قەلبىمدە بىر ھېكمەت كۆيەر قوقاستا…
تەۋە تۈر: نەزمىي ئەسەرلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2014/01/14 | ئىنكاس: 1 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,222 قېتىم

ئىككى شېئىر


مۇھەممەد كامال خۇشخۇي


ھايات

تىغ ئۈستىگە تارتىلغان قىلنىڭ،

ئۈزۈلمىكى ئاران بىر تىنىق.

تەلەي كەلسە نەچچە ئون يىلنىڭ،

تاناۋىنى تارىتمىقى ئىنىق.

يېشىل ئارال،يېشىل دېڭىزدا،

يېشىل رەڭگە كۆمۈلدى بىر جان،

تاشقىن ياساپ چاناقلار ئۇدا،

قىيىق يىغلار ياش ئورنىغا قان.

قۇشلار چىشلەپ كىملىكنى ئۈنسىز،

ئۆي-ئۆيلەرگە تاشلايدۇ سۇئال.

بىراق جىمى دېرىزە گۆنسىز،

تىترەر گويا باھاردا غال-غال…

2013-يىلى 17- دىكابىر(سەيشەنبە)،شەھىرى سەنيا.

قولۇمنى قولىدا تونۇيدۇ ناۋاي

1
ئايازنىڭ ياپ-يېشىل بەرگىلىرىدە،
ئېچىلدى كۆڭلۈمنىڭ گۈللىرى ئەلھال.
بۇلبۇللار ناۋاسى دىللارغا تۇتقۇن،
شەبنەملەر تاشلايدۇ تىنىمسىز سۇئال.
چايكىلار قولىدا خىيالىم غېرىپ،
قىرغاقنى شورايدۇ دېڭىز دولقۇنى.
كاتىرنىڭ قەلبى لەش سىم-سىم يامغۇردا،
يامغۇرنىڭ غەرقتۇر دېڭىزدا ئۈنى.
يۈرىيمەن يوللارنىڭ چۈشىدە غۇۋا،
قولۇمنى قولىدا تونۇيدۇ ناۋاي.
نان ئەمەس ئاي دېدىم ئۇنىڭ ساتقىنى،
ئەقىدەم نۇرلاندى قۇياشتەك ئاي-ھاي!
2
بوشلۇقتا لەپەڭشىپ قالىدۇ قولۇم،
كىراكەش ئالدىمدىن قاچقاندا ئوقتەك.
دوپپامدىن ھۈركىگەن شوپۇرنىڭ ئويى،
يوللارنى يالمايدۇ ئوزۇقى يوقتەك.
ھەيرانلىق كۆزلىرى كۆزۈمدە مېھمان،
قاسناقتا سەپ تۈزگەن دەرەخنىڭ بۇدەم.
ئىڭرايدۇ تەر بېسىپ كوچا چىرىقى،
تەشۋىشىم تەشۋىشكە تۇتقۇن ياكى يەم.
3
سىلايدۇ يۈزۈمنى سەھەر شامىلى،
ئانامنىڭ قولىدا ئاۋايلاپ ئاستا.
چېھرىمدە پارلايدۇ قۇياشنىڭ رەڭگى،
قەلبىمدە بىر ھېكمەت كۆيەر قوقاستا…
ئىككىنچى قەۋەتتىن چۈشىمەن مەغرۇر،
ئون ئالتە پەشتاقنى قويۇپ پىراقتا.
غىدىقلار روھىمنى ئوتلۇق ھەۋەستە،
بىر ئۇيغۇر ساتقان نان يىراق-يىراقتا…
2013-يىلى 21-دىكابىر(شەنبە)،شەھىرى سەنيا.
huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 
    • بىلوگنىڭ يىڭى ئۇسلۇبى بەك پىچەت چىقىپتۇ ، نەچچىگە لايىھەلەپ بەردى .

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى چ ب 10:35

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)