چىشنى تېز ئاقارتىشنىڭ ياخشى ئۇسۇللىرى
1 . ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان ئاچچىقسۇنى ئېغىزغا ئېلىپ بىر مىنۇتتىن ئۈچ مىنۇتقىچە تۇرغۇزغاندىن كېيىن تۈكۈرۈۋېتىپ ، چىشنى چۇتكىلاپ بەرگەندە ، ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ. لېكىن چىشىڭىز چۈچۈمەل تەمدىن قاماپ قېلىشى مۇمكىن ، بۇ خىل سېزىم ئىككى مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملىشىپ ئۆزلۈكىدىن ياخشى بولۇپ قالىدۇ . بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك نۇقتا شۇكى ، بۇ خىل ئۇسۇلنى داۋاملىق قوللىنىشقا بولمايدۇ. ئىككى ئايدا بىر قېتىم ئىشلەتسىڭىز كۇپايە. بۇ ئۇسۇل يەنە ئېغىز پۇراشنى يوقىتىدۇ.2 . ئاپېلسىن پوستىنى قۇرۇتۇپ ، ئېزىپ ئۇندەك قىلىپ ، چىش پاستىسىغا ئارىلاشتۇرۇپ چىش چوتكىلىسىمۇ چىشنى تېز ئاقارتقىلى بولىدۇ.3 . چىش چوتكىلىغاندا چىش چوتكىسىغا ئازراق خېمىرتۇرۇچ پاراشۇكىنى سېپىپ چوتكىلىسا چىشنى تېز ئاقارتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.4 . چىش چوتكىلاپ بولغاندىن كېيىن لىمۇن سۈيى بىلەن چىشىڭىزنى سۈرتىسىڭىزمۇ چىشنى ئاقارتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.5 . خام يەر ياڭىقىنى چايناپ ، يۇتۇۋەتمەي ، ئۇۋاقلىرىنى چىش پاستىسى ئورنىدا ئىشلەتسىمۇ چىش ئاقارتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.6 . سىياھ بېلىقنىڭ ئۇستىخىنىنى ئېزىپ چىش پاستىسى ئورنىدا ئىشلەتسىڭىزمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ ( سىياھ بېلىقنىڭ بەدىنىدە بىر چوڭ ئۇستىغان بولۇپ ، ئاق رەڭدە كېلىدۇ، ئۇنى قىرىپ پاراشۇك ھالەتكە كەلتۈرۈپ ، چىش پاستىسى ئورنىدا ئىشلەتسىڭىزمۇ چىشنى تېز ئاقارتىدۇ).7 . يېمەكلىك سوداسى بىلەن چىشنى تازىلاش. چىش چوتكىسىغا ئازراق يېمەكلىك سوداسى سېپىپ چىشنى چوتكىلاپ بەرسە ھەمدە بۇ خىل ئۇسۇلنى ھەپتىدە بىردىن ئىككى قىتىمغىچە ، ھەر قېتىمدا ئۈچ مىنۇت داۋاملاشتۇرسا ، چىشنى پاكىز تازىلاپ ، پارقىرىتىدۇ.8 . چىش پاستىسىنى چوتكا ئۈستىگە سىقىپ چىقارغاندىن كېيىن يەنە ئازراق تۇزغا مىلەپ ، ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىككى قېتىم داۋاملاشتۇرسا ، بىر ھەپتىدىلا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى بولىدۇ.
- يازما سانى: 530 پارچە
- باھا سانى: 90 پارچە
- تۈر سانى: 6 پارچە
- خەتكۈش سانى: 24 پارچە
- قۇرۇلغان ۋاقىت:
- تور بېكەت ئېچىلغىلى 16526 كۈن بولدى
- يېڭىلانغان ۋاقتى: 2015-03-25