قەشقەر تىلى
تەۋە تۈر: تەرمە گۈللەر | يوللانغان ۋاقتى: 2014/02/22 | ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 533 قېتىم

قەشقەر تىلى

مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق


سۆزلىگەنتى ئوغۇزخان كەبى

«ئوردۇكەنت»تە ئالىپ ئەرتوڭا.

«توققۇزھۇجرا» لەرزىگە كەلگەن

راھىبلار خۇش قىلغاندا دۇئا.

 

چاقناتقانتى «قەشقەر كۈيى»نى

قىز-يىگىتنىڭ قۇتلۇق تويلىرى.

كۈي ئەۋجىدىن نۇرلىنىپ كەتكەن

تۈمەن، تارىم، ئورخۇن،… بويلىرى.

 

كۆلتىگىنلەر ياڭراتقان مۇقام

مەرمەر تاشقا كەتكەن ئويۇلۇپ.

خاقانىيە كۈلگەندە قايتا

«مەڭگۈ تاش»تىن چۈشكەن سويۇلۇپ.

 

«دىۋان» تۈزۈپ قىلغان يادىكار

ئۇلۇغ تىلچى ــ مەھمۇد كاشغەرى.

بۈيۈك شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپ

قەلەمكەشنىڭ بولغان سەرۋەرى….

 

يۇلتۇز كەبى ئالتۇن پۈتۈكلەر

يېزىلغاچقا «قەشقەر تىلى»دا.

ئەجدادلارنىڭ روھى چېچەكلەپ

يىلتىز تارتقان ئۇيغۇر دىلىدا.

 

پىچىرلايدۇ شۇڭلاشقا تارىخ:

«قەشقەر تىلى» ــ ئۇيغۇرنىڭ تىلى.

ئەۋلادلارغا يول ئېچىپ ماڭغان

پاك ۋىجدان ھەم غۇرۇرنىڭ تىلى!

2014-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)