بۇرۇت ماجراسى
ساتىرا
سېنى دەپلا ئايالىم ،ماڭا كۆيگەن بۇرۇتۇم ،
سېنى دەپلا ئايالىم ،مېنى سۆيگەن بۇرۇتۇم .
سەن بولغاچقا ئەركەكتەك، يۈرگەن ئىدىم غادىيىپ ،
مەندىن بالدۇر كېتەمسەن ،ۋىدالاشماي بۇرۇتۇم .
بۇرۇت قويغان ئەجدادىم ،ئۆچۈرگىلى بولامدۇ؟
تۈك چىقمىسا قولتۇقتىن كۆچۈرگىلى بولامدۇ ؟
سەن بولمىساڭ بۇ ،يۇزنى كۆتۈرگىلى بولامدۇ؟
ئورۇۋاتقان بېدىدەك ياش تۆكەمسەن بۇرۇتۇم .
كۆڭلىڭگىمۇ ئالمايتتىڭ ،يۈرسەم سېنى مايلىماي ،
مەيلى ئىدى خىزمەتتە ،سېنى ئىلغار سايلىماي .
«مىخ»يىگەندەك بوپقالدى ،«ئۇلار »ساڭا پايلىماي،
چىدىشى يوق «ئۇلار»نىڭ، ساڭا ئەي -شاپ،بۇرۇتۇم .
بۇرۇنقىلار يۈزىدە ،شۇنداق بۇرۇت يوقمىدى ،
بۇرۇت ئۈچۈن يۈرۈكىڭ پەقەت ئەركىن سوقمىدى .
شاپ،بۇرۇتۇم كۆزۈڭگە يا- ئېتىلغان ئوقمىدى ،
«خوشنىلار»نىڭ كۆزىگە سىغمىدىڭغۇ بۇرۇتۇم .
بۇرۇت دېگەن مىراسكەن، قويماسلىققا چارە يوق ،
چىداشمىدى «خوشنىلار»،باشقىلارنىڭ كارى يوق .
يەپكەتكۈدەك بۇرۇتقا كېلىدىغان پارە يوق ،
كەيىپ –ساپا قىلمايتتىڭ ئاددى –ساددا بۇرۇتۇم .
سەن بولغاچقا چوكانلار ،ھەۋەس بىلەن قارىشار،
سەن بولغاچقا «خوشنىلار »ئىشخانامدىن مارىشار.
سەن توغۇرلۇق باشلىقلار ئاق قۇچقاچتەك سايرىشار،
دەم ئېلىشقا چىققۇچە، چىقماي تۇرساڭ بۇرۇتۇم .
سەن توغۇرلۇق باشلىقلار، ھەرنېمىلەر دەپ كەتتى ،
سەن توغۇرلۇق «سوت ئېچىپ »جەرمانىلەر ئەپ كەتتى .
جەرمانىنى تۆلىسەم ھۆججەت بەرمەي يەپ كەتتى ،
باشقىلارنىڭ كۇزۇرى، بوپقالدىڭغۇ بۇرۇتۇم .
قايسى بىر ئەر-دەسلەپتە، بۇرۇت- ساقال قويمىغان ،
بۇرۇت قويغان دادامغا ،ئانام شۇڭا تويمىغان .
بۇرۇت قويۇپ ئەجدادىم ،چەتئەللەردە ئوينىغان ،
بۇكۈنلەرگە كەلگەندە ،ئۈششۈك تەگدى بۇرۇتۇم .
مەخسۇس ھۆججەت مەركەزدىن، پات يېقىندا كەلگۇدەك ،
«كوسىلار»غا ئايمۇ –ئاي، تۇلۇقلىما بەرگۈدەك .
بۇرۇت قويماي «خوشنىلار »قاش –كىرپىكنى تەرگۈدەك،
سەۋەپسىزلار« باشقىلار» تاش ئاتتىغۇ بۇرۇتۇم .
بۇرۇت دېمەك ئەزەلدىن ،بوۋام دەيتتى ئەر-دېمەك ،
شۇ بۇرۇتسىز ئەركەكنىڭ مەۋجۇتلىقى نە- كېرەك .
تاك قىلالماس« باشقىلار » ئوخشاش سوقسا مىڭ يۈرەك،
شۇ، چاغدىلا ئارمانغا يىتەرسەنمۇ بۇرۇتۇم .
ئاپتۇرى : قاراقاش ناھىيە كاۋاك ئوتتۇرا مەكتەپتە .
- 8750: بىلوگنىڭ يىڭى ئۇسلۇبى بەك پىچەت چىقىپتۇ ، نەچچىگە لايىھەلەپ
- ئۇيغۇرجان: بلوگىڭىز ئىنتايىن ياخشى چىقىپتۇ ياقتۇردۇم . ئۇيغۇرجان بلوگى
- مۇئەللىم: بۇ مىكرو ھىكايدىن شۇنداق ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ، ماددى گاد
- نامەت خىزمەت: ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ! خۇشخۇي ئاكا بىر ئاللاھ تىن سىزگە ئەمى
- huxhuy: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،ئەلبەتتە بولىدۇ.
- يازما سانى: 461 پارچە
- باھا سانى: 32 پارچە
- تۈر سانى: 6 پارچە
- خەتكۈش سانى: 24 پارچە
- قۇرۇلغان ۋاقىت:
- تور بېكەت ئېچىلغىلى 16111 كۈن بولدى
- يېڭىلانغان ۋاقتى: 2014-02-01