ئون ماددىلىق ئائىلە تەربىيىسى
ئامېرىكانلارنىڭ ئون ماددىلىق ئائىلە تەربىيىسى
1. باشقىلار بىلەن ئۇچىراشقاندا ئالدىن سالام بەر، باشقىلارنىڭ ياخشىلىقى ۋە ياردىمىگە ئېرىشكەندە، ئېغىزچە ياكى يازمىچە رەھمىتىڭنى بىلدۈر، باشقىلارغا ئاۋارىچىلىق توغدۇرۇپ سالغاندا جەزمەن نەق مەيداندا كەچۈرۈم سورا.
2. ئاممىۋى سورۇنلاردا(ئويۇن سورۇنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا)ئاۋازىڭنى ئۈچىنچى بىر ئادەم ئاڭلىمىغۇدەك دەرىجىدە پەس قىل.
3. داداڭغا ئېيتىشنى خالىمايدىغان ئىشلارنى ئاناڭغا ئېيىت، ئاناڭغا ئېيتىشنى خالىمايدىغان ئىشلارنى داداڭغا ئېيىت. قانداقلا بولمىسۇن، ئىككىسىنىڭ بىرىنى خەۋەردار قىل.
4. يالغان سۆزلەپ باشقىلارنى ئالدىما، بولمىسا ئورۇق-توغقان ۋە دوست-بۇرادەرلىرىڭنىڭ
ئىشەنچىسىدىن مەھرۇم بولۇپ، مەڭگۈلۈك پۇشايمانغا قالىسەن.
5. جىدەللىشىشكە مەجبۇرى بولۇپ قالساڭ سىرتقى قۇرال ياكى چىشىڭنى ئىشلەتمە، قارشى تەرەپنىڭ كۆزىگە بىر نەرسە سانچىما. يۇقارقىلارغا دىققەت قىلغان ئاساستا پۇخادىن چىققۇچە ئورۇشساڭ بولىدۇ. ئەلۋەتتە، داداڭ سېنىڭ جىدەلدە غالىپ كىلىشىڭنى ئۈمىد قىلىدۇ.
6. يەرگە چۈشۈپ قالغان تەڭگىلەرنى تىرىۋېلىپ ئۆيدە ساقلاپ قويساڭ بولىدۇ، ئەمما ئۇنى ئەسلا پورتمىلىڭغا سېلىۋىلىپ ئۆزەڭنىڭ قىلىۋالما.
7. باشقىلار سېنى سەمىمىيلىك بىلەن تاماققا تەكلىپ قىلغاندا، مۇبادا تاماقنى ياقتۇرمىساڭ، ”قۇرسىقىم بەك تويۇپ كەتتى“دىگىن، ھەرگىزمۇ ”كۆڭلۈم تارتمىدى“دىمە.
8. ھەر قانداق يىمەكلىك ۋە نەرسىدە ھاياتلىق مەۋجۇت. يىگۈڭ كەلسە يەپ، تاشلىغۇڭ كەلسە تاشلىساڭ بولمايدۇ.
9. زۆرۈر تېپىلغاندا كوللىكتىپ پىكىرى ۋە ئاممىۋى پىكىرلەرگە ھۆرمەت قىلساڭ بولىدۇ. ئەمما قەلبىڭدە جەزمەن ئۆز ئوي-پىكىرىڭدە چىڭ تۇر.
10. ئادەملەر ئۆز-ئارا پەرىقلىق بولىدۇ، شۇڭىلاشقا ئۆزەڭنى باشقىلار سېلىشتۇرۇپ يۈرمە.
تەرجىمە قىلغۇچى: ئېھسان
2014-يىلى 10-يانىۋار.
huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.
يېڭى يازمىلار
ھېيىت نەزمىسى
ئاپتورى:نۇرلان
بەركەت تىلەپ ئەھلى ئالەمگە،
مېھىر چېچىپ كۇللى خانەمگە.
سۇلغۇنلارنى چۆمدۈرۈپ رەڭگە،
يېتىپ كەلدى ئۇلۇغ روزا ھېيىت.
...
غەزەللەر
ئابدۇللا ساۋۇت
1
روھ قۇشۇم پەرۋازى دائىم غايىبات ئالەمدەدۇر،
ھەر نىگاھ چۈشكەندە گەۋدەم بىغۇبار سايەمدەدۇر.
روھىيەت چەكسىزلىكىدە م...
بۆرە بىلەن ئىتنىڭ سۆھبىتى
(ھېكايەتلىك مەسەل)
بىر بۆرە بىر كۈن يېمەكلىك ئىزدەپ ھېچنېمە تاپالماي، قورسىقى ئاچ كېتىۋاتقاندا، قورسىقى توق بىر ئىتقا...
بېلىپ قويۇش زۆرۈر بولغان 10 ھېكمەت
1 . سىز ئەسلىدىنلا بىر كىچىك شەخىس.
مەيلى سىز كىم بولۇشتىن قەتئىينەزەر، سىز ئەسلىدىنلا بىر كىچىك شەخىستىن ...
تۇخۇمنىڭ ھېكايىسى
تۇخۇم ئاجىز،تۇخۇمنى تاشقا ئۇرۇش ئەخمەقلىق.
ئەگەرتۇخۇم 25-قەۋەتتىن چۈشۈپ كەتسە،نۇرغۇن كىشىلەر بەرىبىر تۇخۇمغۇ ...
تەۋسىيە (1)
ئىنكاسلار
ئىستاتىستىكا
- يازما سانى: 502 پارچە
- باھا سانى: 44 پارچە
- تۈر سانى: 6 پارچە
- خەتكۈش سانى: 24 پارچە
- قۇرۇلغان ۋاقىت:
- تور بېكەت ئېچىلغىلى 16286 كۈن بولدى
- يېڭىلانغان ۋاقتى: 2014-07-28
خەتكۈشلەر
تەۋسىيە (2)