ياخشى ئادەملەرنىڭ مۇئامىلىسى ھەققىدە
تەۋە تۈر: تەرمە گۈللەر | يوللانغان ۋاقتى: 2014/01/17 | ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 411 قېتىم

ياخشى ئادەملەرنىڭ مۇئامىلىسى ھەققىدە

بوستان

شەيىخ سەئىدى

بۇ مەزمۇن توختى ھاجى تىللا تەرجىمە قىلغان شەيىخ سەئىدىنىڭ «بوستان»(شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2001-يىلى 9-ئاي 1- نەشرى) ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.

ھېكايەت

بىر مەرد ئادەم بار ئىدى. ئۇ كىرىمىدىن زىيادە ئېھسان قىلاتتى. ئاللاھ روھى پەس بىر كىشىنى دۆلەتمەن قىلمىسۇن ۋە مەردنىمۇ دۆلەتسىز قىلمىسۇن. ئېسىل روھلۇق، ھىممىتى ئۈستۈن كىشى مۇرادىغا كەم يېتىدۇ. ھالبۇكى، ئېگىز يەردە سەل ئاقمايدۇ.

مانا بۇ قولى ئوچۇق كىشى بارلىقىدىن زىيادە ئېھسان قىلغانلىقى ئۈچۈن قىيىنچىلىق تارتىۋاتاتتى.

بىركۈنى قولى قىسقا بىر كىشى ئۇنىڭغا مۇنداق مەكتۇپ يازدى:

«ئەي ئېسىلزادە، سېنىڭ ئاقىۋىتىڭ ياخشى بولغۇسى. قەرزدار بولغانلىقىم ئۈچۈن بىر قانچە كۈندىن بېرى تۈرمىدە يېتىۋاتىمەن، ماڭا بىر ئاز پۇل ياردەم قىل.»

تۈرمىدىكى ئادەم تەلەپ قىلغان پۇل مەردنىڭ كۆزىگە كۆپ كۆرۈنمىدى. لېكىن، قانداق قىلسۇنكى، قولىدا پۇل يوق ئىدى. ئۇ مەھبۇسنىڭ قەرز ئىگىلىرىگە مۇنداق مەكتۇپ يوللىدى:

«ئەي ئالىيجانابلار، شۇ بىچارىنىڭ ياقىسىدىن قولۇڭلارنى تارتىڭلار، ئۇنى تۈرمىدىن چىقارتىڭلار، ئەگەر قاچسا مەن كېپىل.»

ئاندىن تۈرمىدىن چىققان قەرزدارنىڭ ئالدىغا بېرىپ مۇنداق دېدى:

-       قاراپ تۇرما، بۇ شەھەردىن مۇمكىنقەدەر يىراققا قاچ.

قۇشقاچ قەپەسنىڭ ئىشىكى ئېچىلسا قاراپ تۇرامدۇ؟ خۇددى شۇنىڭدەك ئۇمۇ دەرھال شەھەردىن يىراققا قاچتى. ئۇ بۆكىنىڭ چۈشۈپ قالغىنىغا قارىماي شامالدەك يۈگۈرۈيتتى. ياق، ئۇنىڭ ئايىغىنىڭ توپىسىغا شامالمۇ يېتىشەلمەيتتى.

قەرز ئىگىلىرى بۇنى ئاڭلىغان ھامان ئۇنىڭغا كېپىل بولغان مەردنى تۇتۇپ زىندانغا تاشلاتتى. چۈنكى قەپەستىن قېچىپ كەتكەن قۇشنى تۇتقىلى بولمايتتى.

بۇ زات بىرمەزگىل تۈرمىدە ياتتى، نە بىر ئەرز يازمىدى، نە دەرد تۆكمىدى. لېكىن، كېچىلىرى ئۇخلىيالماي قىينىلاتتى. بىر كۈنى ئۇنىڭغا بىر تەقۋادار يولۇقۇپ:

-       سېنى خەلقنىڭ ھەققىنى يېدى دەپ قارىمايمەن، مەن سېنى تونۇيمەن، نېمە ئۈچۈن تۈرمىگە چۈشتۈڭ؟ – دېدى.

مەھبۇس جاۋاپ بەردى:

-       ئەي مۇبارەك زات، مۆلچەرىڭ توغرا. ھېچكىمنىڭ پۇلىنى ياكى مېلىنى ھىيلە بىلەن يەۋالمىدىم. بىر بىچارىنى تۈرمىدىن قۇتقۇزۇپ قويۇش ئۈچۈن ئۆزۈم تۈرمىگە چۈشتۈم. باشقا ئامالىم يوق ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ ئازاب بىلەن قىينىلىشىنى ۋە ئۆزۈمنىڭ راھەت ياشىشىمنى توغرا تاپمىدىم.

زامانلار ئۆتۈپ، ھېلىقى مەرد ئالەمدىن ئۆتتى. لېكىن، ياخشى نامى قالدى.

تۇپراقنىڭ تېگىدە جىسمى ئۆلسىمۇ، لېكىن روھى جەھەتتە ئۆلمىگەن كىشى روھى ئۆلۈپ جىسمى تىرىك بولغاندىن ئەۋزەلدۇر.

تىرىك روھ قەتئىي ئۆلمەيدۇ.

 

ياخشىلارغا ۋە يامانلارغا ياخشىلىق قىلىش ھەققدە

بىر كىشى چۆلدە بىر ئىتنى كۆردى. قارىسا ئۇ جانىۋار ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلەر ھالەتكە كېلىپ قالغانىكەن.

ھېلىقى كىشى بېشىدىكى كۇلاھسىنى چېلەك، سەللىسىنى ئارغامچا قىلىپ، ئۇ يەردىكى قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ ئىتقا بەردى. بىچارە ئىت سۇنى ئىچىپ جانلاندى.

ھەزىرتى پەيغەمبەر ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، جانابى ھەقنىڭ ھېلىقى ئادەمنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

دوستۇم، زالىم بولساڭ ئاقىۋىتىڭنى ئويلا. ۋاپادار بول، ياخشىلىق قىلىشقا ئادەتلەن ۋە ئۇنى ئۆزۈڭگە كەسىپ دەپ قارا.

بىر ئىتقا ياخشىلىق قىلىش ئاللاھ ئالدىدا زايە كەتمىگەن يەردە، ئادەمگە قىلىنغان ياخشىلىقنى زايە كېتىدۇ دەپ قارامسەن؟

جانابى ھەق ياخشىلىق ئىشىكىنى ھېچكىمگە ياپمايدۇ. قولۇڭدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىل.

بىر باينىڭ خەزىنىسىدىن بىر سەر ئالتۇن بېرىشى، بىر كەمبەغەلنىڭ ئۆز ئەمگىكى بىلەن تاپقىنىدىن بەرگەن بىر مىسقال كۈمۈشچىلىكمۇ بولالمايدۇ.

ھەركىم ئۆز كۈچىگە تۇشلۇق يۈك كۆتۈرەلەيدۇ. چېكەتكىنىڭ پۇتى چۈمۈلىگە ئېغىر كېلىدۇ.

 

خەلق بىلەن ياخشى ئۆتۈش، كەمتەر بولۇش ھەققىدە

ئاللاھ ئەتە سېنى قىيىن – قىستاققا ئالماسلىقى ئۈچۈن، بۈگۈندىن باشلاپ خەلق بىلەن ياخشى ئۆت. ئۇلارغا قۇلايلىق كۆرسەت ۋە سىلىق مۇئامىلە قىل.

ئاجىزلارنىڭ قولىدىن تۇتقاننىڭ قولىنى ئەتە ئۆزى ئاجىزلاشقىنىدا تۇتىدىغانلا چىقىدۇ.

چاكىرىڭغا، قول ئاستىڭدا ئىشلەيدىغانلارغا ئازارلاپ ئەمر بەرمە، سەن بۈگۈن ئەمر بەرگەن كىشى ئەتە ساڭا ئەمر بېرىدىن ئورۇنغا چىقىشى مۇمكىن.

يۇقۇرى مەرتىۋىدە بولغان مەزگىلىڭدە يوقسۇللارغا ۋە خەلققە زومىگەرلىك قىلما. چۈنكى، شاھماتتا ۋەزىر بولغان پېشكىغا ئوخشاش، يوقسۇللارنىڭمۇ مەرتىۋىلىك ۋە مەنسەپدار بولغانلىقى كۆرۈلگەن.

مېنىڭ بۇ نەسىھىتىمنى ئاڭلا:

يىراقنى كۆرىدىغان كىشى ھېچكىمنىڭ قەلبىگە ئۆچمەنلىك ئۇرۇقى چاچمايدۇ.

خامان ئىگىسى باشاقچىنى قوغلىسا، ئۆزى زىيان تارتىدۇ.

قول ئىلكىدە بار كىشى بىر نەرسىدىن قورقىشى كېرەك، ئۇ بولسىمۇ: ئاللاھ باينىڭ بايلىقىنى يوقسۇلغا ئېلىپ بېرىدۇ ۋە يوقسۇلنىڭ دەردىنى ئۇ بايغا يۈك قىلىپ ئارتىدۇ.

قانچىلىغان باي ۋە كۈچ – قۇۋۋەتلىك كىشىلەرنىڭ كېيىنكى چاغلاردا مۇھتاجلىققا چۈشكەنلىكى ۋە قانچىلىغان ئاجىزلارنىڭ كېيىنكى چاغلاردا تەلىيى كەلگەنلىكى كۆرۈلگەن.

بۇيرۇقۇڭ ئاستىدا ئىشلىگەنلەرنىڭ دىلىنى ئاغرىتما. ئېھتىمال، كۈنلەرنىڭ بىرىدە سەنمۇ ئۇلارنىڭ بۇيرىقى ئاستىدا ياشاشقا مەجبۇر بولۇپ قالىسەن.

 

بىچارىلەرگە رەھىم قىلىشنىڭ پايدىسى

بىر كەمبەغەل چىرايى سەت بىر باينىڭ ئالدىغا بېرىپ يوقسۇللۇقىدىن ھال ئېيتىپ ياردەم تىلەپتۇ.

ئۇ كۆڭلى قارا باي بىچارە كەمبەغەلگە ئاز بولسىمۇ پۇل بەرمىگەننىڭ ئۈستىگە ئۇنى يوقال دەپ قوغلاپتۇ.

كەمبەغەل ئۇنىڭ قىلغان ھاقارىتىنى شۇنچىلىك ھار ئاپتۇكى، يۈرىكىگە قان تولۇپتۇ ۋە خاپىلىقىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ دەپتۇ:

-       ھەيرانمەن، مەن بولسام كەمبەغەل، تەرىمنى تۈرسەم ئورۇنلۇق. لېكىن، ئۇ نېمىگە تەرىنى تۈرىدىغاندۇ؟ بىر كۈنى ئۆزىنىڭمۇ مۇشۇنداق كەمبەغەل بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكىدىن قورقمامدىغاندۇ؟

باي مالىيىغا:

-       بۇ ئەبلەخنى ھاقارەتلەپ دەرۋازىدىن قوغلاپ چىقار! – دەپتۇ.

بۇ باي ھەقتەئالاغا شۈكۈر قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئىشلىرى تەتۈرگە مېڭىپ بايلىقىدىن ئەسەر قالماپتۇ. ئۈمىد يۇلتۇزى قەلىمىنى قارا سىياھقا چىلاپ ئۇنىڭ پىشانىسىگە قاراپ بەختىنى يېزىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ سويۇلغان پىيازدەك يالىڭاچ قاپتۇ. نە مېلى قالماپتۇ، نە جېنى… تەقدىر ئۇنىڭ بېشىغا نامراتلىق توپىسىنى چېچىپتۇ. يانچۇقى تۆشۈك، قاچىسى قۇرۇق قاپتۇ. قاقسەنەم قىزىل كۆزنىڭ ئۆزى بوپتۇ.

ئۇنىڭ ھالى پۈتۈنلەي ئۆزگۈرۈپ، زادى تونۇغىلى بولمىغۇدەك  بولۇپ قاپتۇ. بىر مەزگىل مۇشۇنداق ياشىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ مالىيىنى بىر ئادەم سېتىۋاپتۇ. ئۇ ھەم مەرد، ھەم روھى باي ۋە پاك ئەخلاقلىق كىشى ئىكەن.

ھېلىقى باي پۇل – دۇنياغا، مال – مۈلۈككە قانچىلىك ھېرىسمەن بولسا، بۇ مەرد يوقسۇللارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا، ئۇلارغا يار – يۆلەك بولۇشقا شۇنچىلىك ھېرىسمەن ئىكەن.

بىر كۈنى كەچقۇرۇن بۇ مەردنىڭ دەرۋازىسىنى بىر تىلەمچى قېقىپتۇ. يوقسۇللۇقتىن قولى تۇتماس، پۇتى باسماس بولۇپ قالغان بىر نامرات ئىكەن.

مەرد مالىيىغا:

-       ئۇ بىچارىنى رازى قىل، نېمە تەلەپ قىلسا بەر، – دەپتۇ.

مالاي داستىخاندىن بىر تاۋاق ئاش ئېلىپ تىلەمچىگە بېرىپتۇ – دە، بىردىنلا پەرياد قىلىپ يىغلاشقا باشلاپتۇ. ئۇ قايغۇلۇق ۋە پەرىشان ھالدا قايتىپ كىرگىنىدە مەرد ئۇنىڭدىن:

-       نېمە بولدۇڭ؟ نېمىگە كۆز يېشى قىلدىڭ؟ – دەپ سوراپتۇ.

-       بۇ تىلەمچى ئۆز ۋاقتىدا باي ۋە مېنىڭ خوجايىنىم ئىدى. بۇ بەخىتسىز بوۋاينىڭ ھالى مېنى پەرىشان قىلىۋەتتى، يۈرىكىم پارە – پارە بولدى. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا كاتتا بايلىق ئىگىسى ئىدى… بۈگۈن بولسا ئۆيمۇ – ئۆي كىرىپ ئالىقان ئېچىپ يۈرۈپتۇ، – دەپتۇ مالاي.

مەرد ئادەم ئاچچىق كۈلۈپ مۇنداق دەپتۇ:

-       يىغلىما بالام، زامان ھېچكىمگە زۇلۇم سالمايدۇ. بۇ ھېلىقى كەمبەغەللەرگە تەرىنى تۈرۈپ كۆزۈمدىن يوقال، جەھەننەمگە كىرگەيسەن دەپ ھاقارەتلەپ مالىيىغا قوغلاتقان سودىگەر ئەمەسمۇ؟ خۇداغا ئامانەت، ئۇ ئاللاغىمۇ تەرىنى تۈرەتتى. ئۆز ۋاقتىدا مېنىمۇ ھاقارەتلەپ قوغلاتقانىدى، ئاللاھ ماڭا ياردەم قىلدى، مېنى ئۇنىڭ ئورنىغا، ئۇنى مېنىڭ ئورنۇمغا قويدى.

 

ئاللاھنىڭ ھېكمىتى مانا شۇنداق. بىر ئىشىكنى تاقىسا، ئۇلۇغلۇقى بىلەن يەنە بىر ئىشىكنى ئاچىدۇ.

قانچىلىغان يوقسۇل باي بولدى، قانچە باينىڭ ئىشلىرى ئاستىن – ئۈستىن بولدى.

 

ياخشى ئادەملەرنىڭ مۇئامىلىسى ھەققىدە ھېكايە

ياخشى ئادەم بولساڭ، ساڭا ياخشى كىشىلەرنىڭ مۇئامىلىسى ھەققىدە سۆزلەپ بېرەي، قۇلاق سال. ئۇلارنىڭ قانداق قىلغانلىقىنى ئۆگەن.

ئەبۇ بەكىر مۇھەممەد بىن ھالەف شىبلى ھەزرەتلىرى بىر بۇغدايچىنىڭ دۇكىنىدىن بىر خالتا بۇغداي ئېلىپ ، مۈرىسىگە ئارتىپ يېزىسىغا ئېلىپ كەتتى.

قارىسا بۇغداينىڭ ئىچىدە بىر چۈمۈلە پەرىشان ھالدا ئۇياق – بۇياققا چېپىپ يۈرەتتى.

شىبلى ھەزىرەتلىرى چۈمۈلىنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ قالغانلىقىدىن بىئارام بولىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ بايقۇشنى ئۆز ماكانىدىن ئايرىپتىمەن دەپ ئەپسۇسلاندى ۋە شۇ ۋەجىدىن كېچىچە ئۇخلىيالمىدى. تاڭ ئېتىش بىلەنلا ئۇ چۈمۈلىنى ئۆز جايىغا ئاپىرىۋەتتى.

قەلبى پەرىشان بولغانلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى بۇ پەرىشانلىقتىن قۇتقۇزغىنكى، پەلەكمۇ سېنىڭ كۆڭلۈڭنى پەرىشان قىلمىسۇن.

پاك نىيەتلىك فىردەۋىس نېمىدېگەن ياخشى ئېيتقان:

يەم توشۇغان چۈمۈلىگە ئازار بەرمە، ئۇنىڭغىمۇ جان تاتلىق.

كۆڭلى قارا ۋە باغرى تاش بولما، چۈمۈلىنىڭمۇ دىلىنى ئاغرىتما.

كۈچلۈك قولۇڭ بىلەن ئاجىزنىڭ بېشىغا ئۇرما، بىر كۈنى چۈشۈپ قالىسەن چۈمۈلىگە ئوخشاش ئۇنىڭ ئايىغىغا. پەرۋانە شامغا ئاشىق بولسىمۇ، قىلمىدى شام ئۇنىڭغا ۋاپا.

ساڭا كۈچى يەتمەيدىغان نۇرغۇن كىشىلەر بار دەپ پەرەز قىلايلى، لېكىن بىلىپ قويغىنكى، سەندىنمۇ كۈچلۈكلەر كۆپتۇر.

 

ئاليجانابلىق ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسى ھەققدە

ئوغلۇم، خەير – ئېھسان قىل. ئىنسان ئېھسان بىلەن، ۋەھشى ھايۋان تۇزاق بىلەن ئوۋلىنىدۇ.

دۈشمەنلىرىڭنىڭ بويۇنلىرىنى ئىلتىپات كەمىرى بىلەن ئۆزۈڭگە شۇنداق چىڭ باغلىغىنكى، قىلىچمۇ ئۆتمىسۇن.

دۈشمەن ياخشىلىق كۆرسە، ئۇنىڭدىن يامانلىق كەلمەس.

يامانلىق قىلمىغىنكى، كېيىن دوستلىرىڭدىنمۇ يامانلىق كۆرىسەن. چۈنكى يامان ئۇرۇقتىن ياخشى ھوسۇل ئالغىلى بولمايدۇ.

دوستۇڭغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرساڭ، تەكرەر چىرايىڭغا قاراش ۋە دىدارىڭنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ.

ئىنسان دۈشمەنلىرىگە ياخشى مۇئامىلە قىلسا، ئۇزۇن ئۆتمەي دۈشمەنلىرى ئۇنىڭ بىلەن دوست بولىدۇ.

 

ئېھسان بىلەن كۆڭۈل ئۇتۇش ھەققىدە ھېكايە

يولدا كېتىۋاتقىنىمدا ئالدىمغا بىر ياش يىگىت چىقتى، كەينىدىن بوينى تاسمىلىق ۋە تاسمىنىڭ بىر ئۇچى يىگىتنىڭ قولىدا، بىر قوي ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى. ئۇنىڭغا دېدىم:

-       قوينى كەينىڭدىن ئەگەشتۈرگەن بۇ تاسما، تاسمىنى قويىۋەتسەڭ، قوي كەينىڭدىن ئەگەشمەيدۇ.

مەن بۇ سۆزنى قىلىش بىلەنلا، ھېلىقى يىگىت تاسمىنى قويىۋەتتى. ئاندىن ئوڭغا – سولغا يۈگۈرۈشكە باشلىدى. قاياققا ماڭسا قويمۇ كەينىدىن يۈگۈرۈيتتى، چۈنكى قوي ئۇ يىگىتنىڭ قولىدىن  يەم يېگەنىدى.

بۇ ھال بىر مەزگىل شۇنداق داۋاملاشتى، كېيىن يىگىت مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ مۇنداق دېدى:

-       قوينى مېنىڭ كەينىمدىن ئەگەشتۈرگەن تاسما ئەمەس، ئۇنىڭغا بەرگەن يەم. بۇ ئىشلار مانا شۇنداق، ئەي ئەقىللىق زات!

پىل كۈچلۈك ۋە ھەيۋەتلىك بىر ھايۋان بولسىمۇ، ئىگىسىگە ھۇجۇم قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدىن ئىلتىپات كۆرگەن.

ئەي ياخشى ئىنسان! يامانلارغىمۇ ياخشىلىق قىل، چۈنكى ئىتمۇ نېنىڭنى يېگىنى ئۈچۈن سېنى قوغدايدۇ.

يولۋاس دېگەن يىرىتقۇچ ھايۋان بىر – ئىككى كۈن ئىگىسىنىڭ تۇزىنى يالىسا، ئىگىسىگە چىشى ئۆتمەس بولارمىش.

 

ھېكايەت

بىر ئادەم بىر تۈلكىنى كۆرۈپتۇ. قارىسا ئۇ بايقۇشنىڭ نە قولى يوق، نە ئايىغى. ھېلىقى ئادەم جانابى ھەقنىڭ قۇدرىتىگە ھەيران بولۇپ:

«بۇ جانىۋارنىڭ نە قولى، نە ئايىغى يوق ئىكەن، قانداق جان باقىدىغاندۇ» دەپ ئويلاپتۇ.

دەل شۇ چاغدا، ئۇ يەردىن بۆرە ئوۋلىغان بىر شىر ئۆتۈپتۇ. شىر بۆرىنى يەپ تويۇپ، تاشلاپ كەتكەن قالدۇقىنى تۈلكە يەپ تويۇپتۇ.

ھېلىقى كىشى باشقا بىر كۈنى باشقا بىر پۇرسەت بىلەن تۈلكىنىڭ قارنىنىڭ يەنە  توقلۇقىنى كۆرۈپ مۇنداق دەپتۇ:

«تۈلكىنىڭ رىزقى ئۆزلىكىدىن كېلىدىكەن، شۇنداق ئىكەن، ئاۋارە بولۇپ چۈمۈلىدەك ئىشلىشىمنىڭ نېمە ھاجىتى؟ بىر بۇلۇڭدا ئولتۇرۇپ رىزقىمنى كۈتەي.»

ئۇ بايقۇش كۈتۈپ ئولتۇرىۋېرىپتۇ. كەلگەن – كەتكەن بولماپتۇ. يا بىر تونۇش ئۇچرىماپتۇ، يا بىر يات ئادەم… يەيدىغان نەرسە يوق، ئورۇقلاپ بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قاپتۇ. سەۋر – تاقىتى تۈگەپ، ئاجىزلاپ ئەقىل – ھوشىدىنمۇ ئېزىپتۇ.

ئۇنىڭ بۇ ھالى داۋاملىشىۋاتقاندا، بىردىن ئۆزى تۇرىدىغان مەسچىتنىڭ مېھرابىدىن مۇنداق بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ:

-       ئەي يامان ئويلىغان ئىنسان! ئۆزۈڭنى چولاق تۈلكىنىڭ ئورنىغا قويما. ئورنۇڭدىن تۇر، شىردەك يىرىتقۇچ بول. شۇنداق تىرىشقىنكى، شىرغا ئوخشاش سەندىنمۇ ئېشىپ قالسۇن. ئاجىز تۈلكىدەك ئېشىپ قالغاننى يېمە. شىردەك يەلكىسى يوغان تۇرۇپ، ئامالسىز قالغان تۈلكىدەك ئولتۇرغان ئادەمدىن ئىت ياخشى.

رىزقىڭنى ئىشلەپ تاپ، ئۆزۈڭمۇ يە، باشقىلارغىمۇ يېگۈز. باشقىلاردىن ئېشىپ قالغانغا كۆز سالما. قولۇڭنىڭ كۈچى بىلەن، يەنى غەيرەت قىلىپ نېسىۋەڭنى تاپ ۋە باشقىلارنىمۇ راھەتلەندۈر. پەسكەشلەردەك ئۇنىڭ – بۇنىڭ قولىغا قارىما.

ئەي يىگىت! ئۆزۈڭنى چۈشۈرۈپ، ۋاي، يۆلەپ قوي دېمە، ئەكىسچە پېقىر – پۇقرالارغا يار – يۆلەك بول.

ئاللاھ كىمگە ئىلتىپات قىلىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟ خەلق كىمنىڭ سايىسىدە ھوزۇر – ھالاۋەتكە ئېرىشسە، ئاللاھ شۇنىڭغا ئېھسان ۋە ياخشىلىق قىلىدۇ.

قايسى باشتا مېڭە بولسا، ئۇنداق كاللا ئېھسان قىلىشنى ئويلايدۇ ۋە شۇنداق قىلىدۇ. پەسكەشلەرنىڭ، ھىممەتسىز ۋە ئىنسانىيەتسىزلەرنىڭ بېشىدا بۇنداق مېڭە يوق. ئۇلارنىڭ كاللىسى قۇرۇق تېرىدىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر.

ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ياخشىلىق قىلغان كىشىلەر بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىققا مۇيەسسەر بولىدۇ.

بابەندقىس (تۈركىستان تەرەپتىكى بىر چۆل) يولىدا بىر تۆگىچى ئوغلىغا نېمىدىگەن ياخشى ئېيتقان:

-       ئوغلۇم، سەپەر ئوزۇقۇڭنى ياخشىلار بىلەن بىللە يە، نېمە ئۈچۈن؟ ياخشىلار بۇرادىرىسىز تاماق يېمەيدۇ.

مەنبە: بىلدۈر بلوگى

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)