆرۈنگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە ھەر ۋاقىت ساڭا دىققەت قىلىپ تۇرىدىغان ،سەن خوشال ۋاقىتتا ساڭا خوشامەت قىلماستىن،بەلكى سەن ياردەمگە مۆھتاج بولغىنىڭدا ئۈن-تىنسىز سەن ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدىغان، ساڭا كۆڭۈل بۆلىدىغان ،سېنى يامان يولدىن توسۇپ ياخشى يولغا باشلىيالايدىغان ، سەن قايغۇرغاندا تەڭ قايغۇرالايدىغان ،سېنىڭ بەخىتلىك بولۇشۇڭنى ئومىد قىلىدىغان ئادەم سېنىڭكى ھەقىقى دوستۇڭدۇر.

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)