توققۇز بۇلبۇل-توققۇز شائىردۇر
تەۋە تۈر: نەزمىي ئەسەرلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2013/11/04 | ئىنكاس: 6 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,205 قېتىم

توققۇز بۇلبۇل-توققۇز شائىردۇر

 

(پوسكام نېفىت بازىسىدا جەم بولۇش خاتىرىسى)

 

مۇھەممەد كامال خۇشخۇي

 

ئېچىل داسقان ئېچىلدى گۈلدەك،

توققۇز بۇلبۇل يايراشتى قېنىپ.

كۈلۈپ كەتتى نازۇ-نىمەتلەر،

يۈرەكلەردە ئوتقاشتەك يېنىپ.

 

ھېكايەتلەر ياغدى سىمىلداپ،

بۇلبۇللارنىڭ كەچمىشلىرىدىن.

توققۇز بۇلبۇل-توققۇز شائىردۇر،

داستان پۈتكەن ئەتمىشلىرىدىن.

 

ھەربىر نىمەت بىردىن لىرىكا.

ئەلقىزىنىڭ مېھرىدە پۈتكەن،

ئوقۇپ چىقتۇق ھاياجان بىلەن،

بارمۇ مۇنداق كۈتۈلگەن-كۈتكەن؟

 

دەملەپ تۇردى چاينى تۇرغۇنجان،

چاقچاق بىلەن قاينىتىپ تىنماي.

شاھلار ئىچكەن چايمۇ شۇنچىدۇر،

ئىچسەك-ئىچسەك چاڭقىدۇق قانماي.

 

ئۇچۇپ كەتتى ھاردۇق تورغايدەك،

تەككۈزگەندە نىمەتلەرگە تىل.

يول جاپاسى ئۇنتۇلدى تامام،

دوستلۇق مېھرى سۆيۈندۈرۈپ دىل.

 

دوستلار ئۈچۈن دىدار غەنىمەت،

غەنىمەتكە ئۆتكۈزلە پارات.

بىزگە سۇنغان ھۆرمەت چايلىرىغا،

«رەھمەت»دەيمىز تۇنساگۈل بارات!

 

2013-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى(شەنبە كەچ)،گۇما-كۆكئوتاغ.

 

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 
    • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم خۇشخۇي ئەپەندى،
      ئابدۇرسۇل ئۆمەرنىڭ «ئەدىب ۋە پەزىلەت» دېگەن كىتابىدا «غېرىب -سەنەم» رومانى ھەققىدىكى ئوبزۇرىنىڭ بار-يوقلىقىنى بىلىدىم. ئۇچۇر بېرەمسىز؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى چ ك 14:16
    • مۇمكىن بولسا تەۋسىيە بىكەتلەر قاتارىغا مىنىمۇ قوشۇپ قويسىڭىز تىخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى چ ب 08:18
    • يىڭى چاپان كىيىۋاپسىز، بەك يارىشىپتۇ، مۇبارەك بولسۇن

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى چ ب 08:17
      • رەھمەت،ئاخشام ئالماشتۇرۇپ باقتىم.بىلىكئال تارقىتىپتىكەن.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى چ ب 08:18
    • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەر ، شىئىر ياخشى چىقىپتۇ ، ھورى چىقىپ تۇرۇپتىكەن، قارىسام نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا يىزىلغانكەن :smile:

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى چ ب 08:16

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)