ھەقىقىي ئەركەك توخۇ يۈرەك بولمايدۇ
تەۋە تۈر: باشقىلار | يوللانغان ۋاقتى: 2013/04/03 | ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,074 قېتىم

ھەقىقىي ئەركەك قارشى چىقىشنى بىلىدۇ

 

( يۈسۈپجان داۋۇد شاھىدىي تەرجىمىسى )

 

چەتئەلدىكى بىر شەھەردە بىر شەھەر باشلىقى ياردەمچىلىككە جەمئىيەتتىن ئاشكارا ئادەم تەكلىپ قىلىپتۇ . شەرتى : تەكلىپ قىلىنغۇچى ئەر بولۇشى كېرەككەن . بۇ يەردىكى ”ئەر كىشى“ دېگەن گەپنىڭ نوقۇل فىزىئولوگىيىلىك پەرقىنى ئەمەس ، بەلكى مەنىۋى پەرقىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە بەش قولدەك ئايان ئىكەن .
مەدەنىيەت ۋە ئونۋېرسال ساپا جەھەتتىكى قاتمۇ _ قات تاللاشتىن كېيىن ئۈچ ئادەم ئاخىرقى قېتىملىق ئالاھىدە ئىمتىھانغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىپتۇ . بۇ ، ئەڭ ئاخىرقى ئۆتكەل ئىكەن . بۇ ئۈچ ئادەم نۆۋەت بويىچە كىرىپ ئىمتىھان بېرىپتۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۆتكەلدىكى ئىمتىھاننى شەھەر باشلىقى ئۆزى ئاپتۇ .
تۇنجى بولۇپ بىر ئەركىشى كىرىپتۇ . ئۇ ، سېرىق چاچلىرى پارقىراپ تۇرىدىغان ، پېشانىسى كەڭرى ، بەستلىك كىشى ئىكەن . شەھەر باشلىقى ئۇنى ئالاھىدە بېزەلگەن بىر ئۆينىڭ بوسۇغىسىغا باشلاپ كەپتۇ . پول پۇتۈنلەي ئۇششاق ئەينەك سۇنۇقلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەن بولۇپ ، قارىسا ئادەمنىڭ تېنى شۈركىندىكەن . شەھەر باشلىقى سۈرلۈك تەلەپپۇزدا دەپتۇ :
_ ئۈستەلدە بىر ۋاراق جەدۋەل بار ، يالاڭ ئاياغ كېرىپ ئاشۇ جەدۋەلنى تولدۇرغاندىن كېيىن ماڭا تاپشۇرۇڭ .
ھېلىقى ئەر ئىككىلەنمەستىن ئايىقىنى سېلىۋېتىپ ئۆتكۈر ئەينەك سۇنۇقلىرىغا دەسسىگىنىچە جەدۋەلنى ئېلىپ چىقىپ تولدۇرۇپ شەھەر باشلىقىغا بېرىپتۇ _ دە ، جاندىن ئۆتىدىغان ئاغرىققا چىداپ ، خاتىرجەم قىياپەتتە شەھەر باشلىقىغا قاراپ تۇرۇپتۇ . شەھەر باشلىقى ئۇنىڭغا بىر چوڭ زالنى كۆرسىتىپ دەپتۇ :
_ ئاۋۇ زالدا ساقلاپ تۇرۇڭ .
ھېلىقى كىشى بۇنىڭدىن ھاياجانلىنىپتۇ .
شەھەر باشلىقى ئىككىنچى بولۇپ كىرگەن كىشىنى ئالاھىدە ياسىلىپ ، ئىشىكى ھىم ئېتىلگەن يەنە بىر ئۆينىڭ بوسۇغىسىغا باشلاپ كەپتۇ ۋە سوغۇق تەلەپپۇزدا :
_ ئۆيدىكى ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە بىر ۋاراق جەدىۋەل بار ، ئاشۇ جەدۋەلنى تولدۇرغاندىن كېيىن ماڭا بېرىڭ ! _ دەپتۇ .
ھېلىقى كېشى ئىشىكنى ئىتتىگەنكەن ، ئېچىلماپتۇ .
_ بېشىڭىز بىلەن ئىتتىرىپ ئېچىڭ ! _ دەپتۇ شەھەر باشلىقى بۇيرۇق قىلىپ .
ھېلىقى كىشى ئارتۇق گەپ قىلماي ئىشىككە ھەدەپ ئۈسۈشكە باشلاپتۇ . ئۈسە _ ئۈسە . . . ئارىدىن يېرىم سائەتچە ۋاقت ئۆتۈپتۇ ، ئۇنىڭ بېشى يېرىلىپ ، يۈز _ كۆزى قانغا بويىلىپتۇ ، ئىشىك ئاخىرى ئېچىلىپتۇ ۋە جەدۋەلنى ئېلىپ چىقىپ ئەستايىدىل تولدۇرۇپ شەھەر باشلىقىغا بېرىپتۇ . شەھەر باشلىقى ئۇنىڭغىمۇ :
_ ئاۋۇ زالدا ساقلاپ تۇرۇڭ ، _ دەپتۇ . بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھېلىقى كىشى ئىچىدە خۇشھال بوپكېتىپتۇ .
شۇنداق قىلىپ ھېلىقى ساغلام ، كۈچلۈك ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئىرادىسى ۋە جاسارىتى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئىسپاتلاپتۇ . ئەمما ، شەھەر باشلىقىنىڭ چىرايىدا رازىمەنلىك ئالامىتى يوقمىش .
شەھەر باشلىقى ئاخىرىدا يەنە بىر كىشىنى بىر ئۆينىڭ بوسۇغىسىغا باشلاپ كېلىپ ئۆيدىكى ھەم ئورۇق ، ھەم ئاجىز بىر بوۋاينى كۆرسىتىپ تۇرۇپ دەپتۇ :
_ ئۇنىڭ قولىدا بىر جەدۋەل بار ، ئاشۇ جەدۋەلنى تولدۇرغاندىن كېيىن ماڭا بېرىڭ ! ئەمما ئۇنى ئۇرۇپ يېقىتمىسىڭىز جەدۋەلنى سىزگە بەرمەيدۇ !
_ ئۇنى نېمىشقا ئۇرغۇدەكمەن ، سەۋەبىنى دەپ بېرىڭ ! _ دەپتۇ ھېلىقى كىشى شەھەر باشلىقىغا مىقتەك قادىلىپ تۇرۇپ .
_ بۇ دېگەن بۇيرۇق !
_ قىپقىزىل ساراڭكەنسىز ! نېمىدەپ ئۇ ئاجىز بۇۋاينى ئۇرغۇدەكمەن ؟
شەھەر باشلىقى ئۇنى ئالدىنقى ئىككى كىشىگە ئوخشاش پولغا ئەينەك سۇنۇقلىرى چېچىلغان ئۆي بىلەن ئىشىكى ھىم ئېتىلگەن ئۆيگە كېرىشكە بۇيرۇپتۇ ، ئەمما ھېلىقى كىشى بۇنىمۇ رەت قىپتۇ . شەھەر باشلىقى ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن ھومىيىپتۇ .
بۇنى كۆرۈپ قۇيقا چاچلىرى تىك تۇرۇپ كەتكەن ھېلىقى كىشى ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ مېڭىپتۇ . ئەمما شەھەر باشلىقى ئۇنى چاقىرىپتۇ .
شەھەر باشلىقى بۇ ئۈچەيلەننى بىر يەرگە يېغىپ ، ئۇلارغا پەقەت ئەڭ ئاخىرقى كىشىنىڭلا ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلىكىنى جاكارلاپتۇ .
باش _ كۆزى ۋە پۇتلىرى قاناپ كەتكەن ھېلىقى ئىككى كىشى بۇ ئۈچىنچى كىشىگە سىنچىلاپ قاراپتۇ ۋە ئۇنىڭ بەدىنىدە ھېچقانداق زەخىمنىڭ يوقلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قاپتۇ ، شەھەر باشلىقىنىڭ قارارىغا قايىل بولماي تەڭلا سۇراپتۇ :
_ بۇ قانداق گەپ ؟
_ ھېچقايسىڭلار ھەقىقىي ئەركەك ئەمەسكەنسىلەر ، _ دەپتۇ شەھەر باشلىقى .
_ نېمە ؟ ! _ ھېلىقى ئىككىسى يەنە چۇرقىرشىپتۇ .
شەھەر باشلىقى سەمىمىلىك بىلەن چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ شۇنداق دەپتۇ :
_ ھەقىقىي ئەركەك قارشى چىقىشنى بىلىدۇ ، ھەققانىيەت ۋە ئادالەت ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشقا جۈرئەت قىلالايدۇ ، ئەمما ھەرگىزمۇ قارىغۇلارچە ئىتائەتمەنلىك قىلىپ ئورۇنسىز قۇربان بەرمەيدۇ .

ھاسىلكالام : ھەقىقى ئەركەك توخۇ يۈرەك بولماسلىقى ، گېزى كەلگەندە كۆكرەك كېرىپ چىقىشنى بىلىشى ، ھەممىگىلا قارىغۇلارچە ئىتائەت قىلىۋەرمەي ئۆزىنىڭ پرىنسىپال مەيدانىدا چىڭ تۇرۇشى لازىم . دۇرۇس ، دۇنيادا ئەر كىشىلەر ناھايىتى كۆپ ، ئەمما ، يوقىرىقى ئىككى ئۆلچەمگە چۈشىدىغان ھەقىقى ئەركەكلەر ناھايىتى ئاز .
مەنبە: باغداش مۇنبىرىدىن ئېلىندى.

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)