شەيىخ سەئىدى ھېكمەتلىرى
تەۋە تۈر: تەرمە گۈللەر | يوللانغان ۋاقتى: 2014/01/14 | ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 903 قېتىم

شەيىخ سەئىدى ھېكمەتلىرى

1
بايلىق ئۆمۈرنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈش ئۈچۈندۇر، ئەمما ئۆمۈر مال توپلاش ئۈچۈن ئەمەس . بىر ئاقىلدىن(كىشىلەر) سوراشتى : بەخىتلىك كىم  ۋە بەخىتسىز كىم؟  ئاقىل دېدى : بەخىتلىك شۇ كىشىكى، يەپ ئىچتى ھەم تېرىدى . بەخىتسىز شۇ كىشىكى ، ئۆلدى، ھەممە نېمىسى قېپقالدى.
تۆھپىسىز ئۆلگەن بېخىلنىڭ نامىزىنى ئوقۇما،
مال يىغىشقا كەتتى ئۆمرى،ئۆزىمۇ نەپ كۆرمىدى.
2
مۇسا ئەلەيھىسسالام قارۇنغا <1> نەسىھەت قىلدى: ئاللاھ ساڭا ئىھسان قىلغاندەك ، سەنمۇ كىشىلەرگە ئىھسان قىل!  <2> ئۇ قۇلاق سالمىدى،ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى سەن ئاڭلىغان  !
كىم ياخشى بىر ئىش قىلمىسا دىنار-دىرھەمدىن، <3>
ئاخىر بېشىنى بەرگۈسىدۇر دىنار-دىرھەمگە .
گەر  بەھرە ئالاي دىسەڭ  ھەر ئىككى دۇنيادىن ،
ئاللاھ ساڭا قىلدى كەرەم، قىل سەنمۇ ئادەمگە  .
ئەرەب ئېيتىدۇ: ياخشىلىق قىل ، ئەمما مىننەت قىلما،چۈنكى، پايدىسى ئۆزۈڭگە  بولىدۇ!  يەنى سېخىيلىق قىل ، ئەمما مىننەتدارلىق تەلەپ قىلما، چۈنكى پايدىسى ئۆزۈڭگە قايتىدۇ !
كەرەم دەرىخى سۈرسە يىلتىز قايان ،
ئۆسەر شاخ ۋە تاجى پەلەكتىن بەلەن.
ئۇنىڭ مېۋىسىنى ئەگەر يەي دىسەڭ ،
تېگىن ھەرىلەپ كەسمە مىننەت بىلەن.
شۈكۈر قىلغىن خۇداغا، ياخشىلىققا ئېرىشتىڭ
سېنى نىئمەت-بەرىكەتتىن قالدۇرمىدى بىر چەتتە.
قىلچە مىننەت قىلمىغىن، خىزمەت قىلساڭ سۇلتانغا،
مىننەتدار بول ئۇنىڭدىن تۇتقاچ سېنى خىزمەتتە.
3
ئىككى خىل كىشىنىڭ جاپا تارتقىنى بىكار ، تىرىشقىنى پايدىسىز: بىرى مال يىغدى ، يېمىدى؛ يەنە بىرى ئۆگەندى ، ئەمەل قىلمىدى.
ئىلىمنى قانچىلىك ئۆگەنسەڭ، ئۆگەن ،
مۇبادا ئىشلەتمىسەڭ نادانسەن.
ئەمەسسەن نە ئالىم، نە بىر دانىشمەن،
تۆت پۇتلۇق ئۇلاغسەن، كىتاب يۈكلەنگەن .
ئۇ بىر مېڭىسىزكى ، ھېستىن بىخەۋەر ،
بىلمەس ئۈستىدىكى ئوتۇنمۇ ، دەپتەر.
4
ئىلىم دىننى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈندۇر، ھەرگىز مال دۇنيا تېپىش ئۈچۈن ئەمەس.
كىمكى پەرز ، ئىلمۇ تەقۋالىقنى سېتىپ پۇل قىلار ،
بىر دۆۋە خاماننى توپلاپ ئوت يېقىپلا كۈل قىلار.
5
پەرز قىلمايدىغان ئالىم_ مەشئەل كۆتۈرۈۋالغان قارىغۇ ، ئۇ باشقىلارغا يول باشلايدۇ يۇ ، ئەمما ئۆزى توغرا يولدا ماڭمايدۇ.
كىمكى بىپايدا ئۆمرىن ئۆتكۈزدى  ،
نەرسە ئالماستىن  پۇلىنى  بۇزدى .
6
مەملىكەت ئۆز ئالىملىرى بىلەن ھۆسىن تاپىدۇ، دىن پەرزكار كىشىلەر بىلەن كامالەتكە ئېرىشىدۇ. ئاقىللارنىڭ پادىشاھقا يېقىنلىشىشىقا مۇھتاج بولۇشىدىن كۆرە ،  پادىشاھلار دانىشمەنلەرنىڭ سۆھبىتىگە كۆپرەك مۇھتاج بولىدۇ.
قۇلاق سال، بىر نەسىھەت ساڭا ئەي شاھ ،
جاھاندا مۇندىن ئارتۇق يوق نەسىھەت .
ئەمەل بەرمە ئاقىللاردىن بۆلەككە   ،
ئەگەر ئاقىل ئىش ئەمەلدىن بولسىمۇ چەت .
مەنبە :گۈلىستان .
huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)